كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 8

ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا
ئەخەت
مىڭ قۇياش تەپتى بار مېىھرىڭدە سىنىڭ،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
بىر جەننەت يارىتار ھەربىر قەدىمىڭ،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.

قۇلۇڭدا تەۋرەيدۇ پۈتكۈل كائىنات،
پەرزەنتلەر ئالىدۇ سەندىن جۈپ قانات،
سەن بىلەن گۈزەلدۇر بىلسەڭ بۇ ھايات،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.

سىنىڭسىز ئائىلە بەخىتلىك بولماس،
سىنىڭسىز باشلارغا بەخىتمۇ قونماس،
دۇنيادا سىنىڭدەك مېھرىبان بولماس،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.

سىنىڭسىز بىزلەرگە نەدە خۇشاللىق،
سىنىڭسىز نەدىكەن بىزگە ئىنسانلىق،
يار بولسۇن مەڭگۈگە قۇت بەختىيارلىق،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.

مىھرىڭ بار ھەربىر جان،ھەربىر گىيادا،
ئىزىڭ بار ھەربىر تاش،ھەربىر قىيادا،
سىنىڭدەك پىداكار يوقتۇر دۇنيادا،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.

سەن بولغاچ ياشايمىز يۈرىكىمىز توق،
كار قىلماس سەن بولغاچ بىزلەرگە سوغ جۇت،
سەن ياشا مەڭگۈگە قۇياشتەك نۇرلۇق،
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانسەن دۇنيادا ئانا.
2015-يىل7-ماي كۇچا

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-12 09:49:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئانىلارنى ئۇچۇن بەك ئىسل شېئر يوللاپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-5-12 10:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر بەك ياخشى يىزىلپتۇ بالىلارغا ئوقۇپ بىرەي دىگەن
ۋاقتى: 2015-5-12 12:26:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېر ھەقىقىەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ!بارىكاللا
ۋاقتى: 2015-5-12 21:46:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ-دىسە!!! ئاپرىن……
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-13 14:01:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ چىلىكنىڭ مەدەت بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۇر
ۋاقتى: 2015-5-14 09:54:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنى قانچىلىك كۆيلىسەك ئەرزىيدۇ..... تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر....
ۋاقتى: 2015-5-29 13:26:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇلۇغ ئانىلارنى مەدھىيلەيدىغان شېئرلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
ۋاقتى: 2015-5-29 18:41:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ياخشى شېئىركەن ئەسلىدە بۇ شېئىرنى سىز يېزىپتىكەنسىزدە؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش