كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 1

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئوقۇتۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  كەسىپ  ئەخلاقى  ئوقۇتۇشتا  مۇۋەپپەقىيەت  قازىنىشتىكى  ئاچقۇچ

ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ  گېزىتى

ئوبۇلقاسىم مەخەت

   ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپ ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلار رىئايە قىلىۋاتقان ئۆلچەم بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى يەنە بەزىبىر قاراشلار ھەققىدە كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ.

   كەسىپ ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆلچەم، ئەگەر كەسىپ ئەخلاق ئۆلچىمى بولمىغىنىدا سىز نېمىلەرنى قىلاتتىڭىز؟ بەلكىم بۇ سوئال قويۇلۇشى بىلەن چاچلىرىڭىزنى ئاجايىپ پاسوندا ياسىتىشنى، مودا كىيىملەرنى كىيىشنى، چاچ ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىڭىزنى ئۆزگىچە شەكىللەردە ياسىتىشنى ئويلىغانسىز. . . ئەپسۇس!

   ئوقۇغۇچى دېگەن ناھايىتىمۇ دورامچى كېلىدۇ، ئۇ سىز نېمىنى قىلسىڭىز شۇنى قىلىدۇ، قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ قىلغۇسى كېلىدۇ، دىققىتىنى چاچىدۇ، كىيىۋالغان كىيىمىڭىز، ئېسىۋالغان زىبۇ - زىننەتلىرىڭىز ۋە يۈرۈش -تۇرۇشىڭىزغا دىققەت قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ دىققىتى ئۆتكەن دەرسلىرىڭىزگە مەركەزلەشسۇنمۇ؟ بالىلارنىڭ قۇلىقىغا سىز سۆزلىگەن دەرس كىرسۇنمۇ؟

   ئوقۇتقۇچى ئائىلىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا، مەكتەپتە ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى، سىنىپ مۇدىرلىرى تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغۇچىدۇر.

   تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، نۇرغۇن مەشھۇر شەخس ۋە ئۇتۇق قازانغان ئەللەر ھاكىمدارلىرىنىڭ ئەخلاقنى ئۆز ھەرىكىتىگە مۇھىم ئۆلچەم قىلغان ئاساستا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

   ھازىر جەمئىيىتىمىزدە باش كۆتۈرۈۋاتقان يۇقىرى ئىستېمال، مودا قوغلىشىش، ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى قاتار چاي، ئولتۇرۇش، تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىك، تور، ئۈندىدار، ئېلېكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقلارغا سەرپ قىلىش، روھى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى قۇرۇقلۇقنى تاشقى گۈزەللىك بىلەن پەردازلاش، باشقىلارنى دوراپ ئايىغى چىقماس ھەشەمەتچىلىكلەرگە بېرىلىپ، تاپقىنىنى يا ھەشەمەتچىلىككە يېتىشتۈرەلمەي، يا ھەشەمەتچىلىكتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي تىپىرلاپ ياشاشتەك بىر قاتار ناچار خاھىشلار بىزگە بىر چوڭ سىگنال. ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ سىگنالدىن دەرھال چۆچۈپ دەس تۇرۇشى تولىمۇ مۇھىم. بۇنداق ئەھۋاللار يامراپ كېتىۋەرسە، ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر؟ شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى تونۇش ۋە تۈزەش، ئاندىن ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇلارغا نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئىگىلىتىش بىلەن بىللە، بازارغا ماس كېلىدىغان ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۆگىتىپ، پۇرسىتى كەلگەندە بۇ ھۈنەر- كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىغا ئاساس سېلىپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ھەم جايىدا خەجلىيەلەيدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان، پۇلغا باغلىنىپ، پۇلغا خىزمەت قىلماستىن، پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان، پايدىلىنالايدىغان زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەربىر ئائىلە ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىلغار ئائىلە ئەخلاقى، جەمەت يوسۇنى قاتارلىق ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئائىلىسىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاقلىق، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئىقتىدارلىق، راستچىل، قانۇن ۋە ئەخلاق مىزانىغا ئۇيغۇن ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقساق، ھازىرقى مەنىۋى بۇلغىنىشلار يوقىلىپ، ساغلام كەيپىيات شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۇ تەرەپلەردىكى ئەخلاق تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

   شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ئائىلە تەربىيەسى ئاتا-ئانىلارنىڭلا ۋەزىپىسى، بىز بىلەن ئالاقىسى يوق، بىز دەرسىمىزنى ئۆتسەكلا بولدى›› دەيدىغان خاتا قاراشتا بولماي، كەسىپ ئەخلاقىنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى لازىم. بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىرى تۇرمۇشتىكى ئاددىي -ساددىلىق، ئىقتىسادچىللىق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەكنى قەدىرلەش، ياراملىق ئادەم بولۇش قاتارلىق جەھەتتىكى تەربىيەلەرنى سىنىپ يىغىنلىرى، ھەر خىل پائالىيەت، پىكىر ئالماشتۇرۇشلاردا بالىلىرىمىزغا كۆپرەك سىڭدۈرۈپ، ھەر تەرەپلەردىن ئۆزىمىز ئۈلگە بولساقلا، ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيەسىدە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-15 09:39:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش