روزى ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇسۇلمان قېرىنداشلار، رايونىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپى سېپىدىكى جاپاكەش باغۋەنلەر، بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى كونا-يېڭى ئەزىز دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟ مۇسۇلمانلارنىڭ مىللى ئەنئەنىۋى بايرىمى روزى ھېيتىمىز يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بايقاش مائارىپ تورىمىز سىلەرگە ئايەملىك سالام يوللايدۇ، تېنىڭلارنىڭ سالامەت، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك، خىزمەت، ئىش-ئوقىتىڭلارنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا سەمىمى تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار، ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىۋى ئايىمىمىز روزى ھېيت يېتىپ كەلدى. پۈتكۈل جاھان، جىمى ئەل-يۇرت ئايەم شاتلىقىغا، خۇشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمدى. چىرايلاردىكى ئىللىق تەبەسسۇم، كوچا-رەستىلەردىكى ئاۋاتچىلىق، ئائىلىلەردىكى مولچىلىق ئايەم شاتلىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈرمەكتە..... ياشانغانلارنى، چوڭلارنى يوقلايلى، ئۇلار غېرىپسىنىپ قالمىسۇن!... ئۈلۈپ كەتكەنلەرنى يوقلايلى، ئۇلارنىڭ قەبرىسى مۇڭلىنىپ قالمىسۇن!... ئاجىز، غېرىپ-غۇرۋالارنى يوقلايلى، ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ كۈلسۈن!... كىچىكلەرنى يوقلايلى، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!... ئارازلاشقانلارغا قول بېرەيلى، رەقىپ كۆپەيمىسۇن!...
بىز مېھرى-مۇھەببەتكە مۇختاج! باشقىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋال باشقىلارغا مېھرى-مۇھەببەت بېرەيلى. ئۆزئارا ئىللىق مۇئامىلە، ئىللىق تەبەسسۇملىرىمىز، سەمىمى، دوستانە سۆز-ھەركەتلىرىمىز، گۈزەل تىلەكلىرىمىز بىلەن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلسۇن! ھىد-پۇراقلىرى جىمى جاھانغا چېچىلسۇن! ئىزگۈ ھىسلارغا تويۇنغان ئايەملىك سالاملىرىمىز، گۈزەل، ئوتلۇق، سەمىمى تىلەكلىرىمىز قەلبلەردىن قەلبلەرگە تارالسۇن!!!
ئەسكەرتىش: روزى ھېيتلىق ئايەملىك تىلەكلىرىڭىزنى ئىپادىلەپ بۇ تېما ئاستىغا ئىنكاش شەكلىدە قالدۇرسىڭىز 10 دانە بايقاش تىللاسى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيسىز، بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا ئېرىشەلەيدۇ. سانى چەكلىك، قېنى ئالدىراڭ!
بايقاش مائارىپ تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
|