بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەلىۋى ۋە مۇنبەرگە ئەزا بولۇشنى ئويلاۋاتقان تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېما يوللاندى. تورداش دوستلارنىڭ ئىجابى پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بايقاش مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇش ئۇسۇلى
بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ تىزىملىتىپ كىرىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى. قېنى تۆۋەندىكى باسقۇچ ۋە تەرتىپلەر بويىچە سىناپ بېقىڭ، سىز چوقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولالايسىز.
سىز ئاۋال ئىنتىرنت تورىغا كىرىپ تور ئادرىسى كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا مۇنبىرىمىزنىڭ تور نامى www.baykax.com نى كىرگۈزۈپ، كونۇپكا تاختىسىدىكى ‹‹Enter›› كونۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىز بايقاش مۇنبىرى ئېچىلىدۇ. بايقاش مۇنبىرى ئېچىلغاندىن كېيىن تۈۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ: بايقاش مۇنبىرى بەت يۈزىنىڭ سول تەرەپ يۇقۇرى قىسمىدىكى ‹‹ئەزا بولىمەن›› دىگەن ئورۇننى چېكىڭ.
ئۇنىڭدىن كېيىن بايقاش مۇنبىرى مەسئۇلى بىلەن يېڭىدىن ئەزا بولغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلىدىغان كېلىشىمنامە كۆرىنىدۇ.
بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ كېيىن بېرەر ئاۋارىچىلىققا چېتىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنامىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ. ئۇنىڭدا بايقاش مۇنبىرىگە دۆلەت قانۇنىغا، سىياسەت ۋە نىزاملارغا زىت كېلىدىغان ھەرقانداق تېما-ئىنكاس يوللىماسلىق، ئىجتىمائى ئەخلاق ۋە تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتىنى قوغداش ھەققىدىكى ئىنتايىن زۈرۈر ئەسكەرتىلمىلەر بار. ئەگەر بۇ كېلىشىمنامىگە قوشۇلمىسىڭىز ئاستىدىكى ‹‹قوشۇلمايمەن›› دىگەن ئورۇننى چېكىۋېتىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كېلىشىمنامىنىڭ مەزمۇنىغا قوشۇلسىڭىز ئاستىدىكى ‹‹قوشۇلىمەن›› دىگەن ئورۇننى چېكىڭ. بۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى كۆزمەك ئېچىلىدۇ:
بۇ كۆزنەكتىكى ‹‹نامىڭىز›› دىگەن ئورۇنغا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزى قىسقا، مەنىلىك سۆز-ئاتالغۇلاردىن بىرنى تاللاپ كىرگۈزۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى كىرگۈسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ شەرتلىك بەلگە، ئىنگىلىزچە-روسچە ئاتالغۇلارنى، سان-سىفىرلارنى ئۆزىڭىزگە نام قىلماڭ! چۈنكى شەرتلىك بەلگە، ئىنگىلىزچە-روسچە ئاتالغۇلار ۋە سان-سىفىرلار ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلمىغان! ئەگەر سىز تاللىغان ناملارنى باشقىلار ئىشلىتىپ بولغان بولسا شۇ ناملارنىڭ كەينىگە بىرەر بەلگە ياكى سان قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ‹‹پارول›› ۋە ‹‹يەنە پارول›› دىگەن ئورۇنلارغا كەم دىگەندە 6 خانىلىقتىن يۇقۇرى مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈڭ، ئىككىلا ئورۇنغا كىرگۈزگەن پارولىڭىز(مەخپى نۇمۇرىڭىز) ئوخشاش بولسۇن.
دىققەت: تىزىملىتىپ كىرگەن نامىڭىزنى ۋە پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! بۇلارنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز مۇنبەرگە كىرەلمەيسىز.[/align] ‹‹Email›› دىگەن ئورۇنغا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ئەگەر سىز ئېلخەت ئادرىسى ئالمىغان بولسىڭىز تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى، ياكى QQ نۇمۇرىڭىزنى، ۋە ياكى ئۆزىڭىز تاللىغان نامىڭىزنىڭ ئېنگىلىزچە شەكلىنى كىرگۈسىڭىز سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا سىزنى qq.com, sina.com, sohu.com, yahoo.com, 163.com قاتارلىق ئېلخەت ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز خالىغان بىرىنى تاللاپ ئېلخەت ئادرىسى قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ‹‹تىزىملىتىش سەۋەبى››دىگەن ئورۇنغا ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولۇش سەۋەبىڭىزنى، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتسىڭىز بولىدۇ. ‹‹QQ››دىگەن ئورۇنغا ئۆزىڭىزنىڭ QQ نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ئەگەر QQ ئالمىغان بولسىڭىز ئاق قالسىمۇ بولىدۇ. ئامال بار QQ نۇمۇرى ئېلىپ تولۇق توشقۇزۇڭ بايقاش مۇنبىرى QQ توپىغا قوشۇلۇڭ. بايقاش مۇنبىرى QQ توپ نۇمۇرى: 110384522 . بۇ توپقا قوشۇلسىڭىز ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق ياردەملەرگە ئېرىشەلەيسىز. ‹‹جىنسى›› دىگەن ئورۇنغا ئەر-ئاياللىق جىنسىڭىزنى تاللاپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ‹‹دەلىللەش›› دىگەن ئورۇنغا ئەستىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابىنى رەقەم شەكلىدە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ‹‹يوللاش›› دىگەن ئورۇننى چېكىۋېتىپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايقاش مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ تىزىملىتىش تامام بولىدۇ. قوشۇمچە:1. سىز بايقاش مۇنبىرىگە ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرىشتە تۆۋەندىكى باسقۇچ بۇيىچە كىرىڭ: بايقاش مۇنبىرى بەت يۈزىنىڭ سول تەرەپ يۇقۇرى قىسمىدىكى بۇ كۆزنەكتىكى ‹‹ھىسابات›› دىگەن ئورۇنغا تىزىملىتىپ كىرگەن نامىڭىزنى كىرگۈزۈڭ، ‹‹پارول›› دىگەن ئورۇنغا تىزىملىتىپ كىرگەن ۋاقىتتىكى مەخپى نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ‹‹كىرىش›› دىگەن ئورۇننى چېكىڭ، ياكى كونۇپكا تاختىسىدىكى‹‹Enter›› كونۇپكىسىنى چېكىڭ. 2. سىز بايقاش مۇنبىرىگە ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرگەندىن كېيىن مۇنبەر بەت يۈزىنىڭ سول تەرەپ يۇقۇرى قىسمىدا يەنى ئەزالىق باش رەسىمىڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈنىشى مۈمكىن: ‹‹ئەسكەرتىش›› دىگەن ئورۇندا (1) ياكى(2) دىگەن رەقەملەر بولسا شۇ رەقەملەرنى چېكىپ كۆرۈڭ. بۇ رەقەملەر باشقا تورداشلارنىڭ سىزنىڭ تېما-ئىنكاسلىرىڭىزغا باھا بەرگەن ياكى ئىنكاس يازغانلىقىنى، ياكى سالام يوللىغانلىقىنى، ۋە ياكى مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ سىزگە ئاپتوماتىك ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ رەقەملەرنى چېكىپ، ئېچىلغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق تورداشلىرىڭىز بىلەن مۇنبەر يۈزىدە بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. 3. سىز بايقاش مۇنبىرىگە ئەزالىق نامىڭىز بىلەن كىرگەندىن كېيىن مۇنبەر بەت يۈزىنىڭ سول تەپ تۈۋەنكى بۈرجىگىدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىشى مۈمكىن: بۇ كۆزنەكتىكى ‹‹كۆرۈش›› دىگەن ئورۇننى چېكىپ كۆرۈڭ. چۈنكى بۇ كۆزنەكمۇ تورداشلىرىڭىزنىڭ سىزگە سالام يوللىغانلىقى، ياكى دوستلۇق قولىنى ئۇزاتقانلىقىنى، ۋە ياكى پىكىر دەپتىرىڭىزگە سۆز قالدۇرغانلىقىدىن سىزگە ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇر بېرىدۇ. دوستۇم، قاراپ تۇرىسىزغۇ؟ قېنى ئەمىسە بايقاش مائارىپ مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ ئەزا بولۇڭ! رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە سەرخىل مائارىپ ماتىرىياللىرى ئامبىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇڭ! ئۆزىڭىزدە بار بولغان مائارىپ ماتىرىياللىرىنى يوللاڭ، مۇنبەردىكى باشقا كەسىپداش دوستلار پايدىلانسۇن! مۇنبەردىكى ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ! ئۆز ئارا ھەمكارلىق، ئۆز ئارا قوللاش ۋە ئورتاق ئىلگىرلەش دىگەن ئەنە شۇ!!! |