مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 5

‹‹جىن››(ھىكايىنىڭ داۋامى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 21:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         خەنجىرى

                                                           (3)
ئاچا سىياقىدىكى جىن مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلدى. بۇ چاغدا سائەت توققۇز يېرىم بولغان ئىدى. بۇ چاغدا غېنىجانمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان بولاتتى. جىن مۇشۇنى ئالدىن بىلىۋالغان بولغاچقا، ئەتتىگەندە ياتاقتىن چىققاندىن بۇيانقى ۋاقىتنى باشقا يەردە ئۆتكۈزۈپ، دەل مۇشۇ ۋاقىتنى توغرىلاپ مەكتەپكە كەلگەن ئىدى. «ئاچا» سىياقىدىكى جىن مەكتەپكە كىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇدۇل غېنىجاننىڭ ياتىقىغا قاراپ ئۇدۇل ماڭدى. بۇ چاغدا يىراقتىن ئانچە- مۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىناتتى. بىراق بىرەر ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. «ئاچا» سىياقىدىكى جىن مېڭىپ ھۈمەنجاننىڭ ياتىقىغا كىلىپ ئىشىكنى چەكتى:
-تاك-تاك...
-كىم؟ - دىدى غېنىجان
- مەن ئامراق ئاچاڭ، ئىشىكنى ئاچ ئۇكام، دىدى جىن
غېنىجان ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنىڭ ئازراق پۇچۇلۇپ كەتكەن يېرىقىدىن قاراپ، ئاچىسىنىڭ خۇشمۇ ئەمەس، خاپىمۇ ئەمەس بىر خىل ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ <<ئاچىسىنى>> ياتاققا باشلىدى.
<<ئاچىسى>> ياتاققا كىرىپلا ئىنىسىنى قۇچاقلىدى.
غېنىجان بولسا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتىن كىيىن <<تاغدىن-باغدىن>>بىردەم پاراڭلاشتى.شۇنداق<<تاغدىن-باغدىن>> پاراڭلىشىشلار بىر پەس داۋاملاشقاندىن كىيىن <<ئاچىسى>> ھۈمەنجاننىڭ قولىغا قاراپ ئەتەي مۇنداق دىدى:
-ئۇكام، قولۇڭنى ئەكىلە، ئالقىنىغا قاراپ باقاي! ئالقىنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
غېنىجان سەل نومۇس قىلىپ بۇنىڭدىن  بىخەۋەر ھالدا <<ئاچىسىغا>>قولىنى ئۇزاتتى.
- غېنىجان قولىنى ‹‹ئاچىسىغا ›› سۇنىۋىدى، ‹‹ئاچىسى ››نازۇك ھەم يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى بىردەم دۈم، بىردەم ئوڭ قىلىپ سىلاشقا باشلىدى.ئارىدىن تەخمىنەن ئون-ئون بەش سىكۇنت ۋاقىت شۇنداق ئۆتتى.غېنىجان بولسا نومۇس قىلغىنىدىن دەرىزە تەرەپكە قارىۋالدى. ئۇشتۇمتۇت قولىنىڭ غىدىقلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن غېنىجان «ئاچىسى» غا قاراپ داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى- ۋە چىرقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاچىسى ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق، چىرايىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرغان بىر جىن ئادەمنىڭ بىر  بىر تال قوۋۇرغا سۆڭىكىنى غاجىلاۋاتقان ھالدا قاراپ تۇراتتى. چىرايىنى كۆرگەن ئادەمنى قاتتىق قورقۇنۇچ ۋە سۈر باساتتى. جىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قاراپ كىلىشكە باشلىدى. غېنىجان جىندىن شۇنچە قاچسىمۇ، لىكىن پۇت -قوللىرى ئۇنىڭغا پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى. خۇددى ئاچىسى دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ: «جىن...ئاچا...» دەپ يەنە ۋارقىراپ قېچىشقا ئۇرۇندى. يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ كۆزىگە ياش تولدى. ئۆزىنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدا تۇرغاندەك ھىس قىلىپ، كۆز-ئالدىغا ئاتا-ئانىسى، ئاچىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كىلىۋېلىپ پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتتى. ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە ياتاقتىن قېچىپ چىقىپ سەل نېرىغا بېرىپ بۇقۇلداپ يىغلىدى ۋە بىردەم شۇ تەرىقىدە يىغلىغاندىن كىيىن  ياتاققا كىرەي دەپ ئويلىدى. بىراق كىرەي دىسە تېخى قورقۇيتتى.كىرمەي دىسە كەچ بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئامالسىز ئىككى-ئۈچ سائەتنى قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ياتاققا تەۋەككۈل قىلىپ كىردى. جىن بولسا غېنىجان يىغلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىقىپ كەتكەن ۋە قىز تىنىدىن ئاجراپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. غېنىجان ئامالسىزياتاققا كىرىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتتى، ياتاق بولسا جىمجىت ئىدى. ئۇ كارۋاتقا كىلىپلا بېشىنى يوتقانغا چۈمكەپ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئارىدىن ئون-ئون بەش مىنۇت ئۆتكەن بولسا كىرەك، دەل  بۇ چاغدا ئىشىك يەنە قايتا چىكىلدى. غېنجاننىڭ يوتقاندىن چىقارغۇدەك جۈرئىتى قالمىغان بولغاچقا، ھېلىقى جىننى يەنە كەلگەن ئوخشايدۇ،دەپ تېخىمۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە :
-كىم،كىم دەپ ئارانلا دىيەلىدى.
ئاچىسى غېنىجانغا يالۋۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ:
-جېنىم ئۇكام! ئىشكنى ئاچ، مەن سىنىڭ ئاچاڭ، دىدى
غېنىجان ۋاقىراپ تۇرۇپ دىدى :
-يوقال! سەن مىنىڭ ئاچام ئەمەس! سەن مىنىڭ ئاچام ئەمەس!  سەن دىگەن جىن...، سەن دىگەن جىن...!
ئاچىسى يىغلاپ تۇرۇپ دىدى: ئىشىكنى ئاچ ئۇكام
ئەمما غېنىجان ئىشىكنى يەنە ئاچمىدى.
ئاچىسى يەنە يىغلاپ تۇرۇپ دىدى:
-جېنىم ئۇكام! ئىشىكنى ئاچ، مەن تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشنى ساڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قوياي!
ئۇ شۇنداق يىغلاپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاخىرى  مىڭ تەسلىكتە ئاچقۇزدى. غېنىجان ئاچىسىنى كۆرۈپلا ، ئۇنى يەنە جىن دەپ ئويلاپ قالغاچقا ،يوتقان-كۆرپىلەرنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. ئاچىسىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغاچقا، خاتا چۈشەنمەي يىغلاپ تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيانقى يۈز بەرگەن بارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. دىمەك ئەمدى ئاچا-ئىنى  ئىككەيلەنگە ھەقىقى ئەھۋال مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇلار شۇنىڭدىن كىيىن تاماق يىيىشىپ ئەركىن –ئازادە  پاراڭلىشىپ ئىككى-ئۈچ سائەتنى ئۆتكۈزدى.ئاڭغىچە سائەت بەش بولدى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى ئادەم كۆپرەك يەردىن ياتاق ئالماقچى بۇلۇپ ماڭدى. بىراق ھېلىقى جىننىڭ ئۆزىنى ھەم ئىنىسىنى يەنە قورقۇتۇشىدىن  ئەنسىرەپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. غېنىجانمۇ ئاچىسىدىن ئەنسىرەپ قالغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقتا ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، ئاچىسىنىڭ ياتاقتا قونۇپ قېلىشىنى ئېيتتى. ئاچىسى سەل خىجىل بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ماقۇل بولدى. بۇ ئاچا-ئىنى كەچلىك تاماقنى ياتاقتا يەپ، ياتاقتىكى ئىككى كارۋاتقا چىقىپ، شەپىلەرگە قۇلاق سالغاچ قورقۇنچ ئىچىدە پاراڭلىشىپ چىقتى ۋە بۇ قېتىمقى ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا دىمەسلىكنى مەسلىھەتلەشتى. چۈنكى ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى ئۇقسا قاتتىق ئەنسىرەيتتى. بەلكىم شۇ سەۋەبلىك غېنىجاننى مەكتەپتىن قايتۇرۇپ كىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يېرىم كىچە بولغاندا ئۇلار ھاۋا يەپ كىرگىلى سىرتقا چىقتى. ئۇلار سىرتقا چىققان شۇ ۋاقىتتا غېنىجاننىڭ تۇيۇقسىز كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتتى-دە، ئاچىسىغا دەپ قويۇپ يىراقتىكى دەرەخزارلىق يېنىغا تەرەت قىلغىلى كىتىپ، بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە ئۇقماي تەرەت قىلىپ سالدى. بۇ يۇلغۇنلۇق بولسا  بىر جىننىڭ ماكانى ئىدى. ئەمما ھۈمەنجان بىلەن ئاچىسى بولسا بۇ يەردىكى يۇلغۇنلۇقنىڭ جىننىڭ ماكانى ئىكەنلىكىدىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى.  غېنىجان ۋە ئائىلسىدىكلەرمۇ ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە يۇلغۇنلۇق تۈۋىگە ، مەھەللە ئەتراپلىرىغا بەزىدە چوڭ، بەزىدە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار خېلىدىن كىيىن ياتاققا قايتىپ كىرىپ پاراڭلىشىپ چىقتى. ئەتىسى تاڭ ئاتتى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى كەتمەكچى بولۇپ، ياتاقتا ناشتا قىلىپ، ئالىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا كۆڭلى يېرىم ھالدا قايتتى.
                                                       (4)
غېنىجاننىڭ ئاچىسى كەتتى. ئاندىن غېنىجان سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە ياتاقنىڭ ھەممە يېرىگە يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرۈتتى، ياتاق بولسا شۇ پېتى تۇراتتى. ياتاقتا يەنە ئاچىسى ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىكلەر ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇملار بار ئىدى. غېنىجان نەرسىلەرنى يەنە بىر كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆيىدىكىلىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ يۈز- كۆزلىرىنى پاك-پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كىيىن، نەرسە-كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ بازارغا چىقتى. شۇ چىققانچە كەچكىچە بازار ئايلاندى. تورخانىغا كىردى. كىيىن كىتاپخانىغا كىرىپ بىر-ئىككى كىتاپ ۋە ژۇرنال سېتىۋالغاندىن كىيىن يەنە بىردەم بازار ئايلاندى. ئىشقىلىپ بۈگۈننى شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزدى. كەچ كىرگەندە ياتاققا قايتتى. تەتىل قىلىشقا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىدى. ھېلىقى جىن قايتا كۆرۈنمىدى. شۇنداقتىمۇ جىننى، ياتاقنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىقنى، مەكتەپ مەيدانىنى ۋە كارىدورنى ئويلىسىلا، كۆرسىلا قاتتىق سۈر باساتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلايتتى. شۇڭا ئىمكان بار ئۆزى يالغۇز سىرىتقا، بولۇپمۇ  ياتاقنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىققا چىقمايتتى. ئەنە شۇ چاغدا ئانىسى، دادىسى، ئاكىسى ۋە ئۆزىگە گوياكى ئۆز ئانىسىدەك بولۇپ قالغان ئاچىسىنى ئويلاپ، سېغىنىپ كۆزىگە ياش ئالاتتى. ئۇ بۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ساۋاقداشلىرىغا ئېيتىشنى ئويلىدى. بىراق بىر تۇرۇپ سەل ئىككىلىنىپ قالدى. چۈنكى غېنىجان گەرچە سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە:« غېنىجان ساراڭ بوپ قاپتۇ، ئېلىشىپ قاپتۇ، ئالجىپ قاپتۇ...» دىگەندەك قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتلەرگە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ئىشنى باشقىلارغا دىمەي، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا دىگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ سىر ساقلىيالماسلىقىدىن، ۋاقتى كىلىپ كىچىككىنە نام-مەنپەئەت ئۈچۈن ئازارلىشىپ قالغاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ئاشۇ «ئەڭ يېقىن دوستلىرى» تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كىتىشىدىن قورقاتتى.غېنىجان ۇنىڭدىن ئىلگىرى دوستلۇققا دائىر بىر ھىكايىنى ئوقۇغانىدى. ئۇنىڭدا ئىككى دوستنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ دوستلىقى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلىشىپ، ئاخىرىدا قول بىرىشىپ قىيامەتلىك دوست بولغانلىقى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككى دوستنىڭ بىرىنىڭ بېشىغا كۈن كىلىپ، دوستىغا سىر ئاشكارىغانلىقى، ئاخىرىدا بولسا كىچىككىنە ئىش سەۋەبىدىن ھېلىقى دوستىنىڭ سىر ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ قىيامەتلىك دوستىنى رەسۋا قىلغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ. غېنىجان شۇ ھىكايىنى ئوقۇغان  ۋاقىتتىن باشلاپ ھەقىقى ئىچ سىرىنى باشقىلارغا قەتئىي دىمەيدىغان، ئۇلارغا قارىماققىلا  ئىشىنىپ، ئەمەلىيەتتە         چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدىغان بولغان ئىدى.. غېنىجان شۇ ھىكايىدىكى دوستلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈز بەرگەن ئىشىنى قايتىدىن ئويلاپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە شۇنداق ئەھۋالغا قېلىشدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىككى -ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى دوستلىرىغا دىيىشتىن ئىبارەت ئويىدىن ياندى. باشقىلارغا دىمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، چۈنكى ھەرقانداق يېقىن دوستتىن توقسان توققۇز پىرسەنت ئەھۋالدا ۋاپا كەلگەن تەقدىردىمۇ، لىكىن بىر پىرسەنت ئەھۋالدا مەڭگۈ ۋاپا كەلمەيتتى.دوست دىگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى ، ھەم ئۇنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن قانداق ۋاقىتتا يۈز ئۆرۈشىنىمۇ ئالدىن بىلگىلى بولمايتتى.دوست دىگەن بەزىدە ئاغزىدا<<ھە >> دەيتتى،لىكىن ئويلىمغان ۋاقىتلاردا مال-دۇنيا، ھوقوق، ساھىپجامال قاتارلىقلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئەڭ يېقىن دوستىدىنمۇ ۋاز كىچىپ، ئۇنى سېتىۋىتشى ،بالا-قازاغا يولۇقتۇرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇ بۇ ئويىدىن يانغان ئىدى شۇنىڭدىن كىيىن ئىشلارمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ كىتىشكە باشلىدى. غېنىجان شۇنىڭدىن ئىتىبارەن  ھەممە دەرسنى ياخشى ئۆگەندى؛ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ سىنىپىغا، جۈملىدىن ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ خوشلىقىنى باسالماي، بۇ خۇشاللىقنى ئۆيىدىكىلىرىگە يەتكۈزۈپ ئۆيىدىكىلىرىنى قاتتىق خۇشال قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىرىشكەن نەتىجىلەردىن مەغرۇرلىنىپ قالماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئاڭغىچە ئىككى يېرىم ئايمۇ توشۇپ تەتىلگە قويۇپ بىرىلدى. غېنىجان ماڭىدىغان كۈنىنىڭ  ئالدىنقى ئاخشىمى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئولتۇرۇش قىلىپ،ئەتىسى ئەتتىگەندە نەرسە- كىرەكلىرىنى  يىغىشتۇرۇپ  ئۆيىدىكىلىرىگە لايىقىدا سوۋغا- سالام ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا بىلەت ئالغاندىن كىيىن يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى.

(داۋامى بار)
خەنجىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 22:28:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قانداق بولار؟داۋامىنى ئوقۇشقا تەقەززارمىز...رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

9

تېما

7

دوست

962

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
189 سەر
تىللا
165 دانە
تۆھپە
177 سەر
شۆھرەت
197 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاOffice ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 22:49:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر يوللاپسىز  مەن مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن  رەخمەت

15

تېما

1

دوست

874

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
181 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
162 سەر
شۆھرەت
171 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:27:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر ئىكەن ، داۋامنى ئۇقۇشقا تەقەززا بۇلىۋاتىمەن . بولسا تىزرەك يوللىغان بولسىڭىز.

11

تېما

7

دوست

974

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
73 دانە
تۆھپە
179 سەر
شۆھرەت
206 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 15:35:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم،داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن.
نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئىمتھانلار بۇ،تەتىلدەMHK ئالىمى ...

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 14:19:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىم بەك ئالدىراش بوپ كىتىپ ئاخىرىنى يوللاشقا ۋاقتىم چىقمىدى.ئۇزۇنغا قالماي ئاخىرىنى يوللاشقا تىرىشىمەن.
خەنجىرى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:40, Processed in 0.186940 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش