| 66ماددىلىق ساغلام تۇرمۇش قوللانمىسى
1.كېسەللىك ياكى دەرمانسىز بولمىسىلا ساغلاملىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بەدەنگە، پىسخىكىغا ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان مۇكەممەل ھالەت يانداشقاندىلا ئاندىن ساغلاملىقتىن دېرەك بېرىدۇ. 2.ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش مەسئۇلىيتى بولىدۇ، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بولغاندىلا سالامەتلىكنى ئاسرىغىلى ۋە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 3.ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش ۋە روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر كۈنى 7-8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش. 5.تاماكا چېكىش ۋە پاسسىپ تاماكا چېكىش راك،يۈرەك قان تومۇركېسەللىكى ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 6.تاماكىنى قانچە بۇرۇن تاشلىسا شۇنچە ياخشى، قاچان تاشلىسا كېچىككەن ھېسابلانمايدۇ. 7. سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەكلىكلەر دورىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. 8.مۇھىت بىلەن ساغلاملىق زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىتنى ئاسرىغاندىلا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 9.قان تەقدىم قىلىش ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە پايدىلىق، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش تەشەببۇس قىلنىدۇ. 10.قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان بېسىمى: قىسقىىرىش بېسىمى 140مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن، كېڭىيىش بېسىمى 90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن تۆۋەن ، قولتۇق ئاستى تېمپېراتۇرسى ℃36-℃37،جىمجىتھالەتتىكى نەپەسلىنىشى مىنۇتىغا 16-20 قېتم، تومۇر سوقۇشى مىنۇتىغا 60-100 قېتىم بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ. 11.زۆرۈر بولمىغان ئوكۇل سالدۇرۇش ۋە سۇيۇقلۇق ئاستۇرۇشتىن ساقلىنىش، بىر ئادەمگە بىر يىڭنە بىر نەيچە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش. 12.زەھەرلىك،زىيانلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەرئىشتا قوغدىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش. 13.ۋاكسىنا ئەملەش-بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك،ئەڭ تېجەشلىك تەدبىرھېسابلىنىدۇ. 14.ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ئاساسلىقى بىمارنىڭ يۆتۈلىشى،چۈشكۈرۈشى ۋە ئۈنلۈك سۆزلىشىدىن پەيدا بولىدىغان چاچراندا ئارقىلىق يۇقىدۇ. 15.ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق يۆتەلسە،بەلغەم تۈكۈرسە ياكى قان ئارىلاش بەلغەم كەلسە،ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتىش لازىم. 16.مۇنتىزىم داۋالانسا،مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۆپكە تۇبېركۇليوز بىمارلىرى ساقىيىدۇ. 17.ئەيدىز، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىنسىي ئۇچرىشىش،قان ۋە ئانا-بالىدىن ئىبارەت ئۇچ خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ،كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئۇچرىشىشىدا يۇقمايدۇ. 18.پاشا،چىۋىن،چاشقان،سۈۋەرەك قاتارلىقلار كېسەللىك تارقىتىدۇ. 19.نورمالسىز تېرە ئۆسمىسى، ياداش، بۇلار راكنىڭ دەسلەپكى سېگنالىدۇر. 20.نەپەس ۋە يۈرەك سوقۇشى ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالغان كېسەل ۋە يارىدارلارنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ۋە كۆكرەك سىرتىدىن يۈرەكنى بېسىش ئارقىلىق جىددىي قۇتقۇزغىلى بولىدۇ. 21.پىسخىك ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ئاسراش لازىم،پىسخىك جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە يولۇققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىش لازىم. 22.كېسەلمەن ۋە مەجرۇھلارغا ھەممە ئادەم غەمخورلۇق قىلىشى،ياردەم بېرىشى ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم. 23.يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىدىغان پەسىلدىن بۇرۇن يۇقۇملۇق زۇكام ۋاكىنىسى ئەملەنسە،يۇقۇملۇق زۇكامدىن خالىي بولغىلى ياكى كېسەللىك ھالىتىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. 24.دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە دورا قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى پۇختا ساقلاش ۋە ئۇلارنى بالىلارغا يولۇقتۇرماسلىق لازىم. 25.جاراھەت خاراكتىرلىق قانىغاندا، بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدە قانىغاندا دەرھال تېڭىپ قاننى توختىتىش ،ئەمما سۇنۇق بىمارلىرى تەۋەككۇلچىلىق قىلماسلىق لازىم. 26.دائىم قول ۋە بەدەن يۇيۇشقا ئادەتلىنىش،لۆڭگە ۋە چايقاش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم. 27.ھەر كۈنى چىش چوتكىلاش،تاماقتىن كىيىن ئېغىز چايقاش لازىم. 28.يۆتەلگەندە،چۈشكۈرگەندە ئېغىز ۋە بۇرۇننى دالدىلاش،خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىك لازىم. 29.جامائەت سورۇنلىرىداتاماكا چەكمەسلىك،تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ پاسسىپ تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش لازىم. 30.ھاراقنى ئازئىچىش،كۆپ ئىچمەسلىك لازىم. 31. تىنچلاندۇرۇش ۋە ئۇخلىتىش دورىلىرى شۇنداقلا ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى قاتارلىق خۇمارلىق دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم. 32.زەھەرلىك بۇيۇمدىن باش تارتىش لازىم. 33.ھاجەتخانىنىڭ پاكىز بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش،ئادەم ۋەھايۋانلارنىڭ گەندە-سۈيدۈكىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم. 34.ئىچىملىك سۇنىڭ پاكىزلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. 35.ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. 36.يىرىك تائام بىلەن غىزالىنىشنى ئاساس قىلىش،كۆكتات،مىۋە ۋە بەرەڭگە تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپئىستىمال قىلىش،گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تائاملارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش لازىم. 37.سۈت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستىمال قىلىش لازىم. 38.مايسىز،سۇيۇق-سەلەڭ ۋە تۇزسىز تائام بىلەن غىزالىنىش لازىم. 39.بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورمال بولىشىنى ساقلاپ،ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش ۋە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. 40.كېسەل بولغانداۋاقتىدا داۋالىنىش،دوختۇرغا ماسلىشىش،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يىيىش لازىم. 41. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك لازىم. 42.ئاش-تاماقلارنى پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىش، كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى خام ئىستىمال قىلغاندا پاكىزيۇيۇش لازىم. 43.خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ساقلاش لازىم. 44.سۈپىتى ئۆزگەرگەن ۋە ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم. 45.ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىش، تەكشۈرتىش قېتىم سانى 5قېتىمدىن ئاز بولماسلىق،بالنىتسىدا يېتىپ يەڭگىش لازىم. 46. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىش،6 ئايدىن كىيىن مۇۋاپىق قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش لازىم. 47.بالىلار،ياش-ئۆسمۈرلەركۆز ئاسراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ،يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 48.خىزمەت ئورنىدىكى زىيانلىق ئامىللارنى چۈشىنىش،مەشغۇلات قائىدىسىگە رېئايە قىلىش،شەخسىي قوغدىنىشقادىققەت قىلىش لازىم. 49.بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن پىلانلىق ئىممۇنىتېت تەرتىپى بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش لازىم. 50. گاندوم (جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاپچۇق) نى توغرا ئىشلەتكەندە ئەيدىزبىلەن يۇقىملىنىش ۋە جىنسىي كېسەللىكنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 51.قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ كېسەللىكتىن ئۆلگىنىنى بايقىغان ھامان دوكلات قىلىش ۋە ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىستىمال قىلماسلىق لازىم. 52.ئائىلىدە بېقىلىدىغان ئىتلارغا غالجىر ۋاكسىنىسى ئەملەش،ئىت چىشلىۋالغاندا ياكى مۈشۈك تامىلىۋالغاندا يارا ئېغىزىنى دەرھال يۇيۇش ۋە تېز ئارلىقتا ئانتىسېۋوروتكىنى ۋە غالجىر ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىش لازىم. 53. قان شورىغۇچ قۇرت كېسىلى يۇقۇم رايونىدا سۇ بىلەن ئۇچراشماسلىق،سۇ بىلەن ئۇچراشقاندا ئالدىنى ئېلىش دورىسى يىيىش لازىم. 54.لاياقەتلىك يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلىش، يود كەملەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 55.ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش لازىم. 56.ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى باغلاش ياكى قالپاق كىيىش،سۈرئەتتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ھاراق ئىچىپ ھەيدىمەسلىك لازىم. 57.بالىلارنىڭ خەتەرلىك سۇ دائىرسىگە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 58.دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىخەتەر ساقلاپ، چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئىشلىتىش لازىم. 59.قىش پەسلىدە ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، كۆمۈردىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 60.جىددىي داۋالىنىپ قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولغاندا 120 گەتېلېفۇن قىلىش لازىم. 61.يېمەكلىك، دورا،گىرىم بۇيۇمى ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ ماركىسىغا ۋە چۈشەندۈرشىگە دىققەت قىلىش لازىم. 62.قولتۇق ئاستى تېمپېراتۇرسىنى ئۆلچەشنى بىلىش لازىم. 63.تومۇر سوقۇشىنى ئۆلچەشنى بىلىش لازىم. 64.دائىم ئۇچرايدىغان خەتەرلىك بەلگىلەر،مەسىلەن يۇقۇرى بېسىم،ئاسان ئوت ئالىدىغان،ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەر، رادىئو ئاكتىپلىق،بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋېلىش، خەتەرلىك بۇيۇملارغا يېقىنلاشماسلىق لازىم. 65.توك سوقۇۋەتكەنلەرنى قۇتقۇزغاندا، سوقۇلغۇچىنىڭ بەدىنىگە يېقىنلاشماسلىق،ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىش لازىم. 66. ئوت ئاپىتىگەئۇچرىغاندا ئىس-تۈتەككە يېقىنلاشماسلىق،ھۆل لۆڭگە بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى دالدىلاپ،ئېڭىشىپ قېچىش ۋە 119 غا تېلېفۇن بېرىش لازىم. نىجات ئىبراھىم تەرجىمىسى |
|