كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 2

ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەر..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار  دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرىز پۇلىنى قاندا ق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ؟
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىپ ئوقۇشى ئائىلە كىرىمى تۆۋەن ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار پەرزەنتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ياخشى تاللىشى بولۇپ ، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئوقۇشنى تاماملىيالايدۇ . لىكىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى بىلمىگەچكە نىمە قىلىشنى بىلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ .
1.دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئوبىكتىلىرى چوقۇم جوڭگو  دۆلەت تەۋەلىكىدە بولغان ، جوڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان، ئالىي مەكتەپلەردىكى ، تولۇق كۇرۇس ۋە مەخسۇس كۇرۇسلاردا ئوقۇۋاتقان قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كىرەك .
2.دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەرتلىرى  (1) تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىتىدارىغا ئىگە بولۇشى ( قۇرامىغا يەتمىگەنلەر  قانۇنىي ۋەسىيلىرىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالغان بولۇشى) كىرەك .
(2) قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ، سەمىمىي ، راستچىل بولۇشى ، قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى بولماسلىقى كېرەك ؛ (3) ئۆگىنىشتە تىرىشچان ، ئوقۇشنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك ؛ (4) ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى كىرىمى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا كىتەرلىك بولغان ئاساسلىق راسخوتلار ( ئوقۇش پۇلى ، ياتاق پۇلى ۋە ئاساسلىق تۇرمۇش چىقىمى ) نى تۆلەشكە يەتمەيدىغان بولۇشى كىرەك ؛ (5) ئوقۇۋاتقان مەكتىپى تەكشۇرگەندىن كېيىن ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلغان بولۇشى كىرەك ؛ (6) جوڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان " قەرىز پۇل ئومۇمىي قائىدىسى" دە بەلگىلەنگەن باشقا بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك .
3. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرىز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتا تەييارلايدىغان ماتىرياللار : ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا دائىي ماتىرياللار ( ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ يازما ئىلتىماسى ، ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش جەدىۋىلى ، مەھەللە كوچا باشقارمىسى ياكى يېزا دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئورۇنلارنىڭ قىينچىلىقى بارلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتى ، كىپىل بولغۇچىنىڭ كاپالەتنامىسى ، مەزكۇر ھازىرقى ( ئوقۇش ئىپادىسىگە دائىر ئىسپات ) لار كىپىل بولغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئىسپاتلىرى قاتارلىقلار .
4.دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەرتىپى : بانكا تەرەپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى بىۋاستە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى چوقۇم يېڭى ئوقۇتۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىنكى ئون كۈ ن مەكتەپ بېكىتىلگەن تارماققا بېرىپ ، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قەرىز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كىرەك .
5. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرىز پۇلىن قايتۇرۇش ئۇسۇلى : (1) ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر قېتىمدا ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرىدۇ .(2) ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر قېتىمدىلا بارلىق قەرىز پۇلنى قەرز تارقاتقۇچى تارماققا قايتۇرۋەتسىمۇ بولىدۇ  ؛ (3) ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ، ئىشقا ئورۇنلاشقادىن  كېيىن ، ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىش ھەققىدىن ئايمۇ ئاي تۇتۇ قايتۇرسا بولىدۇ ؛ (4) دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى دۆلەت قانۇنىغا ياكى مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ، جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن بولسا ۋە ياكى ئوقۇشتىن ھەيدەلگەن بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى كىپىل بولغۇچى مەسئۇل بولۇپ تۆلەيدۇ .  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-2 15:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاركەن بۇ رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-9-6 22:43:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بىزدەك ئىزدەنگۈچىلەرگە ياخشى بىر ماتىريال بوپتۇ .مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرۇڭ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش