| مانچىستېر بىرلەشمىسى ۋان پېرسىنىڭ يارىلىنىش سەۋەبلىك 4-6 ھەپتە توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سۇمرۇغ تەنتەربىيە قانىلىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: مانچىستېر بىرلەشمە كۇلۇبى ۋان پېرسىنىڭ تىز بوغۇمى قايرىلىپ كەتكەنلىكتىن، كەلگۈسى 4-6 ھەپتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇڭا بۇ گوللاندىيەلىك ھۇجۇمچى يارىلىنىش سەۋەبلىك بايرېن كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چىمپيونلىقى 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2 ئايلانما تۇتۇشۇشقا قاتنىشالمايدۇ. ۋان پېرسى ياۋروپا چىمپيونلىقى مۇسابىقىسىدە ئولىمپياكوس كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە 90 مىنۇت بولغاندا تىزى يارىدار بولۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. كۇلۇب دوختۇرى ۋان پېرسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرگەن بولۇپ، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان. تەرجىمىدە: ئەكبەر
|
|