كۆرۈش: 1018|ئىنكاس: 3

«ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش» مەخسۇس تەربيسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
xx باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش» مەخسۇس تەربيسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى پىلان-لايىھىسى

ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ« ناھيە دەرىجىلىك ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش مەخسۇس تەربيسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھىسى» نى كۆپەيتىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇۇرۇش» (ق پ ت ئو چىقىش 2015-يىلى 68-نومۇرلۇق)ۋە  مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى كومتېتىنىڭ « ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش مەخسۇس تەربيسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش لايىھىسى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەكتىپىمىز ئۆز ئەمەلىيىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكىدەك لايىھە تۈزۈپ چىقتۇق.

بىرىنچى، يىتەكچى ئىددىيە:
     پارتىيىنىڭ  18-نۆۋەتلىك3-4- 5-ئومومى يىغىن روھىنى يىتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى موھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئومومىيۈزلۈك» سىتراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى باش نىشان قىلىپ، «ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش» تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ  «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش، خىيانەتچىلىك قىلىش، چىرىكلىشىش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىللەر ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان سېلىۋاتىدۇ.ئۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك» دېگەن مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىغا سىلىشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش، خىيانەتچىلىك قىلىش، چىرىكلىشىش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىللەرنى ھەقىقى تىپىپ چىقىپ، ھەل قىلىپ، كونىشەھەر مائارىپىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلنىشىنى كۈچلۈك ئىددىيە-سىياسى ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت.

ئىككىنچى، تۈزەشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
مەكتىپىمىزدىكى ئىستىلنى تەرتىپكە سىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ. «تۆتنى تەكشۈرۈپ چىقىش» نى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويىمىز.
1.رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق
بۇنىڭدا نۇقتىلىقى ئىش بىجىرگىلى كەلگەن ئاممىغا سوغۇق بولۇش، يۇقىرى دەرىجە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارغا قارىتا ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرۈش، خىزمەت ھالىتىدە بولماسلىق، زىممىسىگە ئىلىشقا جۈرئەت قىلماسلىق، ئادەتتىكىچە بولۇش، ھورۇن بولۇش، چىچىلاڭغۇ بولۇش، سۆرەلمىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، تىرورلۇققا قارشى كۆرەشتە مەيدانى قەتئىي بولماسلىق، خىزمىتى ئۈنۈملۈك بولماسلىق، قانۇنسىز دىنى   ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە قارىتا باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك قاتارلىق مەسلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش.
2.رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش، خىيانەتچىلىك قىلىش
بۇنىڭدا نۇقتىلىقى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلماسلىق، تەرتىپ بىيىچە ئىش بىجىرمەسلىك، ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ تەدبىر بەلگىلەشكە ماھىر بولماسلىق، قالايمىقان ھەق ئىلىش، قالايمىقان دەرس تولۇقلاش، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش.
3.خىيانەتچىلىك قىلىش، چىرىكلىشىش
بۇنىڭدا نۇقتىلىقى كوللىكتىپنىڭ پۇل-مىلىگە خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋىلىش، ئىسراپ قىلىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق مەسلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش
4.قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق
بۇنىڭدا نۇقتىلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ياخشى باشقۇرماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش مەسىلىلىرى ۋە مەكتەپتىكى توك، سۇ، قۇرۇلۇش، يىمەكلىك، قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش
ئۈچىنچى، ئۇسسۇل ۋە قەدەم-باسقۇچلار
1.ئۈگىنىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش(11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە)
  «ئۈچتە ئەستايىدىل، ئۈچتە ئەمەلىيەتچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيىسى توغرىسىدىكى سەپەرۋەرلىك  يىغىنى ئىچىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، رولىنى قالايمىقان جارى قىلدۇرۇش، خىيانەتچىلىك قىلىش، چىرىكلىشىش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىللەر ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان سېلىۋاتىدۇ.ئۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئاساس سالىمىز.
2.مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش. (11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە)
«تۆتنى تەكشۈرۈپ چىقىش» نى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساقلاندى مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر تۈزىتىپ چىقىمىز.
3.سەۋەبىنى ئانالىز قىلىش باسقۇچى  (11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە)
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەمۇرىيىتى، رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىدە ساقلانغان مەسلىنى تەھلىل قىلىپ،مەسلىنىڭ سەۋەبىنى  ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
4.مەخسۇس تۈزەش باسقۇچى (11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن12-ئاينىڭ  31-كۈنىگىچە)
تەربىيلەش بىلەن جازالاش، تەنبىھ بىرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسلە بىر قەدەر يىنىك تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە تەنقىدى تەربىيە بىرىش، تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئىلىپ بارىمىز، ئېغىرلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يوللايمىز.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-19 20:10:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز. بولسا تۈزتۈش تەدبىرى. ئانالىز ماتىريالى بولسا يوللاپ كۇياسىز . بىزمۇ پايدىلىنامىز. رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-1-5 14:23:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ پايدىلانساق بولىدىكەن . رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2016-1-12 14:44:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانالىز ماتىريالى بولسا يوللاپ كۇياسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش