بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 11:31
مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ھەقىقىي جىنايەتچى كىم؟ نۆۋەتتىكى يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىش ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدەملىرىدە ئىلگىركى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان بەزىي ياخشى بۆسۈشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنە بەزىي نوقسانلىقلار كىشىنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈرىدۇ ... مەسلىنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكىنى ئىزدەيدىغان قىزىزىق نوقتا ئوبزورچىلىرىمىز كۈچنى بىر نوقتىغا يىغىپ شۇ بىچچارە ئۇرسىمۇ ، ھەتتاكى جاندىن ئۆتكۈدەك ھاقارەت قىلسىمۇ ئۈندىمەي شۇ ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىر ئىزدىنىش ئىستىكى پۈككەنلەرگە قارىتىشى مۇمكىن ... مەسىلە زادى نەدە ... بۇ نوقتىغا قارىتا مەن ئوتتۇرغا قويمىساممۇ كۆپ ساندىكى مائارىپىتا ئىشلەيدىغان ، ھاياتىنى مائارىپ ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ئوت يۈرەكلىرىمىز دەرھاللا يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەقىقىي بۇنىڭ جاۋابكارى دەپ ئېنىق ئوتتۇرغا قويىشى مۇمكىن ... مائارىپ ئەۋلات تەربىيلەيدىغان ، ياراملىق ئىزباسارلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلەپ تەربىيلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان ئورۇن ... يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پەقەت نازارەتچى ۋە باشقۇرغۇچى ئەمەس ، بەلكى بۇنىڭغا قارىتا ئۆزى يېڭىلىق يارتىش ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىزدىنىش بۇرچىنى ئادا قىلىپ ، شۇ مەكتەپلەر ئۈچۈن باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ بىرىدىغان ، ساغلام قەدەملىرى ئارقىلىق باشقىلارغا قارىتا ئۈلگە تىكلەشنىڭ دەسلەپكى ئاۋانگارتى بولۇشى ، ھەرگىزمۇ خىيانەتچى ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان مەجرۇغ ، باشقىلاردىن ئۆسۈمگە پۇل ئۈندۈرىۋالىدىغان جازانىخور كاپىتالغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى ... بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ مىللىي مائارىپى مۇشۇنداق ئىستىداتلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن نۇرغۇن ئىلىم سۈيەر باغۋەنلەرنى ، ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىر كىشلىك جاپالىق قان- تەرىنى ئاققۇزۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ، ئىزدىنىۋاتقان شۇ جاپاكەشلەرنى خورتىدىغان گۈزەل ئىلىم ماكان مارالبېشى ... 1 . ئويلاپ بېقىڭلار مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەرنى باشقۇرىدىغان ، رەھبەرلىك قىلىدىغان ئورگان دەيمىز ، چوقۇم باشقۇرغۇچىلاردا باشقۇرۇش سەنئىتى بولۇش كېرەك ... ئىلمنىي توغرا باشقۇرۇش كېرەك ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈنۈم ئىش ھەققى دىگەن بىر « ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆز گۈشىنى قورۇپ بېرىدىغان » بىر تۈر قوشۇلغاندىن بۇيان يەنى ( ئومۇمىي مۇئاشىمىزدىن %20~%30) ھەر ئايدا تۇتىۋېلىپ يىل ئاخىرىدا بىرىدىغان شۇ پۇلنىمۇ ھەق يولىدا بىرىشكە قادىر بولمىسا ، ئىشلىمىگەنلەرمۇ ئوخشاش يۇقىرى نومۇردا ، بىچچارە ئەتىگىنى سەھەر كېلىپ كەچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويىۋېلىپ كۆز باغلانغاندا ئائىلىسىگە بىكار بولۇپ قايتىدىغانلارمۇ ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن تۆەن نومۇر بىلەن باھالىنىپ ، ئەرزىم بارتى دىيىلسە ھېچقانداق ئەرىز – تەكلىپنى ئاڭلىمايدىغان بۇنداق مۇئاش ئوقۇتقۇچىلارنى قانداقمۇ ئويغۇتالىسۇن ... تېخىمۇ ئاز كەپ قالغاندەك شۇ شىلىۋالغان پۇلدىن يەنە كانتىلىۋېلىپ شۇ جاپاكەشلەر پۇلىنى خەجلەشنى بىلمەيدىغاندەك ... پۇلدىن كانتىلاپ ماڭسا ، بۇنىڭلىق بىلەن توختىسىغۇ بوپتۇ دىسەك ، ۋاقتىدا بېرىشتىمۇ يەنىلىكىم ئەزۋەيلەپ قانداق قاپقانلارنى قۇرۇپ ياۋاشلارنى يەنە ئىزدەپ تاپساق دەيدىغان ... ۋاقتىدا بىرەلمەيدىغان ... 2 . بىر مەكتەپ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقسا ئۇنى قوللاش ئەمەس ، بەلكى بۇنىڭغا قارىتا شەكىلۋازلىق قىلىپ يەنىلىكىم تۇسالغۇ پەيدا قىلىدىغان ... 3 . ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز دەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە شۇ مەزگىللىك باھالانغان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى راس شۇنداقمۇ ياكى بۇ بىر ساختا شەكىلمۇ ... بۇنىڭلىق بىلەن قىلچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان پەقەت يۇقىرىنىڭ تىللىرىدىن ساقلانسا ، ئۆزلىرىنىڭ تىنىچ ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ كەتمىسە دەپ ئويلايدىغان ، يوچۇق تاپسىلا پۇل تېپىشنىڭ ، شۇ بىچچارە ئوقۇتقۇچىلارنى شىلىشنىڭ قەستىدە بولۇپ يۈرىۋاتقان شۇ بىكار تەلەپلەرگە ، ئىش بۇزارلارغا ئاپېرىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز ... بۇ نوقتىلارغا قارىتا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرىدىغان قېرىنداش كەسىپداشلىرىم بەلكلىم ئاز بولۇشى مۇمكىن ... ھەتتاكى قىزىل پاچاقلىق قىلىپ مىنى سۆكۈپ شۇ بىچچارە بىكار تەلەپلەرنى ھەق ئىش قىلدى دەپ ئويلىشى مۇمكىن ... مەن زەربىگە ئۇچۇرغۇچى ئەمەس ... پەقەتلا كۆز ئالدىمكى بولىۋاتقان ، ئادىللىق يۈزسىدىن شۇ ئەۋلاتلار ئۈچۈن كۈچ قوشىۋاتقان بارچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى يىغىپلا قويدۇم خالاس ... شۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەرگە شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ ، ئەگەر ئىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىمەن دىسە ، « ئۆز يېغىڭدا گۈشۇڭنى قورۇپ بېرىمەن » دەيدىغان شۇ پۇلنى جايىغا قايتۇرۇپ بېرىپ ، يېنىدىن مۇكاپات ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى تەسىس قىلىپ بەرسە ، يەنە بىرگە شۇ ئىدارە تارماقلىرى ئۆز چۆنتىكىگە سېلىۋاتقان ئارقا ئىشىك قىلىپ ئارام ئالسام بۇلاتتى دەپ مەكتەپكە چىققىلى ئۇنماي يۈكىنى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويىۋاتقارنىڭ ئەكىرىپ بەرگەن پۇلىنى يانچۇققا سالماي شۇنداق كەسىپنى قەدىرلەپ مائارىپ ئۈچۈن يۈرەك تەرىنى سەرپ قىلىۋاتقان شۇ جاپاكەشلەرگە بەرسە نېمە بولار ... ھېلىمۇ بۇ مائارىپ ئىدارىسى دىگەن بۇ ھاڭنى تويدۇرۇپ بۇلالمىدۇق ، ئېلمىيلىككە باشلاپ ئەكىرىپ بۇلالمىدۇق ... يالغانچىلىقتىن ساقلانسۇن دەپ جار سېلىپمۇ ئوڭشىيالمىدۇق ... بىز ئەۋلاتلارغا سەمىمىيەت تەربىيسىنى بىرىمىز ، ئۆزىمىز چىن يۈرىكىمىزدىن يالىغانچى بولۇپ كەتسەك باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالماسمىزمۇ ... بۇ تېمىنى قايسى قېرىندىشىمىز ئوقۇپ چىقار ... قانداق ئىنكاسلارنى بىرەر ... ياكى مېنى ئەيىپلەرسىلەر ... ئىمكان بار ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى ... بۇخىل ئەھۋالنى جەمئىيەت ئوقسۇن ... چۈشەنسۇن ... ئەۋلاتلار بىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن كېيىنچە ... شۇ نوتىلىرىمىز جەمئىيەتكە چىققاندا ساغلام چىقسۇن ... ئەپسۇس ساڭا مائارىپ ئىدارىسى ... شۇ قاتمال ، ئىشلىمەس كاللاڭ ، ئېچىلمىغان نېرىپلىرىڭ قاچانمۇ نورماللىشار ...
|