كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 2

ئالغا بېسىشىڭىزغا ياردەم بىرىدىغان ئون ئېغىز سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالغا  بېسىشىڭىزغا  ياردەم  بىرىدىغان  ئون  ئېغىز  سۆز

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  مائارىپ  گېزىتى

.1    ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماڭ. چۈنكى، سىزنى ياقتۇرىدىغانلار سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىڭىزگە موھتاج بولمايدۇ، سىزنى ياقتۇرمايدىغانلار بولسا چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ.
.2    ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھاياتىدىكى پەقەت بىر تاللاشلا بولۇپ قالغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشقا يول قويماڭ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزئارا تەڭپۇڭلۇققا يەتكەندىلا، ئاندىن ئىشلار ئەڭ ياخشى يۈرۈشىدۇ.
.3    ھەر كۈنى ئەتىگەن ئويغانغىنىمىزدا مۇنداق تولىمۇ ئاددىي ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىمىز: بىرى، داۋاملىق ئېغىناپ يېتىپ، شېرىن ئۇيقۇمىزنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىش؛ يەنە بىرى، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ ئارزۇ - ئارمانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىش. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى تاللاش ھوقۇقى تامامەن ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.
.4    بىز دائىم بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى ئۆزىمىز ئۈچۈن يىغلىتىمىز، ئۆزىمىز بولسا بىزگە مەڭگۈ كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياش تۆكىمىز، يەنە كېلىپ بىز ئۈچۈن ياش تۆكمەيدىغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىمىز. بۇ، ھاياتلىقتا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھادىسە. بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، ئۇنى ھازىر ئۆزگەرتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
. 5    خۇشال بولغان ۋاقتىڭىزدا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان چاغدا يەڭگىللىك بىلەن جاۋاب بەرمەڭ، ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ھەرگىز قارار چىقارماڭ، ھەرقانداق ئىشتا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىڭ.
.6     ۋاقىت ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ. سىز ئوخشاش ئېقىۋاتقان سۇنى مەڭگۈ ئىككى قېتىم تۇتالمايسىز، چۈنكى ئېقىپ كەتكەن سۇ ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ. دېمەكچى، ھاياتىڭىزنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدىن بەھرىمەن بولۇڭ.
.7    قاچانلا قارىسا «مەن بەك ئالدىراش» دېگەن گەپنى ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمىسىڭىز، كۈنلىرىڭىز مەڭگۈ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە «ۋاقتىم يوق» دېگەن گەپنى ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمىسىڭىز، مەڭگۈ ۋاقىت چىقىرالمايسىز، «بۇ ئىشنى ئەتە قىلايچۇ» دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، ئەتىڭىز مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ.
. 8    ھەقىقىي قابىل كىشىلەر ۋاسىتە تاللىماي باشقىلارنى يېڭىدىغانلار بولماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرىدىغانلاردۇر.
. 9    بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغان بولسىڭىز، ئېسىڭىزنىڭ بارىدا تۇتۇش قىلىڭ، خەقنىڭ ئۇنى - بۇنى دېيىشلىرىدىن، تەقدىرنىڭ سىناقلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەڭ. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماي تاشلاپ قويۇش ئادەمنىڭ زېھنى ۋە ئىرادىسىنى چىرىتىۋېتىدۇ.
. 10    ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتقاندا دوستلىرىڭىز سىزنى تونۇيدۇ، ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتمىغاندا دوستلىرىڭىزنى سىز تونۇيسىز.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-20 16:16:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسل ھىكىمەتلەركەن، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-5-22 15:04:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10. ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتقاندا دوستلىرىڭىز سىزنى تونۇيدۇ، ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتمىغاندا دوستلىرىڭىزنى سىز تونۇيسىز.

بەك ئىسل ھېكمەتلەر ئىكەن.. جاپا چىكىپسىز......... رەھمەت...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش