بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-25 01:19
مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى
12.«تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش» ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسى
تىل-ئەدەبىيات 9-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم
بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئارزىگۈل ھۈسەن
12.«تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش» ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسى
بۇ دەرس 9-يىللىق 2-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ «نەسىرى ئەسەرلەر» دېگەن 3-بۆلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەردە ئىرادىسىزلىك، بوشاڭلىق، غايىسىزلىك، ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە كىشىگە زور ئىلھام ۋە مەدەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: ئەسەردە تۇغۇلۇپ 18ئايلىق بولغاندا ئېغىر كېسەل تۈپەيلىدىن قىزىپ كېتىپ ئەما، گاچا، ھەم گاس بولۇپ قالغان ئامرىكىلىق مەشھۇر ئايال يازغۇچى، ناتىق ھەم ئىجتىمائى پائالىيەتچى خېلىن كېللېرنىڭ تەقدىرگە تەن بەرمەي، مېيىپلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ ساغلام كىشلىك ھاياتتىن بەھىرلىنىپ، كىشلىك تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان.. ئاپتۇرنىڭ بۇ ئالاھىدە كەچۈرمىشى ۋە چىن تەسراتى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى، كىشلىك ھاياتنى، دۇنيانى قىزغىن سۆيۈش ھېسىياتىنى قوزغايدۇ. بۇ دەرس جەمئى 2سائەت ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، بۇ سائەتتە ئىككىنچى سائىتى ئۆتۈلىدۇ. دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە دەرسلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ سائەتلىك دەرس تۆۋەندىكىدەك لايىھەلەندى: 1. ئوقۇتۇش نىشانى 2. بىلىم نىشانى 1.خېلىن كېللېرنىڭ تەقدىرگە تەن بەرمەي مېيىپلىكتىن غالىپ كېلىپ، ساغلام ھاياتتىن بەھرلىنىپ، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى كەچۈرمىشىنى چۈشىنىش،2. توغىرا كىشلىك تۇرمۇش كۆز قارىشىنى تىكلەش. 3ئاپتۇرنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ھېسياتىنى، ئىستېتىك تەسراتىنى چۈشىنىش.
ئىقتىدار نىشانى تەھلىل قىلىش ،مۇستەققىل پىكىريۈرگۈزۈش،ھۆكۈم قىلىش ،كۈزىتىش ،ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش،ھەمكارلىشىپ خۇلاسىلاش ئەدەبىي ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ھاياتىدىن ئىلىھام ئېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ. ھېسىيات پوزۇتسىيە ،قىممەت قارىشى ھاياتنىڭ قىممىتىنى توغرا تونۇش، ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش ئۆزىگە ئىشىنىش ، قەيسەر، دادىل، قىزغىن، ئۈمىدۋار بولۇش، كىشلىك ھاياتتىن بەھرلىنىپ تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىشنى،
موھىم نوقتا ئاپتۇرنىڭ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېسىياتىنى چۈشىنىش. بۇنى موھىم نوقتا قىلىشتىكى مەقسەت :ئۇقۇغۇچىلارنى دۇنياغا شەخسىيەتسىز، پاك مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ساغلام تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە قىلىش.
قېيىن نوقتا روھى مېيىپلىك بىلەن جىسمانىي مېيىپلىكنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى بىلدۇرۇش ، روھى مېيىپلىكنىڭ ئىنسانغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرۇش. بۇنى قېيىن نوقتا قىلىشتىكى مەقسەت- ئەسەردە روھى ساغلاملىق بولغاندىلا ،جىسمانىي مېيىپلىقنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى مەركىزى ئوق قىلىپ جايلاشتۇرۇلغان. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى 1. قىزىقتۇرۇش، ئويلاندۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە تەبئي باشلاپ كىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. 2. تەھلىل قىلىش ،مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى : بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بېرىلگەن تەھلىل نوقتىلىرىنى تەھلىل قىلىدۇ ،تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ. 3. سۇئال قويۇش ،مۇنازىرە قىلىش ،تەسىرات سۆزلەتكۈزۈش ئۇسۇلى: بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان سۇئاللار ئۈستىدە ئوقۇغۇچىلار گۈرۈپپىلارغا بۆلىنىپ مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ،شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش، بىلمنى يۆتكەش،تەپەككۈر قىلىش،ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 4. رىغبەتلەندۈرۈش ، قوزغىتىپ يېتەكلەش ئۇسۇلى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن سۇئال سوراش، ۋەقەلىكنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتلىدۇ .شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوزغاتقىلى، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولۇپلا قالماي دەرسنىڭ ئۈنىمىنى ينقىرى كۆتۈرگىلى ھەم ھادىسىلەرگە ھۆكۈم قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى يغىنچاقلاش قابىلىيىتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ھەمكارلىق ئۇسۇلى ۋە خۇلاسە قىلىش ئۇسۇلى :ئوقۇغۇچىلار گورۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشش ئارقىلىق دەرسنىڭ موھىم ،قېيىن نوقتىلىرىنى ھەل قىلىنىدۇ. دەرسخانا كەيپىياتى جانلىنىدۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ ،ئوقۇتۇش نىشانىدىكى ھەر بىر ھالقىنى ئېنىق پەرىقلەندۇرۇش ،دەرس مەزمۇنىنى ئەتىراپىلىق ئېگىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوقۇتۇش ۋاستىسى دەرسلىك يۇمشاق دىتالى ،ئوقۇتقۇچىلار پايدىلىنىش قوللانمىسى ،دەرسلىك كىتاپ دەرىس تىپى، دەرىس خارەكتىرى مۇلاھىزە دەرسى، 2-سائىتى
دەرسكە باشلاپ كىرىش سۆزى:
(مۇلاھىزە قىلدۇرۇش،ئويلاندۇرۇش ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇش ،قوزغىتىش ،سىناپ بېقىشقا يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشنى مەقسەت قىلىمەن .)
ساۋاقداشلار بىز بىرلىكتە بىرئويۇن ئويناپ باقايلى ،مەن ئالتە نەپەر ساۋاقداشنى ئوتتۇرىغا چىقىىشقا تەكلىپ قىلىمەن ، ئىككى ئوقۇغۇچىنى كۆزىنى چىڭ ئېتىپ مۇنبەردىكى ئورۇندىن ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشقا ،ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئاغزىنى ھېچقانداق مىدىراتماي تۇرۇپ مەرەككەپرەك مەقسەتنى ئىپادىلەشكە،ئىككى ئوقۇغۇچىنى قولىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ خەت يېزىپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇمەن ،بۇپائالىيەتنى سىناق قىلغان ساۋاقداشلاردىن قانداق ھېسىياتتا بولدىڭلاردىگەن سۇئالنى سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىمەن. .(مەقسەت – ئوقۇغۇچىلارغا مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشتا قايسى دەرىجىدە قېينىلدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ قايسى دەرىجىدە تىرشچانلىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن نۇرمال ئادەم قىلالغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقنى ،بەدەندىكى ئەزالارنىڭ رولىنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش) قېنى ساۋاقداشلار بىز جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر مېيىپ ،ئەمما ئادەم تەسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۆمۇدۋار ياشىغان ، نۇرمال ئادەمىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئشلارنى ئاشۇرۇپ ياخشى قىلغان خېلىن كېللېر خانىمنىڭ گۈزەل روھى دۇنياسىغا كىرىپ باقايلى !
ئوقۇتۇش جەريانىنى چۈشەندۈرۈش ئىنساننىڭ ھاياتى تولىمۇ گۈزەل، بىراق تولىمۇ قىسقا. ئەتىراپىمىزدا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھەقىقى زوق ئالماي، «يېيىش، ئىچىش، تاماشا قىلىش» نى ياشاش يولى قىلىۋالغان، ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئالدىنقى سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز بۇلارغا ئوخشىمايدىغان، يۈرەكنى تىترىتىدىغان تەسىرلىك ئىشلىرى بار خېلىن كېللېر توغرىسىدا سۆزلىگەن ئىدۇق. بۇ سائەتتە خېلىن كېللېر توغرىسىدا داۋاملىق توختىلىمىز. شۇڭا مەن بۇ سائەتلىك دەرىستە ساۋاقداشلارنىڭ ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈشىنى، ئىجادى تەپەككۇر قىلىشنى، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىپ ئەمەلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى، دەرىسخانىنى شادلىق سەيناسىغا ئايلاندۇرۇپ، خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئولتۇرۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنداق بولسا، ھەممىڭلار بىلىمگە تەشنا ئاپئاق قەلبىڭلارنى ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن تاپشۇرۇپ، مەن بىلەن بىرلىكتە خېلىن كېللېرنىڭ ئاجايىپ ھاياتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى خالامسىلەر؟ ئاۋالقى سائەتتە خېلىن كېللېرنىڭ بالىلىق دەۋىرى،مېيىپ بولۇپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ بولغان ئىدۇق ،ئەمدى ئۇنىڭ نۇرمال ئادەملەردىن ھالقىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇشنى خالامسىلەر؟ خېلىن كېللېر، 1903-يىلى 23يېشىدا ئۆزىنىڭ تەرجىمھالى «قىزلىق دەۋرىم» نى يازغان. كېيىن يەنە «مىنىڭ ھاياتىم» ناملىق تەرجىمھال ئەسىرىنى يازغان. ئونۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، زېھنىنى مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن. يەنى، ئەمالار گېزىت-ژۇرناللىرىنى چىقارغان. ئەمالارنى كاپالەتلەندۈرۈش كومتېتى قۇرغان. 1926-يىلى ئاقسارايغا كىرىپ زوڭتۇڭ كىراجنى ئەمالار جەمئىيىتىنىڭ پەخىرى رەئىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. 1932-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەتلىك ئەمالار ئىنىستىتوتىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولغان. كېيىنكى يىللاردا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئەمالار فوندى يىغىپ، ئەمالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇراجىئەت قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. 1959-يىلى ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنىدا ئۇنىڭ تۆھپىسى بىردەك ماختاشقا ئىرىشىپ، 80ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى «خېلىن كېللېر خاتىرە مالىيە گوروھى»،«خېلىن كېللېر خەلقئارا مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان. 1968-يىلى جاپالىق ھەم شان-شۆھرەتكە تولغان 88يىللىق ھاياتىنى تىنىچ ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇنىڭ «قىزلىق دەۋرىم»،«مىنىڭ ھاياتىم»،«غەم يېمەسلىك»،«ئۈمۈتۋارلىق»،«مەن تۇرغان دۇنيا»،«قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە»،«كۈزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار. (مەقسەت -ساق ئادەملەرمۇ خىلى تەستە ئىرىشىدىغان شان-شەرەپ ۋە ئىناۋەتنىڭ ساھىبى خېلىن كېللېرنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايىللىقى ،قىزىقىشى ،ھۆرمىتىنى قوزغاش.)
1-سۇئال: خېلىن كېللېرنىڭ ھازىر سۆزلەنگەن تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بىلەن تېكىسىت مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق ھايات ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ بېقىڭلار. 2-سۇئال: ئەمدى، ئىكراندىكى سۈرەتلەرنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىندىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىڭلار. (ئىكراندا دۇنياغا داڭلىق مېيىپ فىزىكا ئالىمى خاۋكىڭ، پاۋىل كارچاگىن، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ماھىرلارنىڭ سۆرىتى كۆرسىتىلىدۇ.) 3-سۇئال: خېلىن كېللېر بىلەن ئىكراندىكى كىشىلەرنىڭ خارەكتىرىدە قانداق ئوخشاشلىقلار بار؟ 4-سۇئال: ئاپتۇرنىڭ «باشقىلار كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرنى مېنىڭ قۇياشىم دەپ، باشقىلار قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان مۇزىكىنى مېنىڭ كۈيۈم دەپ، باشقىلارنىڭ چىھرىدە جىلۋە قىلغان تەبەسسۇمنى مېنىڭ خۇشاللىقىم دەپ بىلىپ ياشىدىم.» دىگەن سۆزىدە ئىپادىلەنگەن ئىددىيۋىي ھېسسىياتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭلار. . (مەقسەت- بۇ سۇئاللار ئارقىلىق خېلىن كېللېرنىڭ ئۆزىنىڭ مېيىپلىكىنى ئۇنتۇپ ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش، دۇنياغا شەخسىيەتسىز،پاك مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ساغلام تۇرمۇش قارىشنى ، كەڭ قورساق ، مېھرىبان ۋە ئۆمۈدۋار،قەيسەر خاراكتىرنى بىلدۇرۇش ) 5-سۇئال: تېكىسىتتە موزىي ۋە سەنئەت سارىيىدا خېلىن كېللېر سەنئەت بويۇملىرىنىڭ سىزىقلىرىنى قوللىرى بىلەن سىلىغاندا سەنئەتكارلارنىڭ ئىپادىلمەكچى بولغان ئىدىيسىنى، رىۋايەتلەردىكى قەھرىمانلار ھەيكەللىرىنىڭ يۈزلىرىدىن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ۋە باتۇرلۇقىنى ھىس قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان مېيىپلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھېسسىياتتا بولامدۇ-يوق؟ نېمە ئۈچۈن؟ (مەقسەت – ئۇنىڭ نورمال كىشىلەردە بولىدىغان ھېسسىياتنى ھازىرلاپلا قالماستىن، بەلكى ئادەتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى تەربىيلىنىشنىمۇ ھازىرلىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەر جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولسىمۇ، لىكىن ئۇلاردا ئىستېتىك زوقلىنىش ئىقتىدارى كەم ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش) 6-سۇئال: كىشلىك ھاياتتىكى روھى مېيىپلىك بىلەن جىسمانى مېيىپلىكنىڭ پەرقىنى سۆزلەپ بېقىڭلار. قايسىسى ئەڭ ئېغىر مېيىپلىك ھىساپلىندۇ؟ (مەقسەت -مۇشۇ نوقتا تىكىسىت مەزمۇنىنى تۇرمۇشقا باغلايدىغان ئەڭ يارقىن تەرەپ، شۇڭا مۇشۇ يەردە ئۇقۇغۇچىلارنى تېكىسىت مەزمۇنىغا يانداش ھالدا تۇرمۇشتىن دېتال ئىزدەشكە يېتەكلەش، دەۋرىمىزدىمۇ خېلىن كېللېردەك، ھەتتا ئۇنىڭدىن بەكرەك تېرىشىپ ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىۋاتقانلاردىن خاۋكىڭ، ليۇ ۋېيي قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتۇرۇش. شۇنىڭ بىلەن بىللە جىسمانىي جەھەتتىن ساپ ساق تۇرۇپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقان كىشلەرنى (ھاراقكەش،قىمارۋاز،بەڭ چىكىۋاتقان...) جەمئىيەتتىن ئىزدىتىپ سېلىشتۇرما قىلىپ ھەم ئالدىن تەييارلىغان سۆرەتلەرنى كۆرسىتىپ مۇھاكىمىگە يېتەكلەش.) ...........(ئوقۇغۇچىلار سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ) 7-سۇئال: بۇگۈنكى دەرستىن قانداق تەسرات ئالدىڭىز؟ سىز ساغلام بولغان بەدەن ئەزالىرىڭىزنىڭ رولىدىن قانچىلىك پايدىلىنىۋاتىسىز؟ توغرا نىشان، توغرا يۆنىلىشتە ئىشلىتىۋاتامسىز؟ ئۆز ھاياتىڭىزنى جىسمانى جەھەتتىن مىيىپ بولغان خېلىن كىللىر، خاۋكىڭ، ساغلام، تەندۇرۇس كىشىلەر ئىچىدىن ئەركىن سىدىق، خالمۇرات غوپۇرلارنىڭ ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزدە نېمىلەرنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىز؟ بۇندىن كىيىن قانداق قىلىسىز؟ ...........(مەقسەت -روھيى ساغلاملىقنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈلىگىنى ۋە روھى زەئىپلىكنىڭ ئىنسانغا ئەكىلىدىغان زىينىنى بىلدۇرۇش، ساغلام بەدەندىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا ،ئەھمىيەتلىك ،مەنىلىك ياشاشقا دەۋەت قىلىش.) 8-سۇئال: تېكىسىت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان ماقال-تەمسىل ياكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئېيتىپ بېقىڭلار. ............(مەقسەت – ئوقۇغۇچلارنىڭ تىل بايلىقنى ئاشۇرۇش،ئىپادىلەش ،سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش) ئ 8. دوسكا لايىھەسى 9. تاپشۇرۇق «خېلىن كېللېرغا خەت» دىگەن ماۋزۇدا بىر پارچە تەسرات ماقالىسى يېزىڭ. خېلىن كېللېرغا بىر پارچە خەت يېزىڭ 10. دەرىستىن كىيىنكى ئويلىنىش دوسكا لايھىسى:
|