كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 1

مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونىدىن لىكسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونىدىن لىكسىيە

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتتىنىڭ 22-يىغىنىدا تۈزىتىپ ماقۇللاندى ،2006-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلسۇن .
1-باپ ئومومىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانون ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ،ئاساسي قانونغا ۋە مائارىپ قانونىغا ئاساسەن چىقىرىلدى .
2-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر .مەجبورىيەت ،مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەت ئىلىنمايدۇ .
4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرجنسى ،مىللتى ،ئىرقىي ،ئۆي بىساتى ،دىنىي ئىتقادىي قاتارلىقلارغا قارىماي ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش ھوقۇقىدىن قانون بويىچە بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش مەجبوريىتىنى ئادا قىلىدۇ . 10-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە ئونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ .مۇكاپاتلايدۇ .
2-باپ ئوقۇغۇچى
11-ماددا ئالتە ياشقا تولغان بالىنى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشى ھەمدە ئۇنى تۇگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ؛شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ .ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلى مەكتەپكە كىچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن تۇختىتىشقا تۇغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك .
3-باپ مەكتەپ
17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ تارقاق تۇرىۋاتقان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
24-ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بېرىپ ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ ،ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى مەكتەپ ئىمارەتلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ ؛رىمونىت قىلىشقا ،ئۆزگەرتىشكە تىگىشلكلىرنى ۋاقتىدا رىمونىت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ .مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقوقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .
25.ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىق ،تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك .
27-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەنقىد –تەربىيە بېرىشى ،ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كېرەك.
4-باپ ئوقۇتقۇچى
28-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانونىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىشى قانوندا بەلگىلەنگەن مەجبورىيەتنى ئادا قىلىشى ،باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك .پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك .
31-ماددا ھەر دەرىجىلك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ،ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى مومورلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك .ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى قۇشۇمچە يادەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .
5-باپ ئوقۇش –ئۇقۇتۇش
34-ماددا ئوقۇش-ئوقۇتۇش خزمىتىنى مائارىپ قانونىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ،روھي جەھەتتىكى يىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ ،ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەپ ،ئەخلاق تەربىيىسى ،ئەقلىي تەربىيە ،تەنتەربىيە گۈزەللىك تەربىيسى قاتالىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشكەتۈرتكە بېرىش كېرەك .
37-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى ،ئۇلارنى مەدەنىي كۈڭۈل ئىچىشىغا ئوخشاش دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىشى كېرەك جامائەت مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سرتقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قۇلايلىق بۇلۇشى كېرەك . 41-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ .
6-باپ خىراجەت كاپالىتى
گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ ،ئۇنى ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ شىتات ئۆلچىمى ،مائاش ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى قاتارلىقلار بويىچە ،ۋاقتىدا تۇلۇق ئاجرىتىپ ،مەكتەپلەرنىڭ نورمال يۈرىشىگە ۋە مەكتەپ ئىمارىتى بىخەتەرلىكىگە ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
7-باپ قانون جاۋاپكارلىق
51-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانوننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى گوۋۇيۈەن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكارمەسئول خادىمى ۋە باشقا جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ8  -باپ قۇشۇمچە پرىنىسىپ
61-ماددا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن پارچە خىراجەت ئالماسلىق قەدەم باسقۇچنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ .
62-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىسلەر قانون بويىچە قۇرغان پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قويغانلىرىغا پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانوندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ ؛ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانونىدا بەلگىلىمە بولمىسا ،مۇشۇ قانون تەدبىقلىنىدۇ

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-15 00:13:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانۇنلار تۇلۇق ئەمەسمۇ قانداق ماددىلار بەزىللىرى بار بەزىللىرى يوققۇ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش