مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 1

جىن(ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 21:28:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                    خەنجىرى
              ئاپتور:مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
سەمىمى ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەرنى كىچىك بالىلار ،  يۈرىكى ئاجىزلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يۈرەك كىسىلى بارلار كۆرۈشكە بولمايدۇ. مۇبادا  شۇنداقلار كۆرۈپ بىرەر يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئاپتور بۇنىڭغا مەسئۇل بولمايدۇ.                        
                                                      (1)
غېنىجان ئائىلىسى ھال-ئەھۋالى يامان ئەمەس ئائىلە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ساۋاتسىز قارا دىھقان ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاقكۆڭۈل، ساددا، كۆڭلىدە باشقىلارغا يامانلىقى يوق، ھەم يامانلىق قىلىشنىمۇ ئۇقمايدىغان، بىر ئۆمۈر يېزىدىن تۈزۈكرەك سىرتقا چىقىپ باقمىغان دىھقانلاردىن ئىدى. ئۇلار ئەتراپىدىكى قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتى. بىچارە جاپاكەش ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنىڭ پۇشايمىنىنى، خارلىقىنى قاتتىق تارتقان بولغاچقا، تۇنجى بالىسى  تۇغۇلىشىغىلا ئىسىم قۇيۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەشنى،  ئاز يىسىمۇ، ياكى يېرىم-يارتا يىسىمۇ بالىسىنى كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق بىر ئادەم قىلىپ چىقىشنى، بالىسى ئوقۇيمەن دىگەن يەرگىچە ئوقۇتۇشنى نىيەت قىلىپ تەربىيىلىگەن ئىدى. ئارىدىن يىل ئاتلاپ يەنە بىر بالىسى تۇغۇلدى. دىمەك بۇ ئۆيدىكى ئەسلىدىكى ئىككى جان تۆت بولدى. بۇ ئائىلىنىڭ بىر ھىساپتا تېخىمۇ خۇشاللىقى ئاشتى. چۈنكى ئالدىنقى قېتىم تۇغۇلغىنى قىز بۇلۇپ، دادىسىنىڭ سەل كۆڭلىگە كەلگەن ئىدى. قىز بالا دىگەن بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى بولغاچقا، بالىلارنىڭ دادىسى كەلگۈسىدە ئۆز ئىزىنى باسقۇچى ئوغلىنىڭ بولۇشىنى ئويلايتتى. شۇڭا بۇ ئوغۇلنىڭ تۇغۇلۇشى دادىنىڭ بىر غېمىنى يوق قىلىپ يەنە بىر غەمنى قوشتى. ئەمدى بۇ ئىككى جاننى بېقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشمىسا، جاپا چىكىپ ئىشلىمىسە بولمايتتى. دادا بىچارە بىلەن ئانا بىچارە ئەمدى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ دىھقانچىلىق قىلىشقا، قوي بېقىشقا باشلىدى. پۇل يوق چاغلىرىدا باشقىلاردىن قەرز سورىدى. يەنە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە يەنە بىر ئوغۇل توغۇلۇپ، ئىسمى غېنىجان قۇيۇلدى. بۇ بالىنىڭ تۇغۇلۇشى جاپا-مۇشەققەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىشىنى چىڭ چىشلەپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ ھال-كۈنىمۇ ياخشىلاندى.
كۈنلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالىلار چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردى.بالىلارنىڭ ئوقۇشى بولسا كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا تېخىمۇ خۇشال بولدى. ئۇلار ھەر قانچە جاپا چەكسىمۇ  ئۈچ بالىسىنى ئۆزلىرى ۋە بالىلىرى تاكى مۇرات-مەقسىتىگە يەتكۈچە ئوقۇتۇشنى نىيەت قىلدى. ئۇلار ھازىرمۇ قانچىلىك جاپا تارتتى-ھە؟! بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ھېلى ئېتىز بېشىغا بارسا، ھېلى تونۇر بېشىغا باردى؛ ھېلى ئۇ ئىشنى قىلسا، ھېلى بۇ ئىشنى قىلدى؛ قىسقىسى ئۇلار نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟! بۇنداق جاپا تارتىشى پەقەت بالا بېقىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلىرىغا نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟ ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا قىلىنىدىغان بۇنداق ياخشىلىقتىن ئۆتە يەنە قانداق ياخشىلىق بار؟! شۇنداق قىلىپ بالىلار بارغانسېرى ياخشى ئوقۇدى. قىزى ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە، ئوتتۇرانجى ئوغلى ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئۆتتى. غېنىجان بۇ چاغدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يېرىم يىلچە ۋاقىت قالغان ئىدى. غېنىجان ئۈچ بالىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولغاچقا ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا پەقەت چىدىمايتتى. چوپچوڭ ئادەم بۇلۇپ قالغىنىغا قارىماي ئەركىلىتەتتى. ئاتا-ئانىلىرى، ئاكا-ئاكىلىرى ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بەرمەي قويمايتتى؛ قانداق نەرسە ئالىمەن دىسە چۇقۇم ئېلىپ بىرەتتى؛ ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باقاتتى؛ ئامال بولسىلا دىلىنى رەنجىتمەيتتى. قىسقىسى غېنىجان بۇ ئائىلىنىڭ «شاھزادە» سى ئىدى. غېنىجانغا ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە  ئاچىسى پەقەت چىدىمايتتى. داۋاملىك ھەر خىل نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ بىرەتتى؛ ھەر خىل سوۋغاتلارنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتەتتى. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايتتى.
ئارىدىن يېرىم يىل ئەنە شۇنداق ئۆتتى. نەتىجىدە غېنىجان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتى.. غېنىجاننىڭ ئۆتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن ئۆيدىكىلىرى ئىنتايىن خۇشال بولدى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان غېنىجان مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ياخشى ئۆگەندى، ھەمدە ئۆيىدىكىلىرى بىلەن، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسى بىلەن تىلىفۇن ۋە خەت ئارقىلىق  كۈرۈشۈپ تۇردى.
                                                                                    (2)
شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئاچىسى مەكتەپتىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ ئىنىسىنى كۆرگىلى باردى. ئاچىسى ئىنىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە بارغاندىن كىيىن، بىر ئاشخانىدا قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئاندىن يەنە ئېلىشقا تىگىشلىك نەرسە كېرەكلەردىن بىر ئاز ئالغاندىن كىيىن ئىنىسى ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە باردى. ئۇ باشقىلاردىن ئىنىسىنىڭ ياتىقىنى، ئوقۇيدىغان سىنىپىنى سورىۋالغاندىن كىيىن، ئاۋۋال بىر پەس ئارام ئېلىۋېلىپ ئىنىسىنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى. بۇ ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدىن ئاشقان چاغ بۇلۇپ، كارىدوردا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپ جىمجىت بۇلۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ ئاڭلانمايتتى. ئۇ ئاستا-ئاستا ئىنىسىنىڭ ياتىقىغا قاراپ مېڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا بىر ئاق نەرسە غىل-پاللا پەيدا بولۇپ، بىر-ئىككى سىكۇنتلا كۆرۈنۈپ يوقاپ كەتتى. ئۇنى تۇيۇقسىز سۈر بېسىشقا باشلاپ، ئىچىگە قاتتىق قورقۇنچ كىرىۋالدى. ۋاقىت بولسا بىر سىكۇنت-ئىككى سىكۇنتلاپ ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. ئارقىغا قايتاي دېسە قورقۇيتتى، ئالدىغا ماڭاي دېسە تېخى بولمايتتى. ئۇ ئامالسىز ئۇ يەرگە كەلگىنىگە جاق تويۇپ، يىغلىغۇدەك بۇلۇپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ماڭماقتا ئىدى. ئۇ ئون،ئون- بەش قەدەم ئالدىغا مېڭىشىغا تۇيۇقسىز «ئالدىڭغا قارا» دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئالدىغا قاراپ داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىغا ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرغان ھالدا بىر ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى غاجىلاۋاتقان، كۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرغان ئىنتايىن بىر قورقۇنۇشلۇق ۋە بەتبەشرە بىر جىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئارقا تەرىپىدە بولسا بىر ئادەمنىڭ باشسىز يېرىم تېنى ئۈچەي-باغرىلىرى چىقىپ قالغان ھالدا تۇراتتى. ئۇنىڭدىن چىققان قىپقىزىل قان ئەتراپنى بويىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭدىن سەل نېرىراقتا بولسا ئۈزۈپ تاشلانغان پۇت-قول ۋە سۆڭەكلەر قالايمىقان چېچىلىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ قاتتىق قورقۇنچ كىرەتتى. بۇ ئەھۋالدىن زادى نىمە قىلارىنى بىلمىگەن ئاچىسى شىرىنئاي ۋارقىراي دىدىيۇ، لىكىن نىمە بولدىكىن –تاڭ، شۇنچە كۈچىسىمۇ ۋارقىرىيالمىدى. قارىماققا ۋارقىرىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ۋارقىرىغان ئاۋاز پەقەت ئۆزىگىلا ئاڭلىنىپ باشقىلارغا ئاڭلانمىغان ئىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق ۋارقىراش بىلەن قالغاندا ھېلىقى جىن ئۇ تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ قاچاي دەپ شۇنچە تىرىشسىمۇ پۇت-قوللىرى بوغۇچلىنىپ قالغاندەك ھېچ مىدىرلاي دىمىدى. ئۇ يەنە ئالدىغا قاراپ قورقۇپ كەتتى؛ ئارلىق پەقەت ئىككى قەدەملا قالغان بۇلۇپ، ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھالدا كۆزلىرى لىق ياشقا تولۇپ، ئالدىغا قاراپلا تۇراتتى. باشلىرىنى ئۇيان بۇيان مىدىرلىتىشقا مۇمكىن بولمايۋاتاتتى. جىن بىچارە قىزغا قولىنى سۇزۇپ قاماللىدى-دە، قىزنىڭ تېنى ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقۇپ تۇرسىمۇ، لىكىن قېچىشقا، ۋارقىراشقا پەقەت ئامال قىلالماي قالدى. شۇنداق قىلىپ، جىن ئۇنىڭ تىنىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ۋۇجۇدىنى كونتىرول قىلىپ باشقۇرۇشقا باشلىدى. قىز بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇراتتى. ئۆزىنى باشقۇرۇشقا تىرىشاتتى، لىكىن بۇنىڭغا يەنىلا ئامالسىز ئىدى. ئاچىسى سىياقىدىكى بۇ جىن چېچىلىپ كەتكەن ئادەمنىڭ يېرىم باشسىز تېنىنى ۋە قالدۇق ئەزالىرىنى ماچىلدىتىپ يىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىشلارنى بۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ تۇرغان شىرىنئاينىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. بىراق يەنىلا ئۆزىنى باشقۇرۇشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز قېلىۋاتاتتى. جىن يەيدىغان سۆڭەك ۋە گۆشلەرنى ماچىلدىتىپ يەپ، قانلارنى پاك-پاكىز يالىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا بىر تەرەپكە ماڭغاندەك قىلدى. باشتا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرغان ئاچىسى بۇ قېتىم ھېچقانداق ئىشنى بىلمىدى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن غېنىجاننىڭ ئاچىسى سىياقىغا كىرىپ ئىنىسىنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم جىننىڭ قانداق غەرىزى بارلىقىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ چاغدا ئىنىسى ياتاققا كىرىپ ئۆزى يالغۇز كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. ياتاقتا باشقا ئادەم يوق ئىدى. «ئاچىسى» سىياقىدىكى جىن كىلىپ ئاستا ئىشىكنى چەكتى.
ئىنىسى:
-«كىم؟» دىۋىدى، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن غېنىجاننىڭ ئاچىسىنىڭ ئاۋازىدا:
-ئۇكام، مەن ئاچاڭ، سىنى كۆرگۈم كىلىپ يوقلاپ كەلدىم»، دىدى.
جىننىڭ قولىدا ئاچىسى ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى نەرسە-كېرەكلەر ھېلىمۇ بار ئىدى. غېنىجان ئىشىكنى ئېچىپ ئۆز ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىسقىچە ئۆز-ئارا ھال-ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن <<ئەكەلگەن>> نەرسىلەرنى كارىۋاتقا قويۇپ قويدى.ئاندىن غېنىجان سورىدى:
-ئاچا قانداق ئەھۋالىڭ، نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن، يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ-يە؟ ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق،ئۇلار ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ؟ ئۆي ئىچى تىنچ-ئامانمۇ؟
- ئۇكام مەن دىمىسەممۇ  ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مەكتەپتىكى ئىشلار بەك ئالدىراش. بولمىسا سىنى ئاللىبۇرۇن كۆرگىلى كەلمەمتىم؟ سەن دىگەن مىنىڭ تاتلىق ئۇكام تۇرساڭ.ئاتا-ئانامنى ئۇنتۇپ قالساممۇ، سەندەك ئوماق ۋە تاتلىق ئۇكامنى قانداق ئۇنتۇپ قالاي؟ ھە راست، ئۇلارمۇ ساق-سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆي ئىچىمۇ تىنچ- ئامان. ئۇلار ساڭا سالام ئېيتتى.قارىغىنە، ئۇلار ساڭا نىمە ئەۋەتتى، مەن ساڭا نىمە ئەكەلدىم؟
جىن سىياقىدىكى ئاچا ئاستا بوغچىنى يىشىپ ئۇنىڭدىن غېنىجان ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق-تۇرۇملەرنى ۋە  ئۆيدە يېقىلغان  ياغلىق توقاچلارنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە رەتلىك تىزدى. ئاندىن كىيىن ئۇ سومكىسىدىن << گۈل بەرگىدىكى چىچەكلەر>> ناملىق بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ غېنىجانغا سۇندى.چۈنكى بۇ كىتابنى غېنىجان بەك ياخشى كۆرەتتى.بۇ كىتاب خېلى بۇرۇن بىرلا قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، قايتا نەشر قىلىنىپ بېسىلمىغان ئىدى.غېنىجان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىدا  ئاچىسى بۇ كىتابنى ئەكىلىپ بەرگەن بولۇپ، كىيىن غېنىجان بۇ كىتابنى يوقىتىپ قويۇپ، كىتابخانىنى شۇنچە ئىزدىسىمۇ تاپالمىغان ئىدى.ئاچىسى مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدا بۇ كىتابنى كۆرۈپ قېلىپ ئاتايىن ئۈچ ھەپتىلىك ئارىيەت ئېلىپ، ئىنىسىنىڭ قېشىغا ئەكەلگەن ئىدى.
غېنىجان بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن قاتتىق خۇش بولۇپ<<ئاچىسى>>غا دىدى:
-ئاچا، بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى مىنى دەپ تەييارلاپسىلەر.ھەممىڭلار قانچە جاپا چەككەنسىلەر-ھە؟ سەن قىز بالا تۇرۇپ بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى شۇنچە يىراقتىن ئەكەپسەن،يولدا قانچە قىينالغانسەن؟ ئاتايىن مىنى دەپ بۇ كىتابنى ئېلىپ كەپسەن.سەن بەك ياخشى جۇمۇ!
<<ئاچىسى>> دىدى:
-ئوماق ، تاتلىق ئۇكام،سەن ئۈچۈن قىينالساقمۇ ئەرزىيدۇ.سەن دىگەن ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ كىچىكى، مىنىڭ ئەڭ ئامراق ئۇكام تۇرساڭ.بۇ تېخى ھېچقانچە ئىش ئەمەس!
غېنىجاننىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى  ئېنىق كۆرۈپ، ئېنىق بىلىپ تۇرىۋاتاتتى. بىراق گەپ قىلىشقا، ئۆزىنى باشقۇرۇشقا يەنىلا پۈتۈنلەي ئامالسىز ئىدى. بۇ چاغدا سائەت يەتتىدىن سەل ئاشقان بۇلۇپ، غېنىجاننىڭ ئاچىسى سىياقىدىكى جىن ياتاق ئالغىلى ماڭدى. غېنىجان شۇنچە توسىسىمۇ «ئاچىسى» پەقەت ئۇنىمىدى. غېنىجان ئاخىرى ئامالسىز قېلىپ، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن بىللە چىقىپ، مەكتەپكە يېقىن يەردىن ياتاق ئېلىپ، ئاندىن ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن بىر ۋاق ئوبدان غىزالىنىپ ياتىقىغا قايتتى. ئەتىسى كۈنىگە شەنبە بۇلۇپ غېنىجاندىن باشقىلارنىڭ ئۆيى شەھەردە بولۇپ،ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە كىتىپ بولغان، پەقەت غېنىجان ياقا-يۇرتتىن كەلگەن بولغاچقا، ئۆيىگە قايتماي ياتاقتا يالغۇز قالغان ئىدى. ئۆيى بولغان ئارىلىقى ماشىنا بىلەن ماڭسا سەككىز سائەتلىك يول ئىدى. بۇ كىچە جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتتى، ھېچقانداق غەيرى ئەھۋال سىزىلمىدى. ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بولسا ياتاققا قىزنىڭ تىنىدىن چىقىپ كىتىپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە بىچارە قىزنىڭ تىنىگە يەنە قايتا كىرىپ ئىنىسى تۇرۇشلۇق مەكتەپكە قاراپ ماڭدى.
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)
خەنجىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 22:29:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى چاققانراق يوللارسىز،ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:02, Processed in 0.179051 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش