| قەلبلەر مۇھەببەتكە تولسۇن
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
مۇيەسسەر خېلىل مېھىر-مۇھەببەت ھەممىمىزگە قانات. بىز ھاياتلىق مۇساپىمىزدە تونۇشايلى ياكى تونۇشمايلى ياكى سەپەرداش بولايلى ياكى بولمايلى، قەلبىمىزدە ھاياتقا بولغان، تۇرمۇشقا بولغان، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان مۇھەببەت بولىدىكەن، كۈنلىرىمىز ئەھمىيەتلىك، قىلغان ئىشلىرىمىز مۇھەببەتلىك بولىدۇ. قەلبىدە مۇھەببەت بولمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. لېكىن قەلبىمىزدىكى ئاشۇ مۇھەببەت پەرۋىشكە، كۈتۈشكە موھتاج. ئۇنى مېھىر زەمزەملىرى بىلەن داۋاملىق سۇغىرىپ، قەلبىمىزدىكى مېھىرنى مېھىرگە تەشنا قەلىبلەرگە سۇنۇپ، مېھرىمىز بىلەن مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئىللىتىپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك يوللارنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە، مۇھەببەتلىك قەلىبلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە تۇرتكە بولالىساق، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت ئىگىسى بولالايمىز. بىر ئايالنىڭ ئېرى تولىمۇ جېدەلخور ئىكەن، داۋاملىق ئەرلىكىنى دەستەك قىلىپ خوتۇنىغا ئازار بېرىدىكەن. ئائىلە، پەرزەنت، ياشانغان ئانىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئەسلا ئادا قىلماي، ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرۈيدىكەن. بۇ ئايالنىڭ ئائىلىگە، بالىلىرىغا، ياشانغان قېيىنئانىسىغا بولغان مۇھەببىتى ئېرىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. بالىلار ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغانسېرى، ياخشى ئوقۇپ ئەل-جامائەت ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دادا قىلغانلىرىدىن نومۇس قىلىپ، ئەسكىلىكلىرىنى تاشلاپ، ئائىلە ئىشلىرىغا قارىشىدىغان، بالىلارغا كۈيۈنىدىغان بوپتۇ. دېمەك ئايالنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبى بۇ ئائىلىنى بۇزۇلۇش گىردابىدىن، بالىلارنى يېتىملىك ئازابىدىن ساقلاپ قاپتۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك ئىش - ھەرىكەتلىرى، ئەرگە، ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتى، چىدام -غەيرىتى بىلەن ئەرنىمۇ ئۆزگەرتىپتۇ. شۇنداق، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى چەكسىز. مۇھەببەتلىك قەلىبلەر مۇشۇنداق سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەت، ۋاپادارلىق زەمزەملىرى بىلەن سۇغىرىلىپ تۇرغىنىدا كۆردىغىنىمىز، ئاڭلايدىغىنىمىز ئەلۋەتتە مۇھەببەتلىك كۈيلەر، مېھرى-ۋاپا ناخشىلىرى بولىدۇ. بۈگۈنكىدەك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش چاقىرىق قىلىنىۋاتقان، جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق شۇنداقلا ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىناق ئائىلىۋى مۇھىت يارىتىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتىن ئىبارەت ئەنئەنىمىزنى يوقاتماي، ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، يول قويۇپ، پەرزەنتلەر ئالدىدا ياخشى بىر ئۈلگە، جەمئىيەتتە ياخشى بىر پۇقرا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئىللىقلىقىمىز بىلەن ئەتراپنى ئىللىتساق چوقۇم گۈزەل ئەتىدە گۈزەل دەقىقىلەر بىزگە ھەمراھ بولۇپ، بىز ئاڭلايدىغان مۇھەببەتلىك كۈيلەر، ۋاپا داستانلىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. |
|