باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ 2014-2015-ئۇقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۇق ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمەت پىلانى يىتەكچى ئىدىيە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يىتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ، يىڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە «قوش تىل» ئۇقۇتۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ،ساپا مائارىپى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ مەۋسۇملۇق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى: ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە: 1)نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئىنىق تونۇپ ،دىنىي ئەسەبىي ئىدىيلەرەنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشنى قەتئىي توسۇپ ،مەكتەپتە قويۇق بولغان مەدەنىيەت تەنتەربىيە كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۇپ،«6نى ئۈزۈل كىسىل ھەل قىلىش»نى دائىملىق ئەخلاقىي تەربىيە خىزمەت تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئىددىيۋى ھەرىكەت يىتىلدۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. 2)ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى ئاساش قىلىپ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئېڭى ۋە ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام بولغان تەلىم – تەربىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت 3)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىيغا بولغان تونۇشىنى، ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارسدا سىياسىيغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسىي، ئىدىيىۋى تەشۋىق تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتىپىمىزنىڭ سىياسىي ھاۋاسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئاڭ-سەۋىيىسى، ئەخلاق – پەزىلەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى،مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. . 4)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ«ئۈچ ئايرىلالماسلىق تەربىيىسى»،«تۆتنى تونۇش»تەربىيىسى،ماركىسىزملىق «بەش قاراش»تەربىيىسى،« ئاتئزىم » تەربىيسى،«ئالتە ياخشى»تەربىيىسىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ،ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ 5)ۋەتەننى سۆيۈش، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش،ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ، كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى، ۋە سىياسىيغا بويسۇنۇش تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئۆگىنىش پوزۇتسىيىسى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا«دۆلەت بايرىقى قانۇنى» ،دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش،«ئىككى تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەركىتى »« پارتىينىڭ ئاممىۋىي لۈشىيەن تەربىيسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتى » ۋە « تىنىچ –ئامانلىق » توغرىسىدىكى ئىدىيىۋى تەربىيەلەر كۈچەيتىلىدۇ 6) مەكتەپ ئىددىيە-ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ رادىئو تەشۋىقاتى، قارا دوسكا ،لوزىنكا قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ،ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىيغا بولغان تونۇشى ،دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تىنىچ-ئامانلىق قۇرلۇشىغا بولغان تونۇشى ،بىلىش سەۋىيسى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتىرلىدۇ. 7)ئوقۇغۇچىنى بىرلىك قىلغان ئۆز- ئارا ئۆگىنىش ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى كۈچەيتىلىپ، نۇقتىلىق ئائىلە پەرزەنىتلىرىگە بولغان باشقۇرۇشنى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇلارغا ئارخپ تۇرغۇزۇپ، دىننىي ئىددىيەلەرنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى ھەقىقي تۈردە ياخشى ئىشلىنىدۇ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە: 1)مەكتەپ مەمۇرىيىتى خىزمەتلەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ،ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قۇيۇپ،مۇكەممەل بولغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى باھالاش مىخاينىزىمى تۇرغۇزىلىدۇ،<<خىزمەت تەخسىماتى ئادىل بۇلۇش،نەتىجىسىنى يەكۈنلەشتە ئەتىراپلىق بۇلۇش>>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقۇرى كۈتۈرىلىدۇ. 2)ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ،ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇرتەھلىل قىلىپ،سۈپەت قارىشىنى مۈكەممەل تۇرغۇزۇپ،خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىمىز. 3)تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۈلگىلىك ئۇچۇق دەرىس،مۇكاپاتلىق ئۇچۇق دەرىس ئۈتۈش،دەرىس لاھىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇش،تاپشۇرۇق كۆرگەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرىمىز، ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق ھالقىلىرى قېلىپلاشتۇرىلىدۇ. 4)تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش ۋە 2-دەرىسخانا پائالىيىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى كۈرژىك پائالىيىتىگە قاتنىشىش نىسپىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنى بۇجەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقى يۇقۇرى كۈتۈرىلىدۇ. 5) ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ،مەكتەپ ئايدا بىر قېتىم ئىمتاھان ئېلىپ يەكۈنلەش ئارقىلىق ئوقۇتۇش سۈرئىتى،مەخسىدى، نىشانى قاتارلىق بىرقاتار تەرەپلەر سىناپ كۈرۈلىدۇ. 6)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى بەنزە ئەزالىرىنى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۈكۈش،بىرەر ئاساسى پەننى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،دەرىس ئۈتۈش،دەرىس ئاڭلاش،ئارقىلىق يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى دەرىسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ،ھەمدە ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى خىزمەتچىلەرگە باشلامچىلىق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاپ بىرىلىدۇ. 7)ئوقۇتۇش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن دەرىسلەرنى تۇلۇق تەسىس قىلىپ،قىرائەتخانا،تەجرىبەخاناۋە سىنىپلارنى تۇتاشتۇرۇش ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،مۇزىكا،تەنتەربىيە......ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىمىز. 8)دەرس لايىھەسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىدە دەرسلىك ھەپتىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش پىلانلىرى، ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئۇقۇتۇش پىلانى، ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش پىلانى قاتارلىق ئۈچ پىلاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇقۇتۇشنى كالىندار سۈرئەت پىلانىدا ئۇرۇنلاشتۇرغان سۈرئەت بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. دەرس تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەستىقسىز دەرس ئۆتۈش، دەرس تەستىقلىغاندا تەستىق پىكىرى يازماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ. يەككە دەرس تەييارلاش ۋە كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشقا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ، ئۇقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ، تەجرىبە-يەكۈنلەرنى مۇستەھكەملەپ، دەرس باشلانغان بىرىنجى ھەپتىسى ھەر قايسى پەنلەردىن ئۈلگىلىك دەرس لاھىيەسىنى تۇزۇپ، قېلىپلاشقان دەرس لاھىيەسىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. 9)ھەرقايسى پەنلەردىن ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز،تاپشۇرۇق مىقدارىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. تاپشۇرۇق بىرىشتە ھەر قايسى پەن دەرسلىكلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۇقۇتۇش نىشانىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلىپ تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇش، تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ئاپتونۇم رايۇن ھەقسىز تەمىنلىگەن مەشىق قوللانمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ. 10) مەكتەپ دەرس ئاڭلاش، باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ھەر مەۋسۇمدىكى دەرس ئاڭلاش ۋاقتى 30سائەتتىن كەم بولماسلىقى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاقتى 35 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، بۇلۇپمۇ يىڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ياش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش قېتىم سانى ھەپتىسىگە ئۈچ سائەتتىن كەم بولماسلىقى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. 11)ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەت سەھنىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن باشلامچىلىرى ۋە ئۇقۇتۇش ماھىرلىرىنى تۇرغۇزۇپ، تەتقىقات خاراكتىرلىك پائالىيەتلەردە پەن باشلامچىلىرى ۋە ئۇقۇتۇش ماھىرلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مەۋسۇمدا ھەر قايسى پەن تۇرى بۇيىچە،پەن باشلامچىلىرنىڭ ئۇچۇق دەرىسىدىن كەم بولغاندا ئىككى سائەت ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۇقۇتۇش تەجرىبىسى كېڭەيتىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. مەكتەپ ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش، ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ يىلمۇ-يىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. مەكتەپ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، تەبىئىي تالانتىغا ئاساسەن، ھەرقايسى يىللىقلار بۇيىچە تەنتەربىيە، سەنئەت كۇرژىكى، گۇزەل سەنئەت (رەسىم، ھۆسنىخەت)كۇرژىكى، يېزىقچىلىق كۇرژىكى، خەنزۇتىلى كۇرژىكى، قاتارلىق كۇرژۇكلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈپ ۋە ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە جەلىپ قىلىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇراقلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ئاساس سېلىنىدۇ. يۇقارقى بىر قاتار خىزمەتلەر ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يولغا قۇيۇلۇپ، پۈتۈن نىشاننى ئۇقۇتۇش سۈپەتنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە قارىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەلاچىلار نىسبىتىنى ٪35گە، لاياقەتلىك نىسبىتىنى ٪60گە، ئوتتۇرىچە بىلىمى%65گە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز «قوش تىل »ئوقۇتۇشى جەھەتتە: 1)ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلىشى چىڭ تۇتۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلارنى <<قوشتىل >>ئۆزلۈكسىز تەربىيە ،يىڭى دەرس ئىسلاھاتى بۇيچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇننىڭ سەۋىيىسى ئۆستۈرىلىدۇ. 2)<<قوشتىل >>ئوقۇتۇشنى ھەقىيقى كۈچەيتىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ،تەربىيلەنگەنلەرنى ئۆز خىزمىتىگە قۇيۇپ،ۋە رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقىم بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تۇلۇق ئەمىللەشتۈرۈلىدۇ. 3) «قوشتىل» بويىچە تەربىيلەش سالمىقىنى كۈچەيىتىپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دەرس ئۆتۈشتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشنى ئاساس قىلىش، ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇقۇملۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەقىيقى ئشقا ئاشۇرۇلىدۇ . 4) ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ئۇقۇتۇشى كۈچەيتىلىش بىلەن بىرگە، «قوشتىل» ئۇقۇتۇش خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. مەسئۇلىيەت كىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۇرۇپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالاپ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەكتەپ ئىچى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە: 1)مەكتەپ رادىئو گىمناستىكىسى ۋە كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ«كىچىك ئالما » ئۇسسۇلى ۋە «مىننەتدارلىق ئۇسسۇلى» نى مەكتەپ بويىچە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇملاشتۇرۇپ،مەكتەپ ئىچىدە جانلىق مەدەنىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىمىز. 2) مەكتەپتە بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك قىزىقارلىق مەدىنىي بولغان،دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش باش تىما قىلىنغان ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە جەلىپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۇراقلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز. 3)مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ،مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات ئەسلىھەلىرى ۋە تەشۋىقات كارىدورىنى يىڭلاپ،ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتى،مۇقۇملۇق ،بىخەتەرلىك خىزمىتى،ئەخلاق قۇرۇلۇشى جەھەتتە قويۇق بولغان مەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. يۇقارىقىدەك خىزمەتلەر ئارقىلىق 2014-2015-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ،ئەخلاقىي تەربىيە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش، «قوش تىل »ئوقۇتۇشى،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە بۈسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.
*** باشلانغۇچ مەكتەپ 2015-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى *** باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ2014-2015-ئۇقۇش يىلى 2- مەۋسۇملۇق ئومۇمىي خىزمەت پىلانى 2015-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
|