كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 1

بەخت بىلەن بەختسىزلىك ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەخت  بىلەن  بەختسىزلىك  ئايرىلماس  ھەمراھلاردۇر

  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:  شىنجاڭ  گېزىتى

ئاتىگۈل مەمتىمىن

  بەخت ۋە بەختسىزلىك نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر- بىرىدىن ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر. كىشىلەر دائىم ئۆزىدە بار نەرسىلەرنىڭ قەدىرىنى بىلمەي، ئۇنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىگە ئۆكۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بەختكە بەختسىزلىك، خۇشاللىققا خاپىلىق ھەر ۋاقىت ھەمراھ.

        بۇرۇن بىر يىگىت ھەمىشە تەڭرىدىن ئۆزىگە بەخت ئاتا قىلىشىنى تىلەيدىكەن، شۇ نىيەت بىلەن كېچە-كۈندۈز تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، ئاخىر تەڭرىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ، بىر كۈنى كېچىدە يىگىت ئىشىكىنىڭ يېنىك چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئىشىك تۈۋىدە چېھرى ئاينى خىجىل قىلغۇدەك بىر ساھىبجامال قىز تۇرغۇدەك، قىز يىگىتنى كۆرۈپ يېقىملىق ئاۋازدا؛

  - مەن بەخت ئاتا قىلغۇچى ئايال ئىلاھ، ئىسمىم قۇت پەرىسى، دەپتۇ.
   خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك بولغان يىگىت قىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. بۇ چاغدا قۇت پەرىسى كۈلۈمىسرىگەن ھالدا:

-سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ، مېنىڭ يەنە بىر سىڭلىم بار، ئۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ، دەپتۇ - دە، ئارقىسىغا قاراپ قاراڭغۇدا تۇرغان سىڭلىسىنى چاقىرىپ يىگىتكە تونۇشتۇرۇپتۇ. بۇ قىزغا قاراپ يىگىتنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، قان دىدارى قالماپتۇ ھەم كۆڭلىدە، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ سەت، بەتبەشىرە قىز بولدىكىنە، دەپ ئويلاپتۇ.

  ئۇ قۇت پەرىسىدىن:
  -بۇ قىزچاق راستىنلا سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ.
-راستىنلا مېنىڭ سىڭلىم، ئىسمى تۈن پەرىسى، ئۇ بەختسىزلىكنى كەلتۈرگۈچى ئايال ئىلاھ، دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىپتۇ قۇت پەرىسى.

        بۇنى ئاڭلىغان يىگىت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ:

   ئۆيگە ئۆزىڭىز كىرسىڭىزلا بولدى، تۈن پەرىسى سىرتتا تۇرۇپ تۇرسۇن، بولامدۇ ؟ دەپتۇ. قۇت پەرىسى:

   تەلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىزمەن، چۈنكى سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان يىگىت قاتتىق ئازابلىنىپ گەپ-سۆز قىلالماپتۇ.

   قۇت پەرىسى:
   ئەگەر سىز بىر قارارغا كېلەلمىسىڭىز، بىز قايتايلى، دەپ تېزلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

         تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ، ئازاب بىلەن خۇشاللىقنىڭ بىرىكمىسى. ھەر قانچە زور خۇشاللىقمۇ، ھەر قانچە چوڭ ئازاپمۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئۆزئارا دەۋرىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ئەرزىمەس بىر قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ۋە ياكى سودا - تىجارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ھەممىدىن بىزار بولۇۋاتقانلار، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلار يوق ئەمەس، بىلىش كېرەككى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت دائىم مەغلۇپ بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيىتى ئۇلارنىڭ مەڭگۈ غەلىبە قازىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. توغرا پوزىتسىيە شۇكى ھاياتلىقتا بەخت ۋە بەختسىزلىك ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بەخت كەلگەندە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىك، بەختسىزلىككە يولۇققاندا خۇدىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەك. چۈنكى بەخت ۋە بەختسىزلىك ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-26 17:25:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش