| دىن ئىشلىرى نىزامى ۋە دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش بىلىملىرىدىن لىكسىيە دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دىگەنلىك، ھوكۇمەتنىڭ ئاساسى قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-ھوججەتلىرىگە ئاساسەن، دىن جەھەتتىكى دولەت مەنپەتى، ئىجتىمائى ئومۇمى مەنپەتكە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەت ۋە ھەركەتلەرنى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائى ئومۇمى پائالىيەتتىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھۇقۇق-مەنپەتىگە چېتىلىدىغان مۇناسىۋەت ۋە ھەركەتلەرنى مەمۇرى جەھەتتىن باشقۇرۇشنى كورسىتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، دولىتىمىز ئەزەلدىن دىن مەسىلىسىگە ئىنتايىن كوڭۇل بۇلۇپ كەلدى. يەنى ئاساسى قانۇن ۋە تۇرلۇك قانۇن-نىزاملارنى تۇزۇشتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئىتىقات مەسىلىسىنى مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ماددىلارنى بەلگىلەپ چىقتى. مەسىلەن؛ «ئاساسى قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇخرالىرى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دولەت ئورگىنى، ئىجتىمائى تەشكىلات ۋە شەخس پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىغى، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان پۇخرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇخرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى كىرەك. دولەت نورمال اىنى پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزىدىغان، پۇخرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۇزىدىغان، دولەتنىڭ مائارپ تۇزۇمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. «مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنى»نىڭ 53-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن.مىللى ئاپتۇنومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتۇنومىيە ئورگانلىرى ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم-پەننى، سوتسىيالىزىمنى سۇيۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇ جايدىكى مىللەتلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كومىنىزىم ۋە مىللى سىياسەت توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا بىر-بىرىگە ئىشىنىش، بىر-بىرىدىن ئوگىنىش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىنىڭ تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنى ئېتىقادىغا ھورمەت قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى بىرلىكتە قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن. قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇخرالارنى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان دولەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن توۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. خۇيداۋمىن تەشكىلاتى ۋە بىتئەتچى دىنى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئالداپ، دولەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملىرىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۇچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن توۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئۇلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. «نىكاھ قانۇنى»دا نىكاھقا چات كىرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى قىلىش قىلمىشلىرى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى يەتكۇزىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. نىكاھتىن پايدىلىنىپ مال-مۇلۇك ئۇندىرىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقارقىلاردىن باشقا دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا ؛ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى تۇسۇش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. پارتىيىمىزنىڭ دىن سىياسىتىنى توغرا يۇرگۇزۇشى ئۇچۇن دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىنتايىن زورۇر. دىن بىر خىل ئىجتىمائى ئاممىۋى ئىقش بۇلۇش سۇپۇتى بىلەن سىياسەت ۋە قانۇننىڭ سىرتىدا تۇرسا بولمايدۇ. ئۇ دولەتنىڭ ئاساسى قانۇن، قانۇن ۋە سىياسەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى شەرت. دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ۋە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشنى باھانە قىلىپ، دولەتنىڭ دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشىدىن ۋاز كىچىشكە ياكى ئۇنىڭدىن چەتنەشكە بولمايدۇ. دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ زورۇرلىكى توۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچىدىن؛ دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۇچەيتىش دولەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەرەر تەلىپى، ھۇكۇمەتنىڭ ئىجتىمائى ئىشلارنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ئىككىنچىدىن؛ دىنى ئىشلانى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش پارتىيىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۇزلۇك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كاپالىتى. ئۇچۇنچىدىن؛ دىنى ئىشلانى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۇزاققىچە ئامان-ئىسەن بۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى. توتىنچىدىن؛ دىنى ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دىننى سوتسىيالىستىك جەمىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا يىتەكلەشنىڭ ئوبىكتىپ تەلىۋى. دولىتىمىز پارتىيىمىزنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى ئومۇميۇزلۇك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، پۇخرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۇرۇش، دىنلار ئىناقلىغى ۋە جەمىيەت ئىناقلىغىنى ساقلاش، دىن ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسى قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى «دىن ئىشلىرى نىزامى»نى تۇزۇپ يولغا قويدى. بۇ نىزام جەمىئى 7 باب، 48 ماددىدىن تۇزۇلگەن بۇلۇپ، 1-باب ئومۇمى پىرىنسىپ، 2-باب دىنى تەشكىلات، 3-باب دىنى سورۇن، 4-باب دىنى خادىملار، 5-باب دىنى مال-مۇلۇك، 6-باب قانۇن جاۋاپكارلىغى، 7-باب قۇشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت . بۇ نىزامدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى دولەت مەنپەتى ۋە جامائەت مەنپەتىگە چېتىلىدىغان دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە مەمۇرى جەھەتتىن باشقۇرۇدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار مەمۇرى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە مەسئۇل بۇلىدۇ. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇخرالار كوللىكتىپ دىنى پائالىيەتنى ئومۇمەن تىزىمغا ئېلىنغان دىنى سورۇن، (ساڭرام، تويىن ئىبادەتخانىسى، مەسچىت، چىركاۋ ۋە باشقا مۇقۇم دىنى سورۇن)دا ئوتكۇزىشى كىرەك. پاائلىيەتنى دىنى سورۇن ياكى دىنى تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇدۇ، دىنى خادىم ياكى شۇ دىننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان باشقا كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، دىنى قائىدە بويىچە ئوتكۇزىلىدۇ. دىنى سورۇن قۇرۇشتا دىنى تەشكىلات دىنى سورۇن قۇرۇلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. يۇقىرى دىنى سورۇن قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى تەستىقلىغاندىن كىيىن دىنى سورۇننى قۇرۇش تەييارلىغىنى قىلسا بولىدۇ. دىنى خادىملار دىنى تەشكىلات بىكىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ دىن ئىشلىرى تارمىقى ئەنگە ئالغاندىن كىيىن، دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ. پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىغان ۋە ياكى دىنى تەشكىلات، دىنى سورۇننىڭ نورمال دىنى پائالىيىتىگە كاشىلا قىلغانلىرىنى دىن ئىشلىرى تارمىقى تۇزۇتۇشكە بۇيرۇيدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن بۇلۇپ، ھەرقانداق بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ دولىتىمىز تۇزۇپ يولغا قۇيۇۋاتقان قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىقلىق بىلەن رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر شەخىس ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇن-نىزاملارغا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا خەلقلەرنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، دىنى پائالىيەتلەرگە قانۇن يول قويغان دائىرىدە قاتنىشىشىنى، ھۇكۇمەتنىڭ دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق ماسلىشىپ، تىنىچ، مۇقۇم بولغان سىياسى، ئىجتىمائى ۋەزىيەت يارىتىپ، تىنچ ۋە ئىناق قۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كورسۇتۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
|
|