| ئېلىي قۇربان قاراقاش ناھىيلىك 5-ئوتتۇرامەكتەپتە لىكسىيە سۆزلىدى. قاراقاش ناھىيلىك پارتىيكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن،5-ئاينىڭ13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خوتەن شاھىت خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە ناھىيلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ بىر مەيدان لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخولوگ ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ «ئۈگۈنۈش ۋە ئەخلاق»تىمىسىدا لىكسىيە پائالىيتى ئۇيۇشتۇردى. لىكسىيەدە ئەلى مۇئەللىم ئوتكۇر پەلسەپەۋى پىكىرلىرى ۋە يۇمۇرىستىك ھەجىۋى قىزىقارلىق سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىتتىپاقىلىق ۋە ئەخلاق تىمىسىنى چۆرىدەپ پاساھەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق لىكسىيگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇقتۇچىلارنى قاتتىق ھاياتجانغا سېلىپ ئوقۇققۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا بۈسۈپ كىرىپ ئۇلاردا يىڭىچە ئىددىيە يىڭىچە كۆزقاراش ئويغاتتى. خوتەن شاھىدخەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى لىكسىيىگە قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىر بوتولكىتىن ساپ سۇ تارقىتىپ بەردى. لىكسىيە ئاخىردا شاھىدخەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى.قاراقاش ئارزۇيۇم دوپپا شىركىتى بۇ مەكتەپتىكى ئەلىيۇل ئەلا بولغان 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا ھەر بىرسىگە100يۈەندىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردى. قاراقاش ئارزۇيۇم دوپپا شىركىتى ئەلى قۇربان مۇئەللىم ۋە 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا «ئارزۇيۇم»ماركىسىدىكى دوپپا تەقدىم قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بېرى مىللى كارخانچىلارنىڭ مائارىپنى قوللاپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.
|
|