كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 2

كۈلۈمسىرەشنىڭ ھېكمىتى ۋە قىممىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈلۈمسىرەشنىڭ  ھېكمىتى  ۋە  قىممىتى

  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى

ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

  خەلقىمىز ئەزەلدىن چىراي گۈزەللىكىدىن تارتىپ ياسىنىش، كىيىنىش ۋە قەلب گۈزەللىكىگىچە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەخلاق-پەزىلەت، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلەر ئىچىگە قويغان. ئاشۇ گۈزەللىكلەرنىڭ يارقىن جۇلالىرىدىن بىرى كۈلۈمسىرەش بولۇپ، ئۇ بىرخىل يېقىملىق چىراي ئىپادىسى، شۇنداقلا قەلب گۈزەللىكىنىڭ، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئەخلاق -پەزىلەتنىڭ چىرايدا نامايان قىلىنىشىدۇر. كۈلۈمسىرەش بىر خىل سەمىمىي ھېسسىيات، ساغلام ئىدىيە ۋە گۈزەل جەريان بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىدىكى ئەڭ ئىللىق، يېقىملىق ۋە ئەڭ چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولغان كۆرۈنۈش.

   كۈلۈمسىرەش كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەم باغلاپ، دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر- مۇھەببەت، سەمىمىيلىك، ئىللىقلىق، گۈزەللىك، دوستلۇق ئاتا قىلىدۇ.

       مەن كىتابتىن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇغانىدىم. بىر تۇرۇبا ئىشچىسىنىڭ تەلىيى تولىمۇ تەتۈر كەپتۇ. باشتا ماشىنىسىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كېتىپتۇ، ئارقىدىنلا توك ئۈشكىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ، ئاخىرىدا ماشىنىسى كاردىن چىقىپتۇ. ئۇنى ياللىغان ئادەم نائىلاج ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، چىرايى غەزەپتىن پۈرۈلۈپ كەتكەن تۇرۇبا ئىشچىسى ئۆيىگە كىرىشكە ئالدىرىماستىن، ئىشىك تۈۋىدە بىردەم جىمجىت تۇرۇۋاپتۇ ھەمدە ئىككى قولى بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى بىر تۈپ دەرەخنى سىيلاپ قويۇپتۇ. خوتۇنى ئىشىكنى ئاچقان چېغىدا، ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇنى ياللىۋالغان ھېلىقى ئادەم ھەيران بولغان ھالدا: ‹‹بايا ئىشىك ئالدىدا قىلغان ھەرىكىتىڭىزنىڭ نېمە مەنىسى بار؟›› دەپ سورىغانىكەن، تۇرۇبا ئىشچىسى كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ئۇ مېنىڭ ئازاپ دەرىخىم. مەن سىرتتا ئىشلىگەندە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالىي بولالمايمەن. لېكىن ئاچچىقنى ئۆيگە سۆرەپ كىرگۈم كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنى ئاشۇ دەرەخكە قويۇپ قويۇپ خوتۇن – بالىلىرىم بىلەن كۈلۈمسىرەپ كۆرۈشىمەن. ئەتىسى ئۆيدىن چىققاندا ئاشۇ ئاچچىق، خاپىلىق غايىپ بولغان بولىدۇ›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

   ‹‹خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق خۇددى پۇل بىلەن ئەخلەتكىلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ساقلاپ قويغىلىمۇ ھەم تاشلىۋەتكىلىمۇ بولىدۇ››. مېنىڭچە، قايغۇ، ئازاپ، خاپىلىق ئىچىدىمۇ باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىلى بولىدۇ. كۈلۈمسىرەشنىڭ قۇدرىتى زور بولۇپ، قايغۇنى يەڭگىلى، ئازاپنى يەڭگىللەتكىلى، خاپىلىقنى تۈگەتكىلى ھەتتا كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارازچىلىق، كۆڭۈل ئاغرىقى، ئاداۋەتنى يۇيۇپ، ئۇنى دوستلۇققا ئايلاندۇرغىلى، مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقىلى بولىدۇ.

   كۈلۈمسىرەش ئارتۇقچە شەرت تەلەپ قىلمايدىغان، ھېچقانداق كۈچ سەرپ بولمايدىغان ھەم ھېچقانداق چىقىمى يۇق مەبلەغ سېلىشتۇر. كىشىلىك مۇناسىۋەت دەل مۇشۇ مەبلەغنىڭ قىممىتى ۋە بەرىكىتىدىن مېھىر - مۇھەببەت، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە تولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئىناقلىق، ئۆملۈك، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇققا يول ئاچىدۇ. كۆڭۈللەر بىر – بىرىدىن سۇ ئىچىدۇ. ئۇ كۆڭۈل غەشلىكىنى تۈگىتىپ، مىسكىن دىللارغا جۇشقۇنلۇق، غەم – ئەندىشىلەرگە شادلىق، زىددىيەت ئېڭىغا ئېجىل- ئىناقلىق، يېقىنلىق ئاتا قىلىدۇ.

   كۈلۈمسىرەش بولغاندا ھۆرمەتلەش بولىدۇ، ھۆرمەتلەش، مېھىر-مۇھەببەت بولغاندا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، چۈشىنىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش بولىدۇ. كۈلۈمسىرەش بىرخىل كۆڭۈل ئىزھارى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بىر خىل ئالاھىدە سەنئەت بولۇپ، كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغىلى، باشقىلارغا ئىلھام بەرگىلى، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. كۈلۈمسىرەش بولغان جايدا سەمىمىيلىك، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە ئەخلاق-پەزىلەت گۈللىرى خۇش پۇراق چاچىدۇ. كۈلۈمسىرەش كىشىلەر ئارىسىغا قەلب كۆۋرۈكى سالىدۇ، كۈلۈمسىرەش كىشىلەرگە باھار ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كۈلۈمسىرەش باھار شامىلىدەك يېقىملىق بولۇپ ھېسسىياتنى تاۋلايدۇ، شادلىق ھۇزۇرى، كۆڭۈل ئازادىلىكى بەخش ئېتىدۇ.

   كۈلۈمسىرەش ھېچقانداق بەدەل تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەر كۈلۈمسىرەشنى بىلمەيدۇ. خۇددى دۇنيادىكى بارلىق دەرد -ئەلەملەرنى ئۆزىلا يۇتۇۋالغاندەك، بارلىق كۈلپەت، بەختسىزلىكنى ئۆزىلا يۇتۇۋالغاندەك كۈنبويى چىرايى تۇتۇلۇپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق ناچار ھالەت جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماي، يەنە ئازاب ۋە بەختسىزلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

       كۈلۈمسىرەشنى بىلمىگەن ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خاسىيەتلىك ۋە قىممەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىققا، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە موھتاج. بۇ ئېھتىياجلار كۈلۈمسىرەش ئىچىدە قانائەت تاپىدۇ. ئادەم كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق باشقىلارغا سۆيۈملۈك ۋە يېقىملىق كۆرۈنىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

      ئائىلە ئىناقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە كۈلۈمسىرەشكە تايىنىمىز. كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن خۇشال -خۇرام ياشىيالايدىغان بولىمىز. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيلى. ئائىلە، جەمئىيەت ۋە پۈتكۈل دۇنيا مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن، بارچە قەلبلەر ئىللىقلىقتىن ھارارەتلەنسۇن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-26 14:17:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز......... تىمىڭىزغا رەھمەت... شۇنداق كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن خۇشال -خۇرام ياشىيالايدىغان بولىمىز. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيلى. ئائىلە، جەمئىيەت ۋە پۈتكۈل دۇنيا مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن، بارچە قەلبلەر ئىللىقلىقتىن ھارارەتلەنسۇن.
ۋاقتى: 2015-5-26 17:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھىميەتلىك تېما يوللاپسىز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش