| چەتئەللەرنىڭ ئاساسىي مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى
شىن لېيجيەن ئاۋستىرالىيەدە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تۈزۈشنى مەكتەپ قارار قىلىدۇ. ئاۋستىرالىيەدە مائارىپ ئورۇنلىرى چوقۇم تەسىس قىلىشقا تېگىشلىك دەرسلىكلەرنى بەلگىلەپ بەرسىمۇ، لېكىن ئوقۇشلۇقلارنى قانداق تۈزۈش، دەرس سائىتىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرى بېكىتىدىكەن. ئاۋستىرالىيەنىڭ ئاساس مائارىپى 13 يىللىق بولۇپ، بالىلار 5 يېشىدىن باشلاپ يەسلىدە ياكى تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇپ، قالغان 10 يىلدا باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەجبۇرىي مائارىپتا ئوقۇيدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2 يىل ئىكەن. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەت بويىچە مائارىپ ئىشلىرى سىياسىتىنى چىقىرىش بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مەسئۇل بولۇپ، مائارىپ ئورۇنلىرىنى راسخوت كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىش، دۆلەتلىك تۈرلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ بېكىتىدىكەن، لېكىن مەكتەپلەرنى بىۋاسىتە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدىكەن. ئوبلاست (ۋىلايەت)لىك ھۆكۈمەت شۇ جايدىكى مائارىپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەمدە مائارىپ مۇلازىمىتىگە مەسئۇل بولىدىكەن. ئوبلاست (ۋىلايەت)لەردە مائارىپ نازارىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت، تۈزۈم ۋە مائارىپ ئارقىلىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تارقاتقان ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشىدىكەن. ئاۋستىرالىيەدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېت، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىكى قىسمەن ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ خىل سالاھىيەتنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۇنۋېرسىتېت، كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتلىرى، سودا ئىنستىتۇتلىرىدا ئوقۇشنى ياكى باشقا كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلىنىشنى ئۆزى تاللىسا بولىدىكەن. فىرانسىيە: بىلىم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مەلۇم ئىجتىمائىي ئىقتىساد ئۆلچىمىگە ئاساسەن شەھەرنى ئوخشىمىغان رايونلارغا ئايرىيدىكەن. ئاشۇ تەلەپكە يېتەلمىگەن رايونلار مائارىپقا ئالدىن تاللايدىغان رايون قىلىپ ئايرىلىدىكەن. چۈنكى، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، رايونلارنىڭ ئىگىلىكى (ئىقتىسادى) راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ قارايدىكەن. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان رايونلار كۆپ ھاللاردا نوپۇس مەنبەسى، مەدەنىيىتى ھەمدە ئارقا كۆرۈنۈشى نىسبەتەن مۇرەككەپ رايونلار بولۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان رايونلارغا ئايرىشنىڭ سەۋەبى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ھەر خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئاساسلىقى نامرات رايونلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە ئوقۇتۇش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتنى بەلگىلىشى جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن ئىقتىسادىي ئورۇن پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان «بىلىم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر ئەمەس» دېگەن ھادىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىكەن. ياپونىيە: ئىلىم - پەن مائارىپىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ئىلىم - پەن ياپونىيە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپىدىكى مۇھىم دەرسلىك، شۇنداقلا ياپونىيەدە قانات يايدۇرۇلغان مۇھىم تۈر، تەكشۈرۈشتە ئىسپاتلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئىلىم - پەن مائارىپى خەلقئارادا تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغان ئون ساھە ئىچىدە ئەڭ ياخشى. ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ئىلىم - پەن مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 - يىللىقىدىن باشلاپلا مەقسەتلىك ھالدا بىر قاتار كۆزىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە زۆرۈر بولغان تەجرىبىگە ئەھمىيەت بېرىشنىمۇ تەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ھادىسىلەرنى بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى (ھەۋىسى)نى قوزغايدۇ. ياپونىيەنىڭ ئىلىم - پەن مائارىپى باشتىن - ئاخىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېخنىكا تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. «)جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى»دىن( راخمانجان رۇسۇل )ت( |
|