| خەنجىرى ھۆرمەتلىك ‹‹بايقاش›› تورىدىكى بارلىق تورداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار؟ ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن خەنجىرى بولىمەن(تەپسىلي ئارخىپىمنى مۇنبەردىن كۆرۈۋالارسىلەر).مىنىڭ بەش يىل ۋاقتىم باشقىلارنى، جۈملىدىن دوستلارنى چۈشىنىش ئىچىدە ئۆتۈپتۇ.دىققەت قىلسام، نۇرغۇن كىتابلاردا دوستنىڭ ياخشىلىق تەرىپى كۆپ يېزىلىپ، باشقا تەرەپلىرى ئانچە كۆپ يېزىلماپتۇ ،ھەم بۇ توغرىسدا مەخسۇس سىستىمىلىقراق يېزىلغان ئەسەرلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. شۇڭا بۇ دوستلۇق توغرىسىدىكى بوشلۇقنى كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بولسىمۇ تولدۇرۇش، ھەم مەندىن باشقىلارغا يالداما خاتىرە سۈپتىدە قالدۇرغىدەك بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى كاللامغا كىرىۋالدى. شۇ سەۋەبتىن بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە چۈشىنىش، ھىس قىلىش،بىلىش ،كۆزىتىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى مەخسۇس دوستلۇق توغرىسدىكى ئەسەر‹‹دوستلۇقنامە››نىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ ئەسەر ئەسەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمى، ئومۇمى مەزمۇن، ئەقلىيە سۆز قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپتى.ئاللا خالىسا كىيىن چوقۇم كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش نىيتىم بار.ئەسەرنىڭ تۇنجى نۇسخىسى (تۈزىتىلمىگەن )8كوچا تور بىكىتىدە ئىلان قىلىنىپ،كىيىن نادىرلارتور بىكىتىدە قايتا ئىلان قىلىنىپ ياخشى باھالارغا ئىرىىشتى .بۇ ئىككى تور بىكەتكە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى ھازىر مەخسۇس بىر خاتىرەمدە بار. بىراق تولۇق نۇسخىسىنى بىراقلا يوللىماسلىقىم مۇمكىن.شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇ ئەسەرگە قارىتا پىكىر -تەكلىپ بىرشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.پىكىر- تەكلىپ بولسا چوقۇم قوبۇل قىلىمەن. ىىرەر ئىش قىلغاندا دوستلارغا مەسلىھەت سېلىش توغرىسىدا ھەر قانداق بىر كىشى ھەر قانداق بىر ئىش قىلماقچى بولسا دوستلىرىغا مەسلىھەت سېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا مەسلىھەت سېلىشى كېرەك. لېكىن مەسلىھەت سالدىم دەپ ھەممە كىشىگە (دوستقا) مەسلىھەت سېلىۋېرىشنىڭ ئورنى يوق. مەسلىھەت سالىدىغان ئىشنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىگە قاراپ تۇرۇپ، دوستلارغا ياكى ئەڭ يېقىن دوستقا مەسلىھەت سېلىشنى بىكىتىش كېرەك. مەسلىھەت سالىدىغان ئىش ئانچە بەك مۇھىم بولمىسا ئۆزى بىر قارارغا كېلىپ شۇ بويىچە ئىش تۇتۇشى، ياكى ئانچە يېقىن بولمىغان دوستلىرىغا مەسلىھەت سېلىشى كېرەك. لېكىن ئۇششاق ئىشلاردا تولا مەسلىھەت سورالماسلىقى كېرەك. مەسلىھەت سالىدىغان ئىش بەك مۇھىم بولسا چوقۇم ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا مەسلىھەت سېلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش، مەسلىھەت پىشقاندىن كېيىن شۇ بويىچە ئىش تۇتۇش لازىم. يەنە شۇنىڭغا ۋە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، مەسلىھەت بېرىدىغان كىشى مەيلى قانداقلا دوست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئىشەنچىلىك، دانا، ئاقىل، بىلىملىك بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا ھەم يەنە قاتتىق سىر ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا مەسلىھەتنى ئۆزىدىن بىردەممۇ ئايرىلمىغۇچى، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەڭ يېقىن دوستى بولغان <<ئۆزى>> گە چوقۇم مەسلىھەت سېلىشى كېرەك. مەيلى قانداق ئىش بىلەن قانداق دوستقا سالغان مەسلىھەت بولسۇن، مەسلىھەتنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قارارىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىش قىلماسلىق كېرەك. ئاپتور:مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن.
|
|