| جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرىمەن دېمەڭ
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ئابلىمىت ئابلىز تۇرمۇشتا تۈرلۈك تاللاشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بەزىدە تاللىشىمىزنىڭ توغرا بولۇشى ياكى بولماسلىقى كەلگۈسىدىكى تەقدىرىمىزنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن. توغرا تاللاش بەزىلەرنى خۇشال قىلسا، خاتا تاللاش بەزىلەرنى پۇشايماندا قالدۇرىدۇ. كەسىپ تاللاشمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى ماددىي مەشىئەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىمىزدىكى مۇھىم ئامىل. بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەنمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە، ئىزدىنىشىمىزگە ۋە قۇربانلىق بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشى بىلەن، بەزى ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردا بەزى كەسىپلەرنى ياراتمايدىغان، چوڭراق ئىشلارنى ياكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەنمەكتە. يېقىندا بىر تونۇشۇم 20 ياشلىق ئوغلىنىڭ مۇقىمراق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەلگۈسىدە ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئوغلى ھېچقايسى كەسىپنى ياراتماپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئوغلىغا ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى كەسپىنى ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلغىنىمدا، ئۇ: ‹‹كۈندە سېسىق پۇرايدىغان بۇ كەسىپنى ئادەم قىلامدۇ›› دېگىنىچە غۇدۇراپ كەتتى. ھازىرقى ياشلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا، تۇرمۇش سۈپىتىمىز ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان باياشات يىللاردا تۇغۇلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغاچقا، جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن بولغاچقا، جاپا تارتىش، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش روھى كەمچىل. بەختلىك تۇرمۇش بىر كۈندىلا روياپقا چىقمايدۇ. ئۇ تىرىشچانلىق، توختىماي ئىزدىنىش ۋە جاپالىق مېھنەت بەدىلىگە كېلىدۇ. ياپونىيەنىڭ داڭلىق ‹‹سۇڭشيا›› گۇرۇھىنىڭ لىدىرى سۇڭشيا جىڭجىجۇ دەسلەپتە بىر ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرى رېمونتخانىسىدا رېمونتچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. كېيىن ئۇ رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئىگىلەش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك دۆلەت ھالقىغان، 250 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچىسى بار داڭلىق شىركەتنى قۇرۇپ چىققان. مەن بىر نەچچە يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىمدا كۆپلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم. بەزىلەر دەسلەپتە ئازراق دەسمايە بىلەن قوغۇن-تاۋۇز سېتىپ ئىش باشلىغان،بەزىلەر ئىشلەمچىلىك قىلغان. ئۇلار شۇ ئىشلانى قىلىپ ئازراق، ئازراقتىن پۇل يىغىپ، تىجارەت دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، ئاخىر مەلۇم بىر ئىگىلىكنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان. ھازىر نۇرغۇنلىغان ئىش ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ياخشىراق ئىش ئورنى يوقلۇقىدىن قاقشاۋاتىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت رېمونتچىلىقى، كەپشەرلەش، مانتىيورلۇق، گۈلچىلىك، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرگە بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى ئىكەن. لېكىن، ئىش ئورنى، ئىش ئىزدىگۈچى كۆپ، ئىش ئورۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان ئادەم ئاز بولۇپ، ئىش ئىزدىگۈچى ياشلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىش ئورنى قىسمەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياشلار جاپاسى ئاز، تەمىناتى يۇقىرى كەسىپلەرنى ئۆزىنىڭ تاللاش نىشانى قىلىۋالغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھەرقايسى كەسىپلەردىكى رىقابەت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ، تاللاش ۋە شاللىنىش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلارنىڭ كەسىپ تاللىغاندا سالماق بولۇشى، ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن تاللىشى، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشكە كۈچىشى، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى، تاكاممۇللاشتۇرۇشى كېرەك. جاپا -مۇشەققەتكە چىداش، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولغاندىلا، رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ. |
|