| ئاخشام چۈشۈمدە غەزەپلەنگەن ئايال ئېرىدىن سورىدى : -راستىڭىزنى ئېيتىڭ ، سىز ئاخشام جۆيلۈپ ئىسىمىنى چاقىرغان قىز كىمۇ ؟ -سىزنى ماشىنا سوقىۋەتكەندە داۋالىغان قىز . - يالغان ، مېنى قاچان ماشىنا سوقىۋەتكەن ؟ - ئاخشام چۈشۈمدە. بەرىبىر ئوخشاش سوتچى ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر كىچىك بالىغا « ئۆزەڭ دىگىنە ، سىنى تۈرمىگە سولايلىمۇ ياكى داداڭغا تاپشۇرۇپ بېرەيلىمۇ » دەپ سوراپتۇ . ئۇ بالا پەرۋاسىزلارچە « ئىختىيارىڭىز ، بەرىبىر ئوخشاشلا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ، سوتچى ھەيران بولۇپ ، « بۇ نىمە دىگىنىڭ » دەپ سورىسا ، ئۇ بالا :« داداممۇ تۈرمىدە» دىگۈدەك . ھوشىدىن كېتىش بىر ھامىلدار ئايال يەڭگىشكە ئاز قاپتۇ . تۇغۇت دوختۇرى ئۇنى كارۋاتتا ياتقۇزۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ ۋە ئاۋازىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشكە باشلاپتۇ : - بىر ... ئىككى .....ئۈچ ....... تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ سىرتىدا تۇرغان بولغۇسى ئاتا دوختۇرنىڭ سانىقىنى ئاڭلاپ : - ۋاي خۇدايىم ، بۇنچە جىق بالىنى قانداق بېقىپ بولارمەن ... دەپ ھوشىدىن كېتىپتۇ .
خاتالىق مەمەتجان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ، ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى . بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋاقىرىدى : - سەن ... سەن ... سەن ... كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن، تۇرە ئورنۇڭدىن ! ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشى بىلەن تەڭ ئارقا – ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
دىلو مەلۇم قىلىش بىر كۈنى فەستىر ھاسىراپ ھۈمۈدىگىنىچە ساقچىخانىغا كىلىپ ، دىلو مەلۇم قىپتۇ : - چاتاق بولدى ، دادامنى قوشنىمىز ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بولدى ، تىز بېرىپ قۇتقۇزۋېلىڭلار! - ئۇلار قاچان ئۇرۇشۇپ قالغان ؟ - ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا . - نىمىشقا شۇ چاغدا كەلمىدىڭىز ؟ - دەسلەپتە دادام يامان چىققان ئىدى .
رۇخسەت سوراش ئوقۇتقۇچى دائىم بىر باھانە تېپىپ رۇخسەت سورايدىغان پۇسۇدىن سوراپتۇ : پۇسۇ سەن دەپ باققىنە ، ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ ؟ -تىرىلىدۇ ، مومام شۇنداق دىگەن . -توغرا ، ئالدىنقى كۈنى سەن مومامنىڭ نامىزىغا قاتنىشىمەن دەپ رۇخسەت سوراپ كەتكەندىن كېيىن موماڭ سىنى ئىزدەپ كەلدى .
ئات ئەمەس بىر كۈنى ئەلىف خانىشنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا بېرىپ ، گىلەمنىڭ ئۈستىدە ياستۇقنى ئات قىلىپ ئويناۋاتقان بالىدىن مەسلىكى كېلىپ سوراپتۇ : - سەن بەك باتۇر بالىكەنسەن ، مىنىۋالغىنىڭ قانداق ئات ؟ - بالا ئەلىفكە بىر دەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن دەپتۇ : - چوپچوڭ ئادەم تۇرۇپ مۇشىنىمۇ بىلمەمسىز ؟ بۇ دىگەن ئات ئەمەس ياستۇق !!! تاماق ئېتىش بىر كۈنى پاك كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەن يولدىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تاماق ئەتمەكچى بولۇپ سوراپتۇ : -چۆچۈرە ئېتەيمۇ ياكى مومىمۇ ؟ -چۆچۈرە ئەت . - ماقۇل . شۇنىڭ بىلەن پاك چۆچۈرە ئېتىشكە تۇتۇش قىپتۇ. چۆچۈرنى تۈگۈپ بولۇپ تۇزىنى تېتىسا تۇزسىز بوپ قاپتۇ ، ئۇ سۇ ۋە تۇزنى تەڭشەپ چۆچۈرىگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ ، بىر چاغدا يولدىشى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ، ئۇنىڭ چۆچۈرىگە ئۇكۇل ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دەپتۇ : -سەن تاماق ئېتىۋاتامسەن ياكى دوختۇرلۇق قىلىۋاتامسەن ؟ ھېلىمۇ چۆچۈرە ئەت دەپتىمەن ، موما ئەت دىگەن بولسام ئاسما ئاساركەنسەن !!! كەينىچە مېڭىش ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ : - بۈگۈن يول بەك تېيىلغان بولۇپ كېتىپتۇ . ئالدىمغا بىر قەدەم ئالسام كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم . - ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا ، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن ؟ - كېيىن ئامال تاپتىم ، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم . پەقەت بىرلا مېھمان قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ . ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا : -مېھمان ، بىر تاللا چىۋىن ئىكەنغۇ ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىدىن سىزدىن بالدۇر يەپ بولامايدۇ . مايمۇن بىر كۈنى باغداتتىكى بىر ئاق سۆڭەك بىرسىدىن سوراپتۇ : - قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن ؟ - ئەينەككە قارىسىڭىزلا مەست ئىككى مەست رىلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاخشاپتۇ : -نىمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ ؟؟ -شۇنى دەيمەن ، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن . ئۇخلاپ قالدى ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ . دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ . بىر سائەت ئۆتۈپتۇ ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجۇرىسىدىن چىقماپتۇ . بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ : - ئۇ ئۇخلىدىمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ . - ئۇخلاپ قالدى ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا لوگىكىلىق خۇلاسە پىرافېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن . بىر كۈنى پىرافېسور لوگىكا دەرىىسىدە :« كىتاپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە ، شۇڭا كىتاپ يەرنىڭ ئۈستىدە » دەپ سۆزلەۋېتىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ « مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرۈسىز ، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن ئوقۇتقۇچى : دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ ، قېنى دەپ باقە سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن ؟ ئوقۇغۇچى : ئوخشىمايدىكەنمەن . ئوقۇتقۇچى : ئۇنداقتا كىمگە ئوخشايدىكەنسەن ؟ ئوقۇغۇچى : ئوقۇتقۇچىغا . نېمىنى ئويلىدىڭ قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى ، بىر ئوغرى چاپان ئوغۇرلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ . سوتچى : بۇ چاپاننى ئوغۇرلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ ؟ ئوغرى : ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىساق ئىسسىق پاختىلىق چاپانغا ئېرىشىدىغىنىمنى ، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم .
|
|