| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-14 18:54
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لاھىيىسى 1- يىتەكچى ئىدىيە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىرى سۈرۈش،دۆلەتنىڭ قوياش نۇرى تەنتەربىيە ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇش چاقىرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ،مەكتىۋىمىزنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ مەكتىۋىمىزنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى ئومۇمىي خەلىق ساغلاملىق ھەركىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقرى كۆترۈشتىن ئىبارەت. 2- تەشكىلى رەھبەرلىك مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتى قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى خىزمىتىنىىڭ قانات يايدۇرۇلىشىنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسى قۇرۇپ،ۋەزىپە ئىش تەخسىماتىنى ئېنىق قىلىپ بىكىتىلدى گۇرۇپپا باشلىقى xxxxxx ( ئومۇيۈزلۈك خىزمەتلەرگە مەسئۇل) مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى xxxxxxx ( ئورۇنلاشتۇرۇش ،يولغا قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇل) xxxxxx ( تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل) ئەزالىرى: xxxxx( تەنتەربىيە سايمانلىرىنى ئارىيەت بېرىش ۋە تەييارلاشقا،ئومىي پائالىيەت خاتىرىسىنى قالدۇرۇپ مېڭىشقا مەسئۇل) ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى (ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەش،بىخەتەر ئېلىپ بېرىش،ۋاختىدا پائالىيەت ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدۇ)، 3- ئەمىلىلەشتۈرۈش نىشانى مەكتىۋىمىزنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان ،ئۆزى قىزىقىدىغان تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ،ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدلىكلرىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ رۇھى جەھەتتىكى بېسىمنى يىنىكلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى يارتىش مەكتىۋىمىزنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى ئومۇمىي خەلىق ساغلاملىق ھەركىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق ساپاسىنى يۇقرى كۆترۈش 4- ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى 1) ھەرقايسى يىللىقلارغا تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە 1-2-يىللىق سىنىپلارغا ھەپتىسىگە 4سائەتتىن،3-يىللىقتىن باشلاپ 6-يىللىقىچە 3سائەتتىن تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆتۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلندۇ.، 2) كۆزئاسراش گىمناستىكىسى ۋە دەرىس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىسنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋە سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە 1-2-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئۆگىنشنى ئىشقا ئاشرۇش،3-يىللىقتىن باشلاپ يۇقرى يىللىق سىنىپلار ئۆلچەملىك تەلەپكە لايىق ئويناشنى ئىشقا ئاشۇرۇلدۇ. 3) دەرىس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىدىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنى تانا سەكرەش،تىكتاك توپ ئويناش،تەپكۈچ تېپىش،،توپ ئويناش ... قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل بولغان تەنتەربىيە پاائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ئارلىقىدىكى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ تەن ساپاسىنىڭ يۇقرى كۆترۈلىشىگە ياخشى ئاساس سېلىش ئىشقا ئاشۇرلدۇ. 4) تەنتەربىيە دەرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان كۈنلەرگە تولۇق بىر دەرىس سائىتى بويىچە قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركۈنلۈكى ئاز بولغاندا بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ،بەدەن ساپاسىنى يۇقرى كۆترۈش ئىشقا ئاشرۇلىدۇ. 5) ھەر ھەپتىدە بىر سائەت چوقۇم مەكتەپ دەرىجىلىك كوللىكتىپ تەنتەربىيە پائالىيتىگە تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىلدۇ. 5- نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى چارە- تەدبىر 1) قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقرى كۆترۈشتىكى مۇھىم خىزمەت بولغاچقا دەرىس سەتكىسىگە كىرگۈزۈلۈپ،دەرىس بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىندۇ 2) مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار دەرىس سەتكىسىگە كىرگۈزۈلگەن قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتىدا چوقۇم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە پائالىيەت جەريانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.سەۋەپسىز بۇ پئالىيەتنى ئېلىپ بارماسلىققا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. 3) مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار پائالىيەت ئەھۋالىدىن تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىشى،زاھىر مەسلىلەر بولسا ۋاقتىدا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكىلات قىلىشى كېرەك 4) تەنتەربىيە ئەسۋاپ ئۈسكۈنلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىم چوقۇم شۇ كۈنلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا كىتەرلىك بولغان تەنتەربىيە سايمانلىرىنى ۋاقتىدا تەييارلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، 5) ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىشىغا كىتەرلىك بولغان تەنتەربىيە ئۈسكۈنلىرى يوق بولسا ۋاقتىدا مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكىلات قىلىشى لازىم،مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ياسىغىلى بولىدىغان قىسمىنى ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ،سېتىۋىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىنى ئىدارە رەھبەرلىكىگە دوكىلات يېزىپ،مەكتەپ ئومۇىي ئىشلار خىراجىتىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ تولۇقلايدۇ.
|
|