| مەنمۇ باشقا تور بەتتە كۆرگەن ، بايقاشتىكى مائارىپچىلارنىڭ مەۋسۈم بېشى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا چارچاپ كېتىپ ، ھاردۇقىغا ئاز تولا ئۇزۇق بولارمىكىن دەپ يوللىدىم ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلمەن
لازا ، شوخلا ، چەيزە
بىرەيلەن شەھەرگە كىرىپ ، دوستى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ . دوستى ئۇنى شەھەرنىڭ كوچا - بازارلىرىدا ئايلاندۇرۇپ ، كەچتە ئاشخانىغا باشلاپ مېھمان قىپتۇ . تاماق يىيىلىۋاتقاندا ، شەھەرلىك دوستىكى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ : - بۇرادەر شەھەر پەيزىمىكەن ؟ - پەيزىكەن . - بۇ لەڭمەنمۇ پەيزىمىكەن ؟ - لەڭمەنغۇ پەيزىكەن ، لېكىن لەڭمەننى ئوخشاتقان لازا ، شوخلا ، چەيزىكەن .
بىر يەردە ئولتۇرپ يازغان
ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى روان يېزىپ ، نەشىر قىلدۇرۇپتۇ ، بىر كۈنى ئۇ بىر سورۇندا ئاغىنلىرىدىن :
- ئاغىنىلەر ، مەن يېقىندا يازغان رومانىمنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ .
يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئازراقمۇ يۈز - خاتىرە قىلماي :
- ئاداش ، مەن ئېلىپ كۆرسەم ، رومانىڭنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنى چەت ئەل يازغۇچىسى پالانچىنىڭ رومانى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشكەنغۇ ، - دەپتۇ .
ئاتالمىش يازغۇى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىزا تارتقىنىدىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئەپەندىم ئاتالمىش يازغۇچى ئاغنىسىنى خىجىلچىلىقتن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ ،ئارىغا چۈشۈرۈپتۇ ۋە ھېلىقى ئاغىنىسىگە :
- ئاغىنە ، خېجىل قىلىۋەرمىگىنا ، بەلكىم بۇ ئاغىنىمىز رومانىنى سەن دەۋاتقان چەت ئەللىك يازغۇچى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ يازغاندۇ ، - دەپتۇ .
مىنى ئاسانراق بىر ئۆلتۈرگەن بولساڭ
ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچىنى ئىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا قورالدىن چاتاق چىقىپتۇ. بىرىنجى پاي ئوق پىستان چېقىپ ''پاڭ''قىلغان ئاۋاز چىققان بىلەن ئوق چىقماپتۇ. ئىككىنجى پاي ئوقمۇ شۇنداق بولۇپتۇ،ئۈچىنجى،تۆتىنچى.... بىچارە جىنايەتچى ئاخىرى بولالماي ئەسكەرنىڭ پۇتىغا ئىسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ؛ -جىنىم ئاكا....مىنى بوغۇپلا ئۆلتۈرۋىتە...يۈرۈكۈم تۆت قىتىم بوغۇزۇمغا كەپلىنىپ قالدى..
ئاۋال قۇرالنى تاشلاش كېرەك
يېڭى ئەسكەرلەر دۈشمەننىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىش بويىچە مەشق ئېلىپ بېرىپتۇ. مەشقتىن كېيىن كوماندىر ئۇلاردىن : - ئەگە سىلەر كېچىدە ئۆزۈڭلار يالغۇز بىر كۆۋرۈكنى قوغداپ قوراللىق پوستا تۇرغان بولساڭلار، قۇرۇق قول دۈشمەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قالسا سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ. - مېنىڭچە دەاپتۇ بىر يېڭى ئەسكەر سەل ئويلىنىۋالغاندى كېيىن ، - ئالدى بىلەن قولىمىزدىكى قورالنى سۇغا تاشلىۋېتىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلساق دۈشمەن قورالنى ئېلىۋالىمەن دەپ بىزنى ئۆلتۈرۈپ يۈرمەيدۇ.
قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن
چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر يىگىت ساتراشخانىدا چېچىنى ياسىتىپتۇ. ساتراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن ساتراچ بىر ماگنىتنى ئېلىپ يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياق بۇياق يۈگۈرتۈپتۇ، بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن : - بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ. - ياق، مەن قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن- دەپتۇ ساتراچ.
ھەقىقىي كالا تىزىكى
بىر ئادەم چوڭ شەھەردىن كەڭ يېزىغا كېلىپتۇ. ئۇ شۇنچىلىك ئازادىلىك ، ھېس قىلىپ،كۈندە سەھەر تۇرۇپ كوچىلارنى ئايلىنىدىكەن،،، ئۇ بىر كۈنى سەھەر كېتىپ بىرىپ ،يىراقتىن يەردىن بىرنەرسىنى كۆرۈپ قاپتۇ،ھەم ئۆز ئۆزىگە" ھەي يىراقتىن قارىسام ،كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ"دەپتۇ، ئۇ بىرئاز يىقىنلاشقاندا يەنە ئۆزىگە"ھەي بىرئاز يىقىنلاشساممۇ يەنىلا كالا تېزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇغۇ"دەپتۇ. ئۇ يولدىكى نەرسىنىڭ قىشىغا كېىلىپ ئۆزئۆزىگە"ھەي يىقىن كېلىپ قارىسام يەنە شۇ كالا تىزىكىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ جۇمۇ!"دەپ ھەيران بولۇپتۇ، ئۇ ئىڭىشىپ پۇراپ بېقىپ "ھەي پۇراپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىگە ئوپمۇ ئوخشاش تۇرىدۇ "دەپتۇ. ئۇ قولى بىلەن تۇتۇپ بېىقىپ"ھەي تۇتۇپ باقسام يەنىلا شۇ كالا تىزىكىدەكلا قىلىدۇ"دەپتۇ. ئۇ ئاخىرى چىدىماي ،باشمالتىقىنى ئۇ نەرسىگە پاتتۇرۇپ ،ئاندىن ئاغىزىغا سېلىپ تېتىپ بېقىپ : _ پاھ ھەقىقەتەن كالا تېزىكى ئىكەن شۇ !...ياپىر !!! تاس قاپتىمەن دەسسىۋالغىلى!!!! مەنبە |
|