بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 08:11
ئوقۇتقۇچىلىق- مېنىڭ شەرەپلىك تاجىم
ئامانگۈل تۇنىياز
_ نېمە خىزمەت قىلىسىز؟ _ مەن ئوقۇتقۇچى. بۇ جاۋابقا باشلىقمۇ، بايمۇ، كەمبەغەلمۇ، موللىمۇ، دېھقانمۇ، ھۈنەرۋەنمۇ، ساتارمەنمۇ، ئىشتىكىلەرمۇ، ئىشسىزلارمۇ... ھەممە بىر خىل ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. داھى، دانىش، دۆلەت رەھبەرلىرى، يولباشچىلار، نەمۇنىچىلار، زىيالىلار، ئىشچى- دېھقانلار ، دەۋىر چاقىنى ئۆز مۈرىسى بىلەن كۈچەپ ئالغا ئىلگىرلىتىۋاتقانلىكى ھەممەيلەننىڭ قايسى بىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيسىنى ئالمىغان دەيسىز؟ ئۇلارنىڭ قايسى بىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلمەس نۇرانە روھى جۇلالانمايدۇ دەيسىز؟ئۇلار مەجبۇىيەت تۆھبىلىرى ئاستىدا تېنىمسىز ئىشلەپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامدىن ھەممە كىسى پەخىرلىنىدۇ، سۆيىنىدۇ، ھەم ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە، تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئاتا- ئانامنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانىدەك يۈرگەن، ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان نۇرغۇنلىغان "نېمە ئۈچۈن" لەرنىڭ جاۋابىغا قىزىقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا- ئانامنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەرىپەت دۇردانىلىرى، بىلىم شەربەتلىرىنى ئاتا قىلغاندىكى تەلەپچان ئەمما مېھىربان قىياپىتىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازىمەنلىك ئوخچۇپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرگىنىمدە، "چوڭ بولغاندا چوقۇم ئاتا- ئانامدەك ئوقۇتقۇچى بولىمەن" دەپ ئويلايتىم. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مېھىربان ئۇستازىمنىڭ بىلىم تىلسىملىرىنىڭ ئاجايىباتلىرىنى شۇنداق ئېنىق ئېچىپ بېرىدىغان سۆزلىرىنى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىسام، دەرس مۇنبىرىدىكى ھەر بىر ھەركىتىگە ھەۋەس ۋە ئىنىچكىلىق بىلەن قارايتىم. ئوقۇتقۇچىلىققا بولغان قىزىقىشىم يىلدىن- يىلىغا كۈچۈيىشكە باشلىدى. دەرۋەقە، ئارزۇيۇم بويىچە ئوقۇتۇچىمۇ بولدۇم. مەن تۇنجى قېتىم دەرس مۇنبىرىگە چىققىنىمدا، بىلىمگە تەشنا غۇنچىلارنىڭ ماڭا ھېتڭرقاش ئەمما قىزىقىش بىلەن قارىغاندىكى سەبئىي كۆزلىرى، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم "مۇئەللىم" دەپ چاقىرغاندىكى يېقىملىق ئاۋازى ۋۇجۇدۇمنى تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا سېلىپ غايەت زور بۇرۇچ تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ دەقىقىدىن باشلاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپەمنىڭ تولىمۇ شەرەپلىك ئەمما جاپالىق ئۆتىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك مەسئۇليەتنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەنلىكىنى شۇنداق روشەن ھېس قىلغاندىم. شۇنداق، ئوقۇتقۇچى بولسا مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىلىم- بىلىم بىلەن يۇرۇتۇپ، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا خورىماس كۈچ ۋە ئوزۇق بەرسە، ئەدەب- ئەخلاق مىزانى بىلەن ئادىمىيلىك دۇنياسىنى زىننەتلەپ، ئىنسان روھىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەنىۋىي "راك" لارنى كېسىپ تاشلاپ، ئەقىل چىرىقىنى يورۇتۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان تۆھبىكارلاردۇر. ئوقۇتقۇچىلىق ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە بىلىم ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان، زەرىچىلىك ساختىلىقنى سىغدۇرالمايدىغان ئۇلۇغۋار، بۈيۈك كەسىپ. ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى ھەم ئەمگەك ھىممىتىنى ھېچنېمىگە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئالايلى، ئەمەلدارلىق تاجى ھەرقانچە سەلتەنەتلىك بولسىمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر كىتابىنىڭ يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەن بىر ۋارىقىغا تەڭ قىلمايدۇ.جاپا چىكىدۇ، ھارمايدۇ. دېمى كېسىلىدۇ، لېكىن ۋايسىمايدۇ. خۇددى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بىلىم شەربەتلىرى بىلەن ئەمالارغا كۆز، نادانلارغا ئەقىل، ئىنساپسىزلارغا ئىنساپ، ئەخلاقسىزلارغا دىيانەت ئاتا قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. ياشلىرىغا ماس كەلمىگەن ئاپئاق چاچلىرىغا، ئەجىم- ئەجىم قورۇقلىرىغا قاراپ ئۇنى قېرىپ قاپتۇ دېمەڭ! ۋاقىتسىز ئاقارغان بۇ چاچلار ئۇلارنىڭ ئاپئاق كۆڭلىنىڭ سىمۋولى! گىرەلەشكەن قورۇقلىرى ھالال تەرى ئاققان ئېرىقلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ئۆمۈر بويى قونغان بور توزانلىرىنىڭ ئىزى بار. شۇڭا ئۇستاز مېھنىتى بارلىق ئىختىرا- كەشىپ ۋە تۆھبىلەرنىڭ ئانىسىدۇر. ئوقۇتقۇچى- دەۋرىمىزنىڭ ساخاۋەتلىك نۇر تارتقۇچى شەمسىقەمەرلىرى. ئوقۇتقۇچى- چاڭقىغان كۆڭۈللەرگە شەربەت ئاتا قىلغۇچى خاسىيەتلىك بۇلاقلىرى. ئوقۇتقۇچى- نىمجان، مەجرۇھ روھلارنى داۋالىغۇچى شىپالىق مەلھەم. ئوقۇتقۇچى- نۇرلۇق ماياك. ئوقۇتقۇچى- ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى، ئوقۇتقۇچى- 100 قەدەم يىراقتىن ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە تىگىشلىك كىشىلەردۇر. قاراڭ خىزمەتدىشىم، مانا بۇلار بىزنىڭ شەرەپلىك تاجىمىز. لېكىن بۇ تاج دەرىسخانا ۋە جەمئىيەتتە ئۆز مەسئۇليەت ۋە مەجبۇريىيەتلىرىنى ئادا قىلىلىغانلارغىلا مەنسۇپ. دەرىسخانا- ئۇ پايانسىز زىمىن. ئوقۇتقۇچى بىر قۇياش. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرى ۋە ھارارىتى تەپتىدە ئەنە شۇ پايانسىز زىمىننى يۇرۇتقۇچى ھەم ئىللىتقۇچى. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ پايانسىز زىمىندىكى ھەر بىر تۈپ گىياھ،... قىسقىسى بۇ زىمىندىكى پۈتكۈل يۇرۇقلۇققا، ئىللىقلىققا تەشنا مەۋجۇدادنى ئۆز قويىنىدا پەرۋىش قىلىش، ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ قۇياشنىڭ يۈكسەك مەجبۇريىتىدۇر. دېمەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ ئورنى يۈكسەك ۋە بىباھادۇر. بىز ئوقۇتقۇچى ئىكەنمىز ھايات سەپىرىمىزدە، بولۇپمۇ دەرس مۇنبىرىدە ئۆز رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، روھىمىزنى قانات قىلىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ياخشى ئۇستازى، تۇرمۇشىدىكى مېھىربان دوستى، ھىمماتچىسى، جەمئىيەتتىكى قوغدىغۇچىسى، ھايات مۇساپىسىدىكى ئۈلگىسى بولالىساق ئوقۇغۇچىلار ھاياتقا تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قاراپ، ئۆگىنىشكە ئىشەنچ بىلەن قاتنىشىدۇ. كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىدۇ. بۈگۈنكى كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بىز ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، ئەخلاق- پەزىلىتىمىز، يۈرۈش- تۇرىشىمىز بىلەن نام- شۆھرىتىمىزنىمۇ تىكلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان يۈكسەك ئوبرازىمىز، شەرەپلىك تاجىمىز مەڭگۈ نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئالاھىدە ئەسكەرتمە: بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى (خىزمەتدىشىم، كەسىپدىشىم) بۇ ئورگىنالنى تۇزۇتۇپ بېرىشىمنى ئېيتقاندى، ئوقۇپ چىقسام ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ. دوستلار ھۇزۇرلانسۇن دەپ، قاش- كۆزلىرىنى ئازىراق ياساپ، كومپىيوتېردا ئۇرۇپ، مۇئەللىپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مۇنبەرگە يوللىدىم. |