مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 3

ئۇچۇردىكى مۇھەببەت(يۇمۇرىستىك ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 20:32:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                            خەنجىرى
بىر كۈنى   قىلىدىغان ئىش تاپالماي، مال- مۈلۈكىنى ئۇتتۇرۋەتكەن ئوغرى- قىمارۋازنىڭ ئىچى پۇشقاندەك، مىنىڭمۇ ئىچىم
پۇشۇپ ئۇ يانغا قارىدىم،  بۇ يانغا قارىدىم.  قارىسام قىلىدىغان ئىش يوق. كوچىغا چىقىپ مەدىكار ئىشلەشنى ئويلىدىم. بىراق مەندە يۆتەلگۈدەكمۇ ماغدۇر يوق تۇرسا قانداق مەدىكار بولۇپ ئىشلەيمەن؟  شۇنداقتىمۇ كوچىغا چىقىپ ، بار- يوقى ئىككى يېرىم موچەن پۇلۇمنى دەسمى قىلىپ سېلىپ ئاداشلىرىم بىلەن ھوشۇق ئېتىپ ،ئۇلاردىن ئۇتۇۋالغان تۆت يۈەن پۇلنىڭ ئۈچ يۈەنىگە بىر دانە قىزىل چاي، قالغان بىر يۈەنىگە بەش موچەنلىك گىردىدىن ئىككى تۇياق ئېلىپ قورساق تويغۇزۇشنى ئويلاپ، شۇزامات بىر پايپىقىمنى كىيىپ، يەنە بىر پايپىقىمنى كىيمەي ياغاچتەك قېتىپ كەتكەن پۇتلىرىمنى داتلىشىپ كىتىپ تۆمۈردەك بوپ قالغان ئاياغقا مىڭ ئۈچنى يۆتىلىپ دەپ ساپتىم.كوچىغا چىقسام مىنىڭ ئاداشلىرىم، دوستلىرىم، بۇرادەرلىرىم، يېقىن دوستلىرىم،يېقىن بۇرادەرلىرىم،يىراق بۇردەرلىرىم، ئەڭ يېقىن بۇرادەرلىرىم، ئەڭ يېقىن دوستلىرىم، ئەڭ يېقىن ئاداشلىرىم، ئەڭ يىراق ئاداشلىرىم مەر-مەر ئويىنىغىلى ئاقساقمارال ئۆستەڭنىڭ بويىغا كىتىپتۇ. بۇ كالا شۇملار توپىلىق يەردە قانداق مەر-مەر ئوينايدىغاندۇ؟،دەپ ئويلاپ ئۆيگە كىردىم. ئاندىن تېلىفۇن بىلەن راسا ھەپىلىشىپ ئۇنىڭ<<ۋايجىنىنى>>چىقىرىۋىتەي دەپ، تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام،بۇ كاساپەت تېلىفۇننىڭ توكى خۇددى ئۆيدە تاماق ئىتىدىغان قوي يېغى بىلەن سۇ يېغى تۈگەپ كەتكەندەك تۈگەپ كىتىپتۇ . بىرسىدىن ئالىدىغان ئاچچىقىمنى ئالالماي ئاران تۇرغاندا ،تىلفۇننىڭ توكىنىڭ يوقلۇقى << ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز >> ياراشقاندەك تازا ياراشتى . ئاچچىقىم شۇنداق قاتتىق كەلگەن ئىدىكى ، شۇ تاپتا پۇتبۇل مەيدانىدا بولغان بولسام  ۋارتارنى << پوش>> دىمەي  توپتىن ئۈچنى كىرگۈزۋەتكەن ، ۋاسكىتبۇل مەيدانىدا بولغان بولسام ئوتتۇز بەش نۇمۇرلۇق توپتىن ئوتتۇز بەشنى سولىۋەتكەن بولار ئىدىم .  تېلىفۇننى ئىگىز كۆتۈرۈپ خىيالىمدا :‹‹گارغا تاشلىدىم››، دەپ تېلىفۇننى ئىسىلىشىپ  قاپقارا بوپ كەتكەن مورىغا ئاتقىلى تاس قاپتىمەن.ئۈستىگە قارىسام گار يوق.شۇڭا بۇ ئويۇمدىن يېنىپ،تېلىفۇننى ئاتماي،ئىككى سائەتچە توككا چېتىپ قويۇپ گازىر چاقتىم.ئارىدىن ئىككى-ئۈچ سائەتچە ئۆتكەندە بولسا كىرەك،ماينى تېلىفۇنغا سېلىپ ، تېلىفۇنۇمنى قوزغاتتىم.ئۇچۇرلار خۇددى-‹‹ئەللىك بەش تىپلىق تراكتۇر ›› گۈرۈلدەپ يەر ھەيدىگىلى كەلگەندەك، گۈلدۈرلەپ كىلىشكە باشلىدى. ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىشقا پەقەت خوش ياقمىدى. شۇڭا ئۇلارغا تېلىفۇن قىلغاننىڭ ئورنىغا باشقىلارغا تېلىفۇن قىلىپ ‹‹پوپوتاڭ›› چايناي ، دەپ ئويلاپ خىيالىمنى ئاۋات بازىرىغا ‹‹مەرەجە››ئىچكىلى ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزۈم خىيالىم يوق ھالدا دوستۇمنىڭ نومۇرىنى باستىم. بىراق خىيالىمنى قايتۇرۇپ ئويلىسام، بىر خانە نومۇر خاتا بېسىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپتىن تېلىفۇن كىلىشكە باشلىدى.پەقەتتىن-پەقەت ئالغۇم كەلمەي ئۇنىڭغا مۇنداق ئۇچۇر يوللىدىم:-‹‹نەلىك نىمىسىز، نەدىن بولىسىز، نەدىن كىلىسىز، نىمە ئىش قىلىسىز، نىمە بىلىسىز؟ تىز جاۋاب بىرىڭ! بولمىسا سىزنى جياگۇڭ قىلىمەن(پىششىقلاپ ئىشلەيمەن) ››. قارشى تەرەپ مىنىڭ بۇ ئۇچۇرۇمنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ ھوشىدىن كەتتىمۇ، ياكى بارغان ئۇچۇرغا قارىماي مۈشۈك باقتىمۇ، ئىشقىلىپ مەنمۇ بىلمىدىم، خېلىغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.بۇ ئاداشتىنى كىلىدىغان ئۇچۇرنى خۇددى ئەسىرىنىڭ ئىلان قىلىنىشىنى كۈتۈپ تازا بوغۇلۇپ كەتكۈچە تەقەززا بولغان ، يىتىلىۋاتقان،ئەمدىلەتتىن ئۆگىنىۋاتقان ، يېزىقچىلىقنى تېخى ئۈچ يېرىم كۈن ئىلگىرىلا باشلىغان ئاپتوردەك كۈتۈشكە باشلىدىم.خېلىدىن كىيىن مۇنداق مەزمۇندا ئۇچۇر كەلدى:
-مەن نېرىقى ناھىيسى يېقىنقى بازىرى ئىشىك بوسۇغىسى كەنتى ئۆي ئىچى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق نىمىماخۇن بولىمەن،شۇ يەردىن بولىمەن،نەدىن كەلدىم، ئاپلا كەچۈرىسىز، شۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.مەن شۇ خوتۇن كىشى قېشىغا قويىدىغان ئوسما تېرىيمەن.كۈز ۋە قىش كۈنلىرى ئىش خوشياقماي يىغىپ دۆۋىلەپ قويغان قۇرۇق مەدەك غاجاپ كۈن ئۆتكۈزىمەن. نىمە بىلىدىغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيمەن. مەن ئۇنىڭغا: كىچەمۇ-كۈندۈز كۆرۈشۈپ تۇرايلى،يىراقتىكى دوستلاردىن بولۇپ قالايلى، دەپ ئۇچۇر يوللىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى پەقەت ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆز-ئارا كۆرۈشۈپ تۇرۇشتۇق. كۈندە تاماق يىدىڭىزمۇ؟ تاماق تاپالماي شاپاق بىلەن مەدەك غاجىدىڭىزمۇ، دىيىشىپ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىمىزنى گوياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغقاندەك ياغدۇرۇۋىتىشتۇق(قىسقىسى ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆز-ئارا مۇھەببەتلەشتۇق).تېلىفۇنىمىزمۇ يەتكۈچە قەرزگە بوغۇلۇپ، توڭرا پاتاڭغا كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئارتىلدى. شۇنداقتىمۇ يەنە پاراڭلاشتۇق.تېلىفۇن بىچارە بولسا  يەنە ئامالسىز ‹‹غىڭ-پىڭ ›› قىلماي قەرزگە بوغۇلىۋەردى.شۇنداق قىلىپ ئۇچۇردىكى مۇھەببەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر يەرگە باردى.بىر كۈنى كىچىك بىر ئىش سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئۆز-ئارا تىللىشىپ كەتتۇق.‹‹ئاچاڭدىن باشلاپ ئاناڭدا›› توختاشتۇق.تېلىفۇن بىچارە بۇ بىر-بىرىدىن كارامەت ئىسىل ، ساز، نوچى گەپلەرنى ئاڭلاپ نومۇس قىلغىنىدىن، ئىزا تارتقىنىدىن يۈزلىرى توختىماي يورۇپ تۇراتتى. بىز بىر پەس تىللىشىپ بولغاندىن كىيىن گېلىم قۇرۇپ كىتىپ،بىرسىگە يىراقتىن ئىسپىرت ئارلاشتۇرمىغان گازلىق سۇ، سۈت ئارلاشتۇرمىغان پىچىنە، يېغى يوق سەي ئەكىرگۈزۈپ قورساقنى ئوبدان ئەستەرلىگەندىن كىيىن ئۇنى ئۇچۇر ئارقىلىق قايتا تىللاش ئۈچۈن ھۇجۇمغا، ئاتاكىغا ئۆتتۈم. ئەپسۇسكى، بۇ ئەبلەخمۇ قېرى قانجۇق ئىتتەك قاۋاپ بولالماي ھېرىپ قېلىپ تاماق يەۋاتقان بولسا كىرەك،ئۇچۇر قايتۇرمىدى.ئۇنىڭغا يەنە ئۇچۇر يوللىدىم، بىراق ئۇ تۈكباش ئەبلەختىن يەنە ئۇچۇر كەلمىدى.مەن ئويلىدىم: بۇ ئەبلەخ تىللىغان گەپلىرىم، سۆزلىگەن نوتۇقلىرىمغا، ئوقۇغان شىئىر-قوشاق ۋە پوۋىستلىرىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆلۈپ قالدىمۇ نىمە، دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا  ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى.بىر يەنە بىر مەيدان ئۆز-ئارا تىللىشىش جېڭىگە چۈشۈشتۇق.مەن تىللىشىشنىڭ ئالدىنقى سىپىدە كىينكى ئۈچ كۈنىدە ئاش-تاماقسىز، سۇسىز  قېلىپ جاپالىق كۈرەش قىلىپ، يەنە مىنى بىھۇدە  تىللىسا قوڭىغا بورا يۆگەپ ئوت قويۇش شەرتى بىلەن ئاخىرى ئۇ ئەبلەخنى يەڭدىم، ھەمدە بىزنىڭ ئۇچۇردىكى جېڭىمىز مىنىڭ غالىبلارچە يېڭىشىم، ئۇنىڭ مەيداندىن قاچقان توخۇدەك يېڭىلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غەلبىلىك ،تولۇق مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى. بىزنىڭ بۇنداق بولۇشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا – بىز ئۆز-ئارا تىللىشىش جېڭىگە  ئاتلانغۇچە ئۆز-ئارا كۆرۈشمەي تۇرۇپ ئۇچۇر ئارقىلىق مۇھەببەتلىشىش ۋە مەن ئۇنى ئەمدى 18ياشقا كىرگەن  ئەرگە تەگمىگەن گۈزەل قىز- ئۇ بولسا مىنىمۇ ئەرگە تەگمىگەن 18ياشقا كىرگەن گۈزەل قىز، دەپ ئويلاپ قالغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس ئىدى.

ئاپتور:مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
2013-يىل 2-ئاي 25-كۈنى يېزىلىشقا باشلاپ 3-ئاي 13-كۈنى تۈزىتىلىپ تاماملاندى.3-ئاي 23-كۈنى قايتا تۈزىتىلىپ
كومپىيوتىردا ئۇرۇلدى

نادىرلار تورىدىن ئېلىندى.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم
خەنجىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7206 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7888 سەر
شۆھرەت
5848 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 23:38:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەنجىرى  ئەپەندىم  ياخشىمۇ سىز  بۇ تىمىنى نادىرلار تورىدىن ئېلىندى دەپسىز . يەنە كىلىپ ئاخىرغا مەنبەسى مەن دەپسىز . قايسى توغىرا ، مىنى بىر ئاز گاڭگىرتىپ قويدى
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

10

تېما

0

دوست

178

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
36 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
26 سەر
شۆھرەت
35 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 00:36:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى مەن ئۆزۈم يازغان بولۇپ،ئەڭ دەسلەپ نادىرلار تورىغا يوللىغان ئىدىم.شۇ توردىن كۆچۈرۈپ بايقاش تورىغا قايتا يوللىدىم
خەنجىرى

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:08:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە راستىنلا بەك قىزىقارلىككەن،شۇنداق بولسىمۇ بىر ئاچچىق ھەقىقەت نى يورۇتۇپسىز .رەخمەت سىزگە !
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:48, Processed in 0.461892 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش