مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 5

‹‹جىن›› ناملىق ھىكاينىڭ ئاخىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 20:40:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      
                                                              خەنجىرى
(5)
غېنىجان يولغا چىقىپ ئاپتۇبۇستا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ مېڭىپ يولدىكى سەككىز سائەتلىك مۇساپىنى قانداق بېسىپ بولغانلىقىنىمۇ  بىلمەيلا قالدى. يۇرتىغا يىتىپ كەلگەندە ، ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدى.چۈنكى  ھۈمەنجان يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئوقۇشنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت بىر قېتىملا ئۆيىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا تا ھازىرغىچە ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئالغان سوۋغا- سالاملارنى بەردى. شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئون كۈنچە ۋاقىت خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى .غېنىجان كىلىپلا ئاچىسى بىلەن ھېلىقى ئىشنى باشقىلارغا دىمەسلىكىنى قايتا كىلىشىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئىشلاردىن  ئۆيىدىكلەر پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى.بىر كۈنى ئەتتىگەندە غېنىجان ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئەتتىگەنلىك تاماق يىيىشىۋاتقاندا ئاچىسى بىر ئىش سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت مەكتەپتە كۈرۈنگەن ھېلىقى جىن بىر تۇرۇپ ئاچىسىنىڭ، بىر تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىدە غېنىجاننىڭ كۆزىگە بىر نەچچە قېتىم ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجان پۈتۈن ئەزايىنى تىترەك باسقان ھالدا:‹‹جىن... جىن،مىنىڭ ئاچام جىن...››،دەپ توۋلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچىسى كىرىۋىدى، غېنىجان يەنە قالايمىقان توۋلاپ ئالدىدىكى چىنىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئاچىسىغا قارىتىپ ئاتتى.ئاچىسى بولسا بۇئىشلاردىن خەۋىرى بولغاچقا يەنە باشقا گەپ قىلمىدى.ئاتا- ئانىسى :‹‹ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نىمىشىقا ئاچاڭنى تىللاپ ئۇنىڭغا قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى ئاتىسەن››، دەپ غېنىجاننى ئەيىبلىدى.بۇنداق ئەھۋال كىينىكى كۈنلەردە يەنە بىر- ئىككى قېتىم تەكرارلاندى. ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ بۇ قېتىم غېنىجاندىن رەسمىي ئەنسىرەشكە باشلىدى. باشقىلاردىن :‹‹پالانى يەردە باخشى بارئىكەن، شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇپ باقساڭلار ساقىيىپ كىتىدۇ›› ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ،بالىمىزغا جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ، دەپ بىر يەردىن مىڭ تەسلىكتە سەككىز يۈز يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭ بەشيۈز ئەللىك كويىغا بىر قوي ۋە بىر توخۇ ئالغاندىن كىيىن بالىنى ئېلىپ باشقا بىر كەنتتىكى باخشىنىڭ قېشىغا باردى. باخشى بۇلاردىن بارلىق ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، بالىنى كىگىز ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپە ئۈستىگە ياتقۇزۇپ سۆگەتنىڭ يالىڭاچلانغان چىقىۋىقىنى ئېلىپ:‹‹سۈف كۆچ›› قىلىپ بالىنىڭ پۈتۈن ئەزايىغا ئۇرۇپ چىقتى؛ كەتمەننى قىزىتىپ بالىنىڭ يۈزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ پاژىلدىتىپ سۇ پۈركۈدى؛توخۇنى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ بالىنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇردى؛ ئوتلاق قاقتى،تۇمار پۈتتى، ئىشقىلىپ باخشىلىقتا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئاندىن ئۇلار ئېلىپ كەلگەن قوينى ئېغىلىغا ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن، بالىغا ئۇزۇن ‹‹دۇئا›› قىلىپ ئۇلارنى يولغا سالدى. ئاتا- ئانا بولسا:‹‹ بالام ساقىيىدۇ››،دەپ ئۈمىد بىلەن قايتتى. بىراق ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ بالا ساقىياي، دىمىدى.ھالبۇكى تەتىل توشۇشقا ئاز قېلىۋاتاتتى.ئەمما بالا بولسا يەنە شۇ پېتى تۇراتتى. ئاتا- ئانىنىڭ بېشى يەنە قېتىشقا باشلىدى. ئۇلار ئامالسىز تۇرغاندا بىرسىنىڭ: ‹‹پالانى يەردە كاتتا داخان بارئىكەن. كىسەللەر شۇ داخاننى يېرىم - يارتا كۆرسىمۇ ساقىيىپ كىتىدىكەن، دورىسى شۇ زامات پايدا قىلىدىكەن››، دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بىرىشىنى ئاڭلاپ-‹‹تاز بولساڭ گەدەنگىچە››،دىگەن گەپ بويىچە ئاخىرقى ئۈمىدىنى شۇ يەرگە باغلاپ، بالىنى ئۇ يەرگە ئاپارغاندىن كىيىن داخاننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. چۈنكى باخشى: بالا ئەمدىلەتتىن كۆكلىگەن تىرەكنىڭ يېنىدا كۈندۈزى ئولتۇرۇپ قاپتۇ›› دىگەن بولسا، داخان:‹‹ بالا ئەمدىلەتتىن كۆكلىگەن تىرەكنىڭ يېنىدا  كىچىسى ئولتۇرۇپ قاپتۇ››، دىگەن ئىدى.ئۇلار ياقىلىرىنى چىشلىشىپ:‹‹ توۋا، توۋا قىلدۇق››، دىيشتى ئىچىدە.داخانمۇ ئۆزىگە يارىشا قىلىدىغان قىلىقلىرىنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلاردىن ئالىدىغان ‹‹زەللە›› سىنى ئېلىپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئەمما بالا يەنە ساقايمىدى. ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا غېنىجاننىڭ مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقتى توشۇپ قالدى.ئۆيىدىكىلىرى ئەنسىرىگەن ھالدا تەييارلىقىنى  ياخشى قىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان پېتى يولغا سېلىپ قويدى.شۇنداق قىلىپ غېنىجان مەكتەپكە بارغان دەسلەپكى كۈنلەردە بىرەر ئىش سېزىلمىدى.بىراق ئارىدىن يەنە ئون بەش كۈنچە ۋاقىت ئۆتكەندە جىن داۋاملىق ھالدا بىردەم ئاچىسىنىڭ، بىردەم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىدە  غېنىجاننىڭ كۆزىگە پات-پات كۆرۈنۈشكە باشلىدى.بىردەم سىنىپ ئالدىدا كۆرۈنسە، بىردەم ياتاق ئالدىدا ، بىردەم دېرىزە كەينىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجان يەنە قاتتىق قورقۇنۇچ ئىچىدە  كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.قىسقىسى، تېشىدا كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئېلىشىپ قالغىلى تاس قېلىۋاتاتتى.شۇنىڭ تەسىرىدە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بىر قېتىم ئېغىر كىسەلمۇ بوپ قالدى.دوختۇرلار كىسەلنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي، ئۇنىڭغا ئامالسىز نىرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان  ئاسما ئوكۇل سالدى. ئەمما كىسەلنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى پەقەت غېنىجانلا بىلەتتى. غېنىجان بولسا تىزرەك تەتىل بولۇپ ئۆيىگە كىتىشىنى ئويلايتتى.ئارىدىن ئۈچ ئاي شۇ تەرىقىدە زارىقىپ كۈتۈش بىلەن ئۆتكەن تەتىل قويۇپ بىرىلدى. غېنىجان ئالىدىغان نەرسە-كىرەكلىرنى چالا-پۇلا ئېلىپ، ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي ئۆيىگە ماڭدى .بىر نەچچە كۈن شۇنداق ئارامسىزلىق ئىچىدە ئۆتتى .ئۇ ئۆيىگە كىلىپ ئۈچ- تۆت كۈن ئارام ئېلىشىغا ھېلىقى جىن يەنە ئاچىسىنىڭ سىياقىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجاننىڭ پۇت-قولىدا ماغدۇر، چىرايىدا قان قالمىغان ھالدا قورقۇپ يەنە: ‹‹ئاچام جىن... ئاچام جىن››، دەپ قاتتىق ۋاقىراپ ھوشىدىن كەتتى. ئاتا- ئانىسى بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەم باشتىكى ئىشلارنى ئويلاپ بۇ قېتىم قىزىدىن رەسمىي  گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا غېنىجان  ھوشىغا كەلدى. دەل شۇ چاغدا جىن غېنىجاننىڭ كۆزىگە قايتا كۆرۈنۈپ، ئاندىن ئاتا- ئانىسىنىڭ ۋە ئەتراپتا تۇرغانلارنىڭ كۆزىگە بىر قېتىم غېنىجاننىڭ ئاچىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ سىياقىدا غىل-پاللا ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈندى. غېنىجان بولسا قاتتىق چىقىراپ  شۇ يەردىلا جان ئۈزدى.بىچارە ئاتا- ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بالىنى ئۇزاتتى.بۇ ئىشلار ئوڭۇشلۇق تۈگىگەندىن كىيىن ئاتا- ئانا قىزىنىڭ قان-ياش تۆكۈپ تۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن قىزىنى چەت بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.بىچارە قىز جاڭگالدا يۈرۈپ ئەقلىدىن ئېزىپ ئېلىشىپ قېلىپ كۈن بويى قالايمىقان سۆزلەپ خېلى بىر كۈنلەرنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
                                                        (6)
بىر بالىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى ، يەنە بىر بالىنىڭ نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆيدىن چىقىرىلىپ كىتىشىتەك رىئاللىقىنى قوبۇل قىلالمىغان ئاتا-ئانا يۈرەكلىرى ئىزىلگەن ،كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇرغىدەك ياشلارنى ئاققۇزۇپ، بىرەيلەننىڭ مەسلىھەت بىرىشى بىلەن باشقا بىر يېزىدىكى بىر ئۆلىمانىڭ قېشىغا بېرىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېيتتى.ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىدى:
-غېنىجان تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەل- ئاغىنە، دوست –بۇرادەرلىرى بىلەن مەكتەپتىن قويۇپ بىرىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىرەر يەردە ئويناپ كىلىشنى ئويلاپ، ئەل-ئاغىنە ، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە سىنىپتا يېقىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىدىن بىر نەچچەيلەنگە بۇ ئويىنى ئېيتتى.ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىنىڭ ئانچە كۆپ قالمىغانلىقىنى ، بۇ قېتىم مەكتەپتىن ئايرىلسا قايتا جەم بولۇش پۇرسىتىنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى، پۇرسەت كەلگەندىمۇ ھەممە دوست-بۇرادەرلىرى، ئەل-ئاغىنە ، ساۋاقداش ۋە مۇئەللىمنىڭ تولۇق يىغىلىپ بولالمالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ، ھۈمەنجاننىڭ بۇ ئويىنى قوللىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئاتايىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئىسىل تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ، ئاندىن تاماق يىگەچ بارىدىغان ئورۇننى، كىملەرنىڭ بېرىشىنى، قانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى بارىدىغان كۈننى ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ تارقىلىشتى. ئۇلارنىڭ تاللىغان كۈنى كىيىنكى ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ، مەكتەپ بۇ ئىككى كۈنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا چوقۇم دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرەتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ ئىككى كۈننى تاللىغان ئىدى.بۇ كۈننىڭ كىلىشىگە يەنە تەخمىنەن ئون كۈنچە ۋاقىت بار بولۇپ، ئۇلار ئويناشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشىراق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى شۇنداق ئۇزۇنراق بىكىتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممسى ئاتا- ئانىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشىپ، يانلىرىغا پۇل سېلىشىپ بىر يەرگە يىغىلىشتى-دە، ھەممەيلەن بار مەسلىھەت قىلىشىپ، ئالىدىغان نەرسە- كىرەكلەرنى ئالغاندىن  كىيىن ئۈچ چاقلىق بىر موتسىكىلىتنى كىرا قىلىپ يىراق بىر يېزىغا باردى.بۇ چاغ بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرى، ئالتىنچى ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا تازا باب كىلەتتى. ئۇلار بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن ئەدىيالنى داستىخان ئورنىدا يەرگە سېلىپ، ئېلىپ بارغان نەرسىلەرنى رەتلىك تىزىشىپ، قوينى بوغۇزلاپ كاۋاپ قىلىپ، بالىلاردىن بىرسىنى قارىتىپ قويۇپ، سۇغا چۆمۈلۈشكىلى كىتىشتى. بۇ ئارىدا بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بالىلار كىيملىرىنى كىيىشىپ قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا كاۋاپمۇ تەييار بولۇپ قالغان بولۇپ، مەززىلىك ھىدى ھە -دەپ دىماغقا ئۇرۇلاتتى.ئۇلارداستىخان ئورنىدا سېلىنغان ئەدىيالنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ ھەرخىل يىمەكلىكلەرگە ئېغىز تىگىشتى؛قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ، داستىخان ئەتراپىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىۋەتتى.ئەلۋەتتە بۇ سورۇندا دەردمەننىڭ دەردىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئالىدىغان شىپالىق دورا- ھاراقمۇ بار ئىدى.ئۇلار ھاراقنى رومكىغا قۇيۇشۇپ :‹‹خوشە›› دىيىشىپ ،قەدەھ سۆزلىرىنى ئوقۇشىۋەتكەندىن كىيىن ، نۆۋەت بىلەن رومكىنى ئايلاندۇرۇپ ئىچىشتى. نۆۋەت ئۈچ بالىدىن كىيىن غېنىجانغا كەلدى. غېنىجان بولسا ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق رەت قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسى، ئاكىسى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسىغا : قالايمىقان يەرگە بارماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بالىلارمۇ غېنىجاننىڭ ئادەتتە پەقەت ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئوشۇقچە زورلىمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۈچ- تۆت سائەت شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ سورۇن ئاياغلاشقاندىن كىيىن  ئۇلار يېزا مەنزىرىسىنى تاماششا قىلىش بىر- بىردىن ئايرىلىپ، ئۆز- ئارا تارقاشتى. غېنىجان ئۆزى يالغۇز مېڭىۋىتىپ بىلىپ - بىلمەيلا بىر يۇلغۇنلۇق بىلەن جىگدىلىككە كەپ قالدى. بۇ يەردە قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇن كۆپ بولۇپ،ھەيۋەت بىلەن سۈرلۈك ھالدا قەد  قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛مەنزىرىسى يېزىنىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا گۈزەل ئىدى. غېنىجان بۇ يەرگە قىزىقىپ قېلىپ ئايلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز چوڭ تەرىتى قىستاپ كەتتى.ئۇ ئامالسىز بايىقى چوڭ بىر تۈپ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا چوڭ تەرەت قىلدى.چۈنكى غېنىجان بۇ چاغدا بۇ بىر تۈپ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇنلۇقتىن بىر ئاز يىراقلىشىپ بولغان ئىدى. بۇ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇننىڭ ئارىسى ئالاھەزەل يېرىم مىتىرچە كىلەتتى. گەرچە باشقا يەردە قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇن كۆپرەك بولسىمۇ، لىكىن تەرەت قىلىشقا ماس كەلمەيتتى، شۇڭا غېنىجان بۇ يەرنى تاللىغان ئىدى.ئۇ چوڭ تەرەت قىلىپ بولۇپ، بىر قەدەم ئېلىشىغا ئۇشتۇمتۇت بېشى قاتتىق قايغاندەك بولۇپ،كۆزىگە بىر ئاق نەرسە غىل-پاللا كۆرۈنۈپ، جىگدىلىك بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلدى. غېنىجان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ - نىمە؟، دەپ ئويلاپ كۆزىنى ئۇۋۇلىۋىتىپ ئەتراپقا قايتا قارىدى، ئەتراپ بولسا يەنە جىمجىت ئىدى. بىراق ئۇنىڭ بېشى يەنىلا  قېيىشتىن توختىمىغان ئىدى.ئۇ سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە بۇ يەردىن ئايرىلىپ يەنە بەش قەدەمچە مېڭىشىغا بېشى قېيىشتىن توختىدى. ئۇ سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە  يېزىنىڭ باشقا جايلىرىنى ئايلىنىشقا باشلىدى. ھۈمەنجان يېزىنىڭ باشقا جايلىرىنى ئايلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر مازارلىقنى كۆرۈپ قېلىپ، شۇ مازارلىق تەرەپكە ماڭدى. غېنىجانغا كۆرۈنگەن مازارلىق مۇشۇ يېزا بويىچە ئەڭ چوڭ مازارلىق بولۇپ،دۈمچەك-دۈمچەك قەبرىلەر ، قەبرىلەرگە سانچىلغان ئەلەملەر ئادەمنىڭ ئاخىرەتتىكى كۈنلىرىنى ،ئۇ دۇنيادىكى قاتتىق - سوئال –سوراقلارنى ۋە ھازىرقى كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ ئادەمنىڭ قاتتىق  يىغلىغۇسىنى، قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى.بەزى قەبرىلەرنىڭ سېلىنغىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسا كىرەك، بەزىلىرىنىڭ ئاغزى ئوچۇق، بەزىلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن،بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسى يېرىم ئوچۇق، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنەتتى.ئۇ قەبرىلەر ئارىسىدا مېڭىۋاتقىنىدا ئىسىدە يوق ھالدا بىر ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىگە دەسسەپ سېلىپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇ ئارقىغا يېنىشنى ئويلىدى، بىراق ئارقىغا ياناي دىسە،قەبرىنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ بولغان ئىدى،ئالدىدىكى ئوچۇقچىلىقمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، يەنە ئازراق ماڭسا مازارلىقنىڭ بېشىغا چىقاتتى، شۇڭا ئۇ قاتتىق قورقۇنۇچ ئىچىدە  ئالدىغا قاراپ ئاستا ماڭدى. بىر قەدەم،ئىككى قەدەم...ئۇشۇنداق قورقۇنۇچ ئىچىدە مېڭىپ ئاخىرى ئوچۇقچىلىققا چىقتى ۋە مازارلىققا قايتا بىر قارىۋەتكەندىن  كىيىن دوستلىرىنىڭ قېشىغا ماڭدى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ كىلىپ بولغان ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى. غېنىجان بۇ ئەھۋاللارنى ئۆيىدىكىلىرىنى ئەنسىرىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىمىدى. ئارىدىن ئون بەش كۈن ئۆتكەندە نغېنىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى. دىمەك ، بۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلار يەنە بىر قېتىم يىغىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.ئەلۋەتتە ئۆيىدىكىلىرى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسى بۇ تۇغۇلغان كۈننى ئاددىي ئۆتكۈزۈپ بىرەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ. چۈنكى غېنىجان ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى، ئاچىسىنىڭ ئەڭ ئامراق ئىنىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئاتايىن بۇ تۇغۇلغان كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوڭ تورتتىن بىرنى بۇيرۇتۇپ ، بۇ تۇغۇلغان كۈننى رىستۇراندا ئۆتكۈزدى. شىرە-ئۈستەللەرگە تىزىلغان يىمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر شۇنداق كۆپ ۋە مول ئىدى. ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى،ئۇرۇق- تۇغقانلار كۆپ يىغىلغان بولۇپ، ئۆز- ئارا كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئەمەلىيەتتە چوڭ تويدەكلا قىزىپ كەتتى. بىر كۈن شۇ تەرىقىدە ئالدىراش ئۆتتى.
                                             (7)
غېنىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى ۋە ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ تۇنجى قېتىم يولۇققان ئىشلىرىنى باشتىن -ئاياغ قالدۇرماي يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تولۇق سۆزلەپ بىرىپ، نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. ئۆلىما بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى:
- بالىلىرىم، سىلەرنىڭ بۇ گىپىڭلاردىن قارىغاندا سىلەر بىرەرسى قەست قىلماپتۇ. ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار قەست قىپسىلەر!
ئەر-ئايال ئىككەيلەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىدىن بىر- بىرسىگە قاراپلا قالدى. ئۆلىما يەنە مۇنداق دىدى:  
-يەنە سىلەرنىڭ گىپىڭلاردىن قارىغاندا سىلەر مەينەترەك ئوخشايسىلەر.پاكىزلىققا ئانچە دىققەت قىلىپ ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنسىلەر.مەھەللە ۋە ئۆينىڭ ئەتراپلىرىغا قالايمىقان ھاجەت قىلىدىكەنسىلەر، ئەخلەت ۋە يۈندىلەرنى تۆكىدىكەنسىلەر. قىزىڭلار ئىنسىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىلى بارغاندا جىن كۆزىگە كۆرۈنۈپ قورقۇتقان ۋە كىيىن  باشقا ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.ئۇنىڭدىن كىيىن غېنىجان ياتاقنىڭ ئارقىسىدىكى دەرخزارلىققا ھاجەت قىلغان، ھەم تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدا ئوينىغىلى بارغاندا، جىگدىلىك بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا چوڭ تەرەت قىلغان. ئەسلىدە ئۇ يەرلەر جىننىڭ ماكانى بولۇپ، غېنىجاننىڭ تەرەت قىلغىنىغا  ئاچچىقى كىلىپ شۇنداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.جىن گەرچە ئاسانلىقچە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق بولسىمۇ، لىكىن ئۇمۇ پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ ۋە سۆيىدۇ. مەينەتچىلىكنى يالغۇز ئىنسانلارلا ئۆچ كۆرۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتلارمۇ ئۆچ كۆرىدۇ.بۇ ئىش بولغاندىن كىيىن سىلەر بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بايقىيالماپسىلەر؛‹‹ئىسرىق ساپسىلەر، باخشىغا ، داخانغا ئوقۇتۇپسىلەر، تۇمار پۈتكۈزۈپسىلەر››،يەنە كىلىپ غېنىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزۈپسىلەر.بۇ ئىشمۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە جىن كۆرۈنۈشىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەبى. بۇنداق قىلىقلار پەقەت قارىماققىلا ياخشى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار پاسكىنا قىلىقلاردىن بولۇپ، بۈيۈك دىنىمىز- ئىسلامغا يات كىلىدىغان،ھەم دىنىمىز تەرىپىدىن مەڭگۈ قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىشلار ھىسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى قىلىق ۋە ئىشلارنىڭ بىرسىنى قىلغان كىشى شەرتسىز ئىماندىن ئاجرايدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق قىلىقلار ۋە ئىشلاردىن قاتتىق يىراق تۇرساڭلار بۇنىڭدىن كىيىنىكى ئىشلىرىڭلار ئاللا خالىسا ياخشىلىنىپ كەتكۈسىدۇر. مەن قىزىڭلار ھەققىدە بىر دۇئا قىلىپ بىرەي. قىزىڭلار ساقىيىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس! شۇنداق قىلىپ ئۆلىما قىزغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇلار ئۆلىماغا رەھمەت ئېيتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە كىلىپلا ئاۋۋال مەھەللە ئەتراپى ئاندىن پۈتۈن ھويلا-ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلىدى. ئاتا-ئانا ئىككەيلەن قىزىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇلار قىزىنى تاشلىۋەتكەن جايغا بېرىپ قارىسا، قىزى ئېلىشىپ قالغان، ئەمما سەل ئەقىل ھوشى جايىدا بار ھالەتتە ئادەم يېرىم چۈشىنىپ يېرىم چۈشىنەلمىگۈدەك بىر گەپلەرنى قىلىپ، چاچلىرى چۇۋۇق، يۈز-كۆزلىرى مەينەتلىشىپ قاسماق بېسىپ كەتكەن،كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يەردىن بىر نىمىلەرنى تاياق بىلەن كوچىلاپ يۈرۈپتۇ. ئاتا-ئانا قىزىنىڭ يۇقىرى قىياپىتىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى ئىزىلىپ ئۆزلىرىنى ئۇرۇشۇپ، قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ياخشى  داۋالاتتى.گۇناھلىرىغا قاتتىق توۋا قىلىپ ،ئۆلىما دىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلاندى.ئۆلىمانىڭ يول،ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسدە ،ئۇزۇنغا قالماي قىزى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز تۇرمۇشى ئاخىرلىشىپ ئائىلىسى يەنە بەختكە چۆمدى.بىراق ھەممەيلەن قارىماققا كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ قەلبىدە گوياكى ئۆز بالسىدەك  بوپ قالغان ئاچىسىنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر قىسىمى ئاشۇنداق مەينەتچىلىك ۋە پاسكىنا قىلىقلار تۈپەيلىدىن بىھۇدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىنسى غېنىجان ئۈچۈن قاتتىق يېرىم ئىدى.
2012-يىل 12-ئاي 2-كۈنى يېزىلىشقا باشلاپ 2013-يىل 1-ئاي 4- كۈنى تۇنجى نۇسخىسى(تۈزىتىلمىگەن نۇسخىسى) پۈتتى.1-ئاي23-كۈنى <<نادىرلار >> تورىغا يوللىنىپ،3-ئاي13-كۈنىدىن 4-ئاي - 2 كۈنىگىچە قايتا تۈزىتىلدى.
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائىي رايونى(3- ئاھالە كومىتىت)ەىن
نادىرلار، سەرتان تـورىدىن ئېلىندى
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم
خەنجىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

11

تېما

6

دوست

3975

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
900 سەر
تىللا
185 دانە
تۆھپە
815 سەر
شۆھرەت
758 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 23:22:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   تېمىڭىزگە يوشۇرۇن تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن.ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھەقىقەتنى تۇرمۇشتىكى رىيال ۋەقەلىك ئاقىلىق تەپسىلى بايان قىلىپسىز.قەلەم قۇۋىتىڭىزگە ئاپىرىن.نادىرلارشقا ئەرزىگۈدەك ئەسەركەن.رەھمەت!

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 23:32:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ تۈگەتتۇق،دېسە...
ھە،راس بۇ ھېكايىڭىزدىكى ‹‹غىنىجان››بىلەن‹‹ھۈمەنجان››بىر شەخىسمۇ يا؟...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 23:35:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك،ئىسلام پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان،پاكىزلىق ئىمان.ئەڭ مۇھىمى قەلىپ پاكلىقى...
بۇنىڭىدىن كېينىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 00:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راست،ئۇ ئىككى ئىسىم ئەسلى بىر شەخس ئىدى. ئەسلى ئىسم ھۈمەنجان بولۇپ، مەن تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن غېنىجان دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدىم.

باھا سۆز

بەختىيار(بايقاش ئۇنداق بولسا ھېكايىڭىزدىكى ئۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋىتىڭ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 09:33
خەنجىرى

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 23:50:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋىي ئەھمىيتى زور بولغان مۇھىم تىمىكەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:57, Processed in 0.453317 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش