ئۈلگىلىك ماقالىلەر
ھايات قىممەتلىك (ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى) دۇنيادا ھەمىدىن قىممەتلىك نەرسە ھاياتتۇر. ھاياتلىق ئىنسان ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ. ھاياتلىققا قايتا ئېرىشش مۇمكىن ئەمەس، ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىمىزنى ئورۇنلۇق، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىسەك كىيىن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايمىز، ئەگەرئۇنى بھۇدە ئۆتكۈزسسەك ئۆمۈرلۈك ھەسىرەتتىن قۇتۇلالمايمىز. ئىنسان ئۈچۈن ئۈلۈم ئۇنچىلىك دەشەتلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ھاياتلىقتا بەھىرمان بۇلۇشقا تىگشلىك نەرسىلەردىن بەھىرمان بولالماسلىق ۋە باشقىلارنى بەھرمان قىلالماسلىق ھايات بېغىدا شىرىن مىۋە پىشۇرالماسلىقتۇر. ئىنسان كۆڭلىگە پۈككەن غايە مەڭگۈ قولغا كەلمەيىدىغان سايە ئەمەس، ئۇنى ئىرادىلىك، تىرشچان كىشلەرلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ھاياتنىڭ مۇققەدەس گۈل غۇنچىسى ياشلىق باھاردا ئېچىلىپ خۇشپۇراق چاچىدۇ، گۈزەل ھايات گۈلىنىڭ بىرەر قېتىم ئېچىلماي خازان بولۇپ كىتىشى بۇ ئىسان ئۈچۈن بەكلا ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟ شۇنى بىلىش لازىمكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى خار قىلىش ئاخىردا ئۆز- ئۆزىنى زار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھاياتىمىزدا نىمىنىڭ زىيانلىق، نىمىنىڭ پايدىلىق، نىمىنىڭ توغىرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، قايسى قەدىممىزنىڭ ساخاۋەتلىك، قايسى قەدىممىزنىڭ پالاكەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ماڭايلى. شۇندىلا ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەن بولىمىز، كىيىنىكى ئۆمۈرمىزدە ھەسرەت – نادامەتتە قېلىپ، ئۆزىمىزگە دۈشمەن تېپىۋالمايمىز..
 ئادەمىنىڭ قىممىتى ( كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتى نەدە؟) ئادەمنىڭ قىممىتى دىگىنىمىز: ئۇنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، ئۆزىنىڭ جەميئەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش خۇسۇسىيتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرقانداق ئادەمدە مۇشۇنداق خۇسۇسيەت بولسا ئۇنىڭ ھەققى قىممىتى بۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نەپ ئېلىش ئارزۇسىلا بولۇپ، قۇربان بېرىش روھى بولمىسا ، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاپ ، باشقىلارنى ئويلىمىسا ئادەمنىڭ ۋە ھاياتنىڭ قەدىر قىمىتى بولمايدۇ. ئادەم ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق ياراتقۇچى بولغانكەن ئۇنداقتا ئۇ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشى ، ئۆزلۈكسىز يېڭى قىممەت يارتىشى ، ئۆزنىڭ ۋەجەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرىشى كېرەك. شۇندىلا ھايات مۇكەممەل قىممەتكە تۇيۇنغان بۇلىدۇ . ئەگەر ھەر قانداق ئادەم مەلۇم ماددى ۋە مەنىۋى بايلىق ياراتتى دىگەندىمۇ ئۇنى ئۆزى ئۈچۈنلا ياراتسا، باشقىلارنى ئويلىمىسا،ئۇلارغا نەپ بەرمىسە، بۇ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، پەزىلەتسىزلىك بۇلۇپ، بۇنداق كىشلەر جەمئىيەت، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشالمايلا قالماستىن ھاياتنىڭ ھەققى مەنىسىنى ئەبەدىل تۇنۇپ يىتەلمەيدۇ ۋە ئىچكى روھى دۇنياسى قورغاقلىقتا ئۆتىدۇ. ھەر قانداق ئادەم باشقىلار ئالدىدا ئەڭ ئالىي ئۆلمەس قەدىر- قىممەتكە ئىرىشىمەن دەيدىكەن ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت، دەۋىر، دۆلەت ئۈچۈن زور قىممەت يارتىپلا قالماستىن ئۆز تۆھپىسنى ئىنسانىيەت مەدىنيىتى ۋە دۇنيا مەدىنيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىشى كېرەك. يىغىپ ئېيىتقاندا كىشلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتى ئادەمنىڭ كۆرىنىش دۆلىتى مال دۇنياسىدا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپسنىڭ ئاز كۆپلىكىدە.

پۇل ۋە قەدىر- قىممەت ھەممىمىزگە مەلۇمكى تۇرمۇشتا پۇل دىگەن ھەقىقەتەن قىممەتلىك. قەدىرلىك نەرسە پۇل بولمىسا ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئادەم پۇل ، مال دۇنيا ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بۇلۇپ ئۆزىنى بۇزماسلىقى، بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىندىن ئامان ساقلىيالايدىغان ئادەملەر ھەققى قەدىر- قىممەتكە ئىرىشەلەيدۇ. پۇل تاپايلى لىكىن پۇلغا ئەسر بۇلۇپ قالمايلى. پۇل ئادەمنى ئەزىزمۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى، پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دىگەن شۇ. ھالالدىن پۇل تېپىش، ئۇنى ئۇرۇنلۇق ئىشلىتىش بەخىت دىگەن شۇ. كىشلىك ھاياتتا پۇل ۋاستە ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. ياشاش، ياشىغاندىمۇ بەخىتلىك ياشاش مەقسەتتۇر. پۇل ياشاش ۋە بەخىتكە ئىرىشىشنىڭ ۋاستىسى لىكىن بەخىتنىڭ ئۆزى ئەمەس. پۇل تېپىش ئىنساننىڭ بىردىن- بىر مەقسىدى بۇلۇپ قالسا ئىنسانىيەت دۇنياسى تىزلا گومىران بۇلۇپ كىتىدۇ. كىشلە پۇل ئۈچۈن بىر- بىرنى يەيدۇ، تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن بارلىق ئەخلاقسىزلىق، رەزىللىك پۇل ئۈچۈن كىلىپ چىققان. شۇنى چۈشنەيلىكى بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلىپ تىكلىگەن قەدىر- قىممەتنى ئازغىنا مەنپئەت ئۈچۈن يەكسان قىلغان ئادەم ئەقىللىق ئەمەس، ئادەممۇ ئەمەس. شۇڭا توغرا، دۇرۇس ياشايلى. ھالال ئەجىرىدىن پۇل تاپايلى، تاپقان پۇلىمىزنى دۇرۇس ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلايلى. شۇندىلا ھۆرمىتىمىز، قەدىر- قىممىتىمىزمۇ ئاشىدۇ، پۇلىمىزمۇ كۆپىيدۇ. پۇلدىن باشقا ھىچنىمىنى ئۇيلىمىغاق، ھەممىنى پۇل ئارقىلىقلا ئۆلچىسەك ھەققى قەدىر قىممىتىمىز بولمايدۇ. ئۆزمىزنى باي ھېساپلىغان بىلەن روھىمىز، قەلىبىمىز نامىراتلىقتا ئۆتىدۇ. شۇڭا پۇلغىلا ئەھمىيەت بېرىپ قەدىر-قممەتكە سەل قارىمايلى.

ھايا ھايا ۋە نۇمۇس ئىنسان پەزىلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ چىرايلىق گۈلى، ئۇيات بىزنى يامان ئىشتىن توسقۇچى باغلاق. قەلبىمىزنى پاك ساقلىغۇچى مۇقەددەس قۇرغان، ئۇ بىزنى دائىم ياخشى ئىشقا ئۈندەيدۇ. ئەخلاقسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ. ئەگر بىزدىن ھايا كۆيۈرۈلىدىكەن ئادىمىيلىك بەلگىمىزنى يۇيۇپ، ھايۋانلىق مۇقامىغا يىتىمىز. ئۇياتسىزلىق، ھاياسىزلىق شۇنچىلىك يىرگىنىشلىك كېىسەلكى، ئۇنداق ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن ھەر قانداق پەسكەشلىك كىلىدۇ. ھاياسىز ئادەم نۇمۇسسز، ۋىجدانسىز، ۋاپاسىز، ھېچقانداق نەرسىگە يارىمايدىغان ئادەمدۇر. شۇڭا ھايالىق بۇلۇش ۋە ھاياسىز ئادەملەردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ھايالىق كىشلەرنى ھەمە كىشى سۈيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. ھاياسىز كىشلەردىن ھەممە ئادەم بىزار بۇلىدۇ. ھايا خلىقىمىزنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىردىن بىرى. ھايانىڭ بۇ خىڭ خاسىيىتىنى بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان مەدەنىي دەۋرىمىزدىن تەكىتلەش بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە زۆرۈر. ئەگەر كىشلەر تەرەققىيات، يېڭىلىقلقىنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، شەرمى-ھايانى چۆرۈپن تاشلىسا ئادەملەرنىڭ قەلبى خۇنۇكلىشىپ، قىلىقلىرى ھايۋاندىنمۇ بەتتەرلىشىپ، ئەڭ ئاخىردا مىللەت، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىدا بۇلغۇنۇش چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، دۆلەت ھالاكەت گىرداۋىغا يېقىنلاپ قالىدۇ. شۇڭا ھايا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىمدۇر. ھەممىمىز ھايالىق بولايلى.

بىلىم، ھۈنەر ھېكمەت ئادەمنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. دۇنيادا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەسىلدىنلا ئوخشاش. ئۇلارنى بىر- بىرىدىن پەرىقلەندۈردىغان بەلگە پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ كىشنىڭ بىلىمنىڭ ئاز- كۆپلىگىدۇر. بىلىملىك ئادەملەر ھەر قانداق جايغا بارسا قەدىر- قىممىتى ئىگە بولىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەر ھەر قاچان خار ۋە ئېتىۋارسىز قارىلىدۇ. چۈنكى بلىملىك ئادەم گۈھەرگە بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. دەۋىرداشلىرىمىزدىن ئەقىل- پاراسەتتە ئىلىم- پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش، ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيتىگە ئىگە بولالماسلىقتىن ئارتۇق يۇقۇتۇش ۋە نومۇسلۇق ئىش بولماس. بىلىمسىزلىك بىزنى ئىنسانىي غوروردىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئادەم ھۈنەر، بلىم بىلەن ھەققىي ئادەمدۇر، بولمىسا ھەيۋاندىن قىلچە پەرقى بولمايدۇ. ئادەم كىيىم- كىچەك، چىراي- تۇرقى بىلەن ھېساپلانمايدۇ. ھەر قانداق شان- شەرەپ ۋە ئابروي ئىلىم ئارقىلىق تىكىلەنگەن شانۇ- شۆھرەتتىن يۇقىرى بولمايدۇ. ھەسرەت- نادامەت، يىغا- زارە بىزنى قىيىن، مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، دۇنيادىكى ھەر قانداق تەس تۈگۈننى پەقەت ئىلىم- پەنلا يىشەلەيدۇ، ئىلىم- ھۈنەرلىك ئادەم دۇنيادا ئەڭ قۇدىرەتلىك ئادەم ھېساپلىنىدۇ. ئىلىم- پەن ئالدىدا ھەر قانداق قۇدىرەتلىك بىر كۈچمۇ مەغلۇبىيەتچىدۇر. بلىمسىز، ھۈنەرسىز مىڭ ئادەمدىن بىلىملىك بىر ئادەم يۇقىرى تۇرىدۇ. ئىلىم- پەننىڭ خاسىيتىدىن بولغان. نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئىلىم- پەننىڭ خاسىيىتىدىن پايدىلنىپ، ياخشىلىق ۋە يۈكسەكلىكىنىڭ يولىنى تاپتى. دوستۇم تىرىشايلى، ئالدىمىزغا، دەۋرىمىزگە قارايلى. دەۋىرداشلىمىز بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە بەل باغلايلى.

ئەل ۋەتەن مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا مەنپەئەت كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، شەخسىي مەنپەت، كولكتىپ مەنپەت، يۇرت مەنپەئەتى، مىللىەت، ۋەتەن، خەلىق مەنپەئەتى، ئىنسانيەتنىڭ مەنپەئەتى، ئەل- ۋەتەننىڭ مەنپەتىنىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ. خەلىق مەنپەئەتىنى بىر دەريا دىسەك بىزنىڭ مەنپەتىمىز بىر تامچە قانغا ئوخشايدۇ، تامچە سۇ يەككە- يىگانە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. شۇڭا بىز ئۆز مەنپەئەتىمىزنى خەلىق مەنپەئەتى ئىچىدىن ئىزدىشىمىز، خەلىق مەنپەئەتىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيۇشىمىز لازىم. تارىختىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاو يۈكسەك، ئالىيجاناپ پەزىلەت سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلدى. نۇرغۇنلغان ئوت يۈرەك ئوغلانلار بارلىقىنى، ئۆز ھاياتىنى خەلىق مەنپەئەتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىدى. ئۇلار ئەڭ يۈكسەك تۇيغۇدا تۇرۇپ، ئۆز تەقدىرى بىلەن خەلىق تەقدىرنى بىر ھېساپلىدى، ۋەتەن ھەر بىر كىشىنىڭ ھايتلىق ماكانى، خەلىق بولسا مۇقەددەس ئانا ۋەتەن خاراپ بولسا، خەلىق خانۋەيرانچىلىققا ئۇچىرسا، بىزنىڭ تەغدىرىمىزمۇ ئېچىنشلىق بۇلدۇ. ۋەتەن تۇپرىقدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى بىر- بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ، ئۇلار قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس مۇناسىۋەتكە ئىگە. شۇڭا ۋەتەن، خەلق مەنپەئەتىنى ھەمدىن ئەلا بىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش ھەر بەر كىشنىڭ باش تاتتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر

ئۈمۈد، ئىرادە ئىنساننىڭ قانىتى ئۈمۈد ئادەمنى ياشاشقا ۋە كەلگۈسىگە ئنتىلدۈرىدۇ. ئادەمگە جاسارەت ۋە ئىشەنىچ بېغىشلايدۇ. ئۈنۈدۋارلىق ئىنساننىڭ ھاياتىلق يۇلىدىكى ئەڭ ياخشى يار- يۈلىگى ۋە ياردەمچىسى. ئۈمۈدلۈك ئادەمگە دۇنيادا قىيىن ئىشى بولمايدۇ، ئۈمۈدلۈك ئادەم نىشانغا يەتمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئادەم ئۈمۈدسىزلىك بالاسىغا گىرپتار بولسا ئۇنۇڭغا بۇ دۇنيا قاراڭغۇ بىلىندۇ. ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان ئادەملەردە ئىزدىنىش، تەپەككۈر قىلىش، تىرشچانلىق دىگەندەك روھى پائالىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەتراپىمىزغا قارىساق ئۇقۇشتىن زىرىكىۋاتقانلار، ئۆگىنىش خوشياقماي قانداقتۇر باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتقانلارنىڭ، ھەسرەت چىكىپ يۈرىدىغانلارنىڭ ئاساسىلىق روھى بېسىمى ئۈمىدسىزىلىك، چۈشكۈنلۈك، جۈرئەتسىزلىك، ئىرادىسزلىك ئىكەنلىگنى بايقايمىز. ئادەم مەلۇم بىر ئىشتا مۇۋاپقىيەت قازىنىشتا ئۈمىدىنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىرادە بۇلۇشى كىرەك. ئۈمۈدسىز ئادەمدە ئىرادە بولمايدۇ. ئىرادسىز ئادەملەر ئۈمۈدنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئادەمدىكى ئۈمىدىكە، مۇستەكەم ئىرادە، شىجائەت، ئىقتدار قۇشۇلىغاندىلا ئاندىن بۇنداق ئادەملەر قانات قۇيرۇقى يىتىلگەن قۇشتەك كۆكتە پەرۋاز قىلالايدۇ ۋە نىشانغا يىتەلەيدۇ. شۇڭا ئىنسان ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار بولىشى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇكەممەل ئىرادىسىنى ئۆزىدە تىكلىشى لازىم. دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشم، ئايىغى چىقمايدىغان يول يوق.گەپ بىزنىڭ ئۈمىدۋارلىغىمىزنى، ئىرادىمىز، غەيرىتىمىزنىڭ بار- يوقلىقىدا.

بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەيلى دۇنيادا ئىرىشىش ئەڭ قىيىن بولغان ئىش بىلىم ئىگەللەش، شۇڭا ئالىملار، دانشمەنلەر ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشلەردۇر. ئەتىراپىمىزدا ئالىملار ناھايتى ئاز بولۇپ ئۇلار گۆھەردۇر. بىلىملىك كىشلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ ئولار تاشتۇرۇ. گۆھەر بىلەن تاشنى پەرىق ئىتەلمىگەن ئادەمىنى ئەقىل ئىگىسى دىگىلى بولمايدۇ. تارىختىن بويان بىلىملىكلەر، ئۇستازلار ھۆرمەتلىنىپ كەلدى. چۈنكى قايسى ئەل بىلىملىكلەرنى ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىسە شۇ ئەل روناق تاپتى ۋە گۈلەندى، قايسى ئەلدە ئىلىم ئىگىلىرى خارلانغان بولسا شۇ ئەل خارالاشتى. پەلەكنى چاقى تەتۇر ئايلىنىپ بىلىمسىزلەر تۆردىن ئورۇن ئېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ساپ ئالتۇن لايدىنمۇ ئۆز تەقدىرى قىمتىنى يۇقاتمىغاندەك بىلىملىكە بەرگەن پەگا تۆرگە، بىلىمسىزگە بەرگەن تۆر پەگاغا ئايلىندۇ. بىز كىشلەرگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ بەستىگە كىيىم – كىچىكگە قاراپ ئەمەس ئۇنىڭ بىلىمگە قاراپ باھا بىرىشىمىز لازىم. ‹‹ قەلىبىڭ بىتىگە ئىلىمدىن بىر رەقەم چەككەن ئوستازلارنىڭ ھەق ھۆرمىتنى مىڭ تىللا بىلەنمۇ ئاقلاپ بولغىلى بولمايدۇ ››. ئۇلار بىزنىڭ يارامىلىق قىلىپ تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان يەردە بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىمسەك ئادىملىك بولمايدۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىردە ئۆزەڭمۇ ئۇستازلىق ئورنىغا ئىگە بۇلۇپ قالساڭ ئىلىىم ھېكىمەتتىن تىكىلگەن ھۆرمەت ھەيكىكلىنى كىبىرلىك تۇپانى بىلەن غەرىق قىلمىغىن. ھاكاۋۇرلۇق قەدىر- قىممەت يىلتىزنى قۇرىتىدۇ. كەمتەرلىك ھۆرمەت دەرىخىنى ياشارتىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەيدىمىزنى قانچە كىرىسەك شۇنچە سەت كۈرنىمىز، قانچە كىچىك پئېل بولساق شۇنچە سۈيۈملۈك كۈرۈنىمىز. دۇنيادا كەڭ جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن ئارتۇق بەخىت ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈشتىنمۇ ئارتۇق بەخىتسىزلىك يوق. ھۆرمەتكە مۇيەسسەر بۇلۇش ئۇنچە ئۇڭاي ئەمەس لېكىن ئۇنى يۇقۇتۇش بەكمۇ ئۇڭاي شۇڭا ئۆزىمىزنى كەمتەر تۇتۇپ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگۈنەيلى ئالىملارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەيلى ئۆزىمىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىندىغان كىشلەردىن بۇلايلى.

تازلىق ۋە سالامەتلىك تەن ساقلىق زور بايلىق ھەم بەخىتتۇر. ساغلام بەدەن كۈچ قۇدىرەت شىجائەت ۋە جاسارەتتۇر. كىسەللىك بولسا جاننىڭ تۇزىقى كۇچ. قۇدرەتنى خوراتقۇچى گۈلدەك رۇخسارىمىزنىڭ بىزدىن يىراقىلشىشدۇر. كېسەلنىڭ ياخشسى ئۈلۈمنىڭ نىسىسى بولمايدۇ. شۇڭا تەن ساغلاملىقىمىزنى ئاسرايلى. ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى سالامەتلىكنىڭ يەنە بىر ئاساسىى پاكىزلىقتۇر پاكىزلىق ئادەمدىن پاسكىنچىلىقنى ھەيدەيدۇ. كۆڭۈلنى روشەن قىلىدۇ مەينەتچىلىكتە جىسمىمىزمۇ، روھىمىزمۇ، ئەقلىمىزمۇ بۇلغىنىدۇر. پاكىزلىق پاكلىق بار يەردە سالامەتلىك بار بەخىت بار مەينەتچىلىكتە بەخىت ئامەت بىزدىن قاچىدۇ. پاكىز ئادەملەرنىڭ روھىمىز پاك بۇلىدۇ پاكىزلىقنى سۈيۈشنى ھاياتلىقنى گۈزەللىكنى سۆيۈش دەپ بىلەيلى. دۇنيادىكى ھەر قانداق مەدىنيەت گۈزەللىك ۋە پاكىزلىقنى ئالدىنقى شەرىت قىلغان بۇلىدۇ. تازلىقنى سۆيمىگەن يەردە مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. گۈزەللىكمۇ بولمايدۇ. ھاياتىمىزنى قەدىرلىسەك ۋە سۆيسەك تازلىقنى سۆيەيلى ئۆز ماكانىمىزنى پاكىز تۇتايلى. چۈنكى بىز بۇ زاماندا ياشايمىز، مەينەتچىلىكتىن قۇتۇلالمىغان ئادەم بۇ دۇنيادا بەخىت يۈزى كۆرمەيدۇ.
مەسئۇليەتچانلىق توغىرسدا
(قارغۇنىڭ شەھىرىگە بارساق كۆزىمىزنى قىسۋالمايلى) بىز مۇشۇ جەمىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنمىز جەمىئەتتەئورنىمىز، ھوقۇقىمىز بۇلۇپلا قالىماستىن بەلكى ئۆتەشكە تىگىشلىك مەسئۇليىتىمىز مەجبۇريىتىمىزمۇ بۇلىدۇ. جەمىيەتنىڭ ياخشى يامان بۇلىشى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە تەسىر كۆرسىتدىغانلىغى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە مەسئۇل بۇلۇپ قالماي جەمىئەتكىمۇ ئەتىراپىمىزدىكى كىشلەرگىمۇ مەسئۇل بۇلىشىمىز ياخشى ئىشلارنى قوللاپ قۇۋەتلەپ قالماي يامان ئىشلارنىمۇ تۇسشىمىز، ئۆزىمىزدە بولسا تەنقىدى تەربىيەنى قۇبۇل قىلىپ باشقىلاردا بولسا تۇزىتىۋېلىشقا سەمىمىللىك بىلەن ياردەم بىرىشىمىز كېرەك. ياشاش جەرياندا ھىچكىم ھىچكىم بىلەن كارى بولمىسا جەمىئەت جەمىئەت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا بۇلۇپ يامانلار كۆپۇيىدۇدە ياخشلارغا كۈن بولمايدۇ. جەمىئيەتتىكى ھەر بىر ئادەملەنىڭ مەنپئەتى باشقىلار بىلىەن چەمبەرچاس باغلانغان بىر ئادەمنىڭ ناچارلىقى پەقەت ئۆزى بىلەنلا كەتمەيدۇ بەلكى پۈتۈن جەمىئەتنىڭ نۇرمال تەرتپىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جەمىئيەتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز- ئۆزىگە مەسئۇل بۇلىشنىلا ئەمەس باشقلەرغىمۇ مەسئۇل بۇلىشى قول قوشتۇرۇپ بىر كىشلىك بۇلۋالماسلىق يامانچاق بۇلشىدىن قورقماسلىىقتەك مەسئۇليىتىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىدۇ ھەر قانداق ئادەم ئۆزىمىز ۋە باشقىلارغا قارتا تەلەپچەن ۋە مەسئۇليەتچەن بۇلۇپ ياخشى جەمىئيەت مۇھىتى بەرپا قىلىشى لازىم.

بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما ھاياتلىق دۇنياسى نۇرغۇنلىغان بۈگۈنلەردىن تەشكىل تاپقان بۇلىدۇ. بۇۋاقىتىن مۇستەسنا تۇردىغان ھىچقانداق شەيىئى يوق ۋاقىتنى ھىچقانداق نەرسە بويسۇندۇرالمايدۇ. ۋاىەتبە ئالەمدىكى ھىچقانداق نەرسىنىڭ قىمىمتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت ھەر قانداق قىممەتلىك نەرسىنىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ، يۇقىتالايدۇ ۋە ئادەمنى ھاڭ تاڭ قالدۇردىغان مۆجىزىلەرنى ياىتالايدۇ، گەرچە ۋاقىتنىڭ كۈچ قۇدىرىتى چەكسىز بولسىمۇ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرلا ئامالى بار. ئۇ بولىسمۇ بىزگە نىسىپ بولغان ھاياتلىق پۇرستىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ۋاقىتنى كونترۇل قىلىش، ئىنسانيەت تارىخىدا نۇرغۇن كىشلەر ياشاپ ئاخىرىدا توپىغا ئايلاندى، پەقەت بۇلار ئىچىدىكى ئاز ساندىكى كىشلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنسانيەت ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئەبەدىل مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقچى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانيەتتكە بەخىت يارىتىپ كەتتى. ئىنساننىڭ ئۆلىشى مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت، بىراق ئۆلۈمىمىز ئىككى خىل بۇلىدۇ، بىرى يۈز ياشقا كىرىپمۇ، تۇغۇلۇپلا ئۆلگەن بۇلىدۇ. يەنە بىرى 30- 40 ياشلارغا كىرىپ ئۆلىسمۇ مەڭگۈلۈك ياشىغان بۇلىدۇ. شۇنداق ۋاقىت بەخىت يارىتالمايدۇ، بەخىت يارىتىش ۋاقتى ئېتىنى ياخشى يولغا سالغان كىشلەرنىڭلا قولىدىن كىلىدۇ. ۋاھالەنكى ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. بۈگۈن ھەرگىز تۆنۈگۈننىڭ تەكىرارلىنىشى ئەمەس، ئەتىگە ۋاقىت قانۇنيىتىنى چۈشەنگەن بولساق بۈگۈننى قەدىرلەيلى. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتگە قويساق ھېچ نەرسىگە ئۈلگۈرەلمەيمىز، نادامەت بىلەن ئۆمىرىمىز خازان بۇلدۇ. ۋاقىتنى پۇرسەت، ۋاقىتنى قىممەت، ۋاقىتنى بايلىق دەپ بىلەيلى، ۋاقىت چەكسىز بولغۇنى بىلەن بۈگۈن چەكىلىك، پۇرسەت ئەنە شۇ بۈگۈننىڭ ئىچىدە بۇلىدۇ. پۇرسەتنى قۇلدىن بىرىپ قۇيۇش ھاياتتكى ئەڭ چوڭ مەھروملۇقتۇر. پۇرسەت كەتسە بېشىمزنى تاشقا ئۇرساقمۇ ئۇ قايتىپ كەلمەيدۇ، شۇڭا ئىشنى ئەتىگە سۇزمايلى، بۈگۈندىلا باشلايلى.

ئانا تىل تىل ئادىميلىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى، ئانا تىل بىزنىڭ قېنىمىز ۋە جېنىمىزدۇر. ئاناتىلىدىن ئايرىلىش ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يۇقۇتۇش، بىر مىللەت پەقەت ئۆزنىڭ ئانا تىلى ئارقىلىقلا مىللەت بۇلالايدۇ ۋە باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرالايدۇ. ئانا تىلى ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى، ئانا تىلىمىز غايەت زور ئىپادىلەش كۈچى ۋە بەدىئىي قممەتكە ئىگە تىلىكى بۇ تىل ئارقىلىق ئاجايىپ بۈيۈك ئۆلمەس ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئانا تىلدنى ياتلىنىش ئۆزىمىزىدىن، مەدەنيىتمىزدىن، ئەجدادلىرىمىزدىن ياتلىششدۇر. ئانا تىلىدىن يۈز ئۆرۈش مىللەتكە قىلىنغان ئەڭ چۇڭ ئاسىيلىق، ئانا تىلىنى كەمسىتىش مىللەتكە قىلىغان ھاقارەتتۇر. دەۋىر تەرەققى قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەزى كىشلىرىمىز كۆپ تىللىق بولۇش تەشەببۇسىنى قانداقتۇر ئانا تىلنى ئۆگەنمەسلىك دەپ چۈشۈنۋېلىپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى كەمسىتىشكە باشلىدى. ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى باشقا تىللاردىن تۆۋەن چاغلايدىغان بولىۋالدى. كۆپ تىللىق بولۇش ئەلۋەتتە ئانا تىلنى پۇختا بىلىش ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئۆز ئانا تىلىنى كەمسىتكەن، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگەنمىگەن ئادەملەرنىڭ باشقا تىللارنى تىرىشىپ ئۆگىنەلىشى ۋە ئۇنىڭدىن نەتىجە قازىنالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنەيلى، پەخىرلىنەيلى، مەيلى نەچچە تىلنى بىلىپ كەتمەيلى، مەتلى قانچىلىك ئادەم بولۇپ كەتمەيلى ئانا تىلىمىزنى ھەممىدىن بۈيۈك بىلەيلى. 
يېڭى شەيئىي يېڭىلمەستۇر( دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشايلى) دوسىتلار يېڭىلىق ئىزدەيلى، ئۆزىمىزنى يېڭىلايلى، ئادەم پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىشى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلدى. ئىنسانلار ئۆزلىكسىز ئۆزىنى، تۇرمۇشىنى، ئېڭىنى يېڭىلاپ تەرەققى قىلىپ كەلدى، ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كونا سىياسي تۈزۈمنىڭ ئورنىغا يىڭى سىياسي تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت قارىشىنىڭ ئورنىغا يېڭى مەدەنىيەت قارىشى، كونا ئاڭنىڭ ئورنىغا يېڭى ئاڭ، كونا شەيئىنىڭ ئورنىغا يېڭى شەيئى ئالمىشىپ تۇردى، بۇنداق ئالمىشىش ۋە يېڭىلىنىش بىرەر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق، كىشىلىك تۇرمۇشقا نەزەر سالدىغان بولساق جۇل- جۇل كىيىمنى دەستەك قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن دىۋانىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا يېڭى كىيىم كىيىپ، ھۇزۇرلۇنۇشنى خالىمايدىغان ئادەم ئاز ساندا، يېڭى شەيئى كىشلەرگە يېڭى ھۇزۇر ۋە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. ئىنسانىيەت ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاپ تەرەققى قىلمىغان بولسىدى ھازىرمۇ كونا تاش قۇراللار دەۋىرىدە ياشىغان بولاتتۇق، شۇڭا تەرەققى قىلىش، يېڭىلاش ئىنساننىڭ تەبئىي خۇسۇسيىتى. دۇنيا تەرەققى قىلىپ 21- ئەسىرگە كەلگەندە ئىنسانلار بۇ نوقتىنى تېخىمۇ تولۇق تۇنۇپ يىتىشكە باشلىدى. ھازىرقى رىقابەت ۋە تاللاش شۇنداقلا شاللىنىش خەۋىپى، ئىلىم- پەننىڭ ئۇچقاندەك تىز سۇرئەتتە تەرەققى قىلىشى كىشلەرنىڭ زامان ۋە دەۋىرىگە لايىقلىشىش تەلىپى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچەيدى. بىز دەۋىرگە ماسلىشىشىمىز، مەغلۇبىيەتچىلەر بولمايمىز دەيدىكەنمىز ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىشىمىز، ئۆز- ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

ۋىجدان ئىنسانلىق بەلگىسى ۋىجدان ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئەخلاق- پەزىلەتلەرنىڭ ئىپادىسى . ۋېجدان قانۇن، ۋېجدان پەزىلەت ۋە مەدەنيەتتىن يۇرىغان چىراق، ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەقىل دانىشمىنى ۋە ئەخلاق قازىسى. ۋىجدان پاك ئالىيجاناپ مۇقەددەس كۈچ. ھەققى ۋىجدانلىق كىشلەر جەمئيەتتە ئاق- قارىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ، ئادالەتنى ياقليالايدۇ، كىشلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلەيدۇ، ۋېجدانسىز كىشلەر روھى زەئىپ، ئشەنچىسىز، چۈشكۈن، باشقلارغىلا ئەمەس ئۆزىگىمۇ توزاق قۇرغۇچى كىشلەردۇر. ۋېجدانلىق كىشلەرنىڭ ئەل جامائەت ئىچىدە يۈزى يورۇق، سۈزى ئۆنۈملۈك، يولى ئوچۇق، پائالىيەتلىرى مەنپەئەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ۋېجدانلىق بولۇش ئىنسان ئۈچۈن ئۇلۇغ شۆھرەت ۋە ئىناۋەتتۇر. ۋېجداننىڭ چىرىكلىشىشى ئەخلاق يۇلۇققان ھايات- ماماتلىق بوھرانى بولۇپ، بۇنداق چىرىكلكنىڭ كېڭىيىپ بېرىشى مىللەت ۋە جەمئيەتنىڭ كامالەت يولىدىن ھالاكەت يولىغا قاراپ، يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر. ۋېجدانلىق كىشلەر ئەقىل- پاراسەت، مۇكەممەل خاراكتىر، ئۆز- ئۆزىگە تەلەپچانلىق بىلەن ياشايدۇ. ئۇلار ھەر دائىم باشقىلاغىمۇ ئۆزىگىمۇ مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قلىدۇ. ۋېجدانلىق كىشلەر ئىلىم- مەرىپەت ئىگەللەشكە ئىنتىلدۇ، ۋېجدانسىز كىشلەر ئۆتكۈر ئەقىلگە ۋە ھەققى بىلىمگە ئىرىشەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار مەرىپەتتىن ۋە ھەققەتنىڭ جازاسىدىن قورقىدۇ. ۋېجداننى يوقاتقان ئادەم ئالتۇندىن تاج كىيسىمۇ ھالاكەت ھېڭىغا دوملاشتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، شۇڭا ئادەم ۋېجدان بىلەن ياشىشى، ۋېجداننى ئىنسانلىق بەلگىسى قىلىش لازىم. 
رىقابەت ۋە تەرققىيات رىقابەت جەمئيەت تەرەققياتنىڭ ئاساسى. ھەر بىر كىشنىڭ ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ، رىقابەت بولمايدىكەن جەمئيەت تەرەققى قىلمايدۇ، ھەرقانداق بىر كىشىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا رىقابەتچىنىڭ بولىشى شۇ ئادەم ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق. رىقابەتچىسى بولمىغان كىشلەر ئەڭ ئىقتىدارسىز ئاجىز كىشلەردۇر. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان كىشى بىلەن بەيگىگە چۈشكىسى ، كۈچ سناشقسى كەلمەيدۇ. لېكىن جەمئيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەر رىقابەتتىن ئىبارەت ئادىل بەسلىشىش كۈچ سىنىشىش، ئۆز- ئۆزىنى دەڭسەپ، كۆرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىۋالدىمۇ قانداق، ئۇنى زىدىيەتلىشىش، دۈشمەنلىشىش، ھەسەتخورلۇق بىلەن ئارلاشتۇرۋېتىپ، ئۆز- ئارا ئارازىلىشىپ، قىلغان ئىشىدىن نەتىجە قازىنالمايلا قالماستىن ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆزىگمۇ، باشقىلارغىمۇ زىيان سالىدۇ. رىقابەتلىشىش ھەرگىزمۇ دۈشمەنلىشىش ئەمەس، بەلكى بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ئۆز- ئۆزىنى سىناش، ئارتۇقچىلقلارنى ئۆگىنىشتۇر. ھەرقانداق رىقابەت مۇشۇنداق مەقسەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغان بولسىلا ئۇنىڭ شەخسىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى كۈچەيتىشى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىدە زور رولى بار. دوستلار يېڭى دەۋىر كىشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ رىقابەتلىشەيلى رىقابەت ئارقىلىق زامان ۋە دەۋىرگە ماسلىشايلى. مېھىر- شەپقەت ئىنسان پەيدا بولۇشتىن تارتىپ تاھازىرغىچە ياڭراپ كىلىۋاتقان گۈزەل مىلودىيە. قاقاس دالىدىكى قۇرۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان ئۈسۈملۈككە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى باھار يامغۇرى، چاڭقاق دىللارنى ياشناتقۇچى مۇزدەك بۇلاق سۈيى مېھىر- شەپقەت ھاياتنىڭ، ئالەمنىڭ بىزەك زىننىتى، ئالەم مېھىر- شەپقەت بىلەنلا گۈزەل. ھاياتتا مېھىر- شەپقەت، كۈيىنىش، سەمىمىي ياردەم قىلىشلا بولمىسا ئىدى جاھاننى قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت قاپلىغان بولاتتى. زامان تەرەققى قىلپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەزى كىشلەر ماددى مەنپەئەتكە بەكراق بېرىلىپ كىتىپ، مېھر- شەپقەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قۇيغان بولسىمۇ لىكىن ئاينىڭ يۈزىنى بۇلۇت ئەبەدىل تۇسۇپ قالالمىغانغا ئوخشاش بۇ خىل ناچار ئەھۋال ھاياتلىقتىكى مېھىر- شەپقەتنىڭ، كۈيىنىش، ئىللىقىلقىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلالمىدى. ساخاۋەتچى، مەرىپەتپەرۋەر نۇرتاي ھاجى، ئامىنە خانىم، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان يۈز ئۇلۇغ ئانا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئالىيجاناپ كىشلەر ئوتتۇرغا چىقىپ، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلدى. ئۆز پۇلى ئارقىلىق مەكتەپ سېلىپ، مىللىي مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن چىكىنىش ئالدىدا تۇرۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ئوقۇش پۇرىسىتى يارىتىپ بەردى. پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ۋە يرانچىلىققا ئۇچىرىغان كىشلەرگە ھەر مىللەت خەلقى يۇرىت، مىللەت ئايرىماي ياردەم قۇلىنى سۇندى. ئۇلار يۇقارقى ئىش- ئىزلىرى بىلەن مېھىر – شەپقەت بابىدا يېقلماس ئابىدە تىكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە تەشەككۇرىغا سازاۋەر بولدى. كىشلىك ھايات يولى ئەگرى –توقاي، ئۇنىڭدا خوشاللىق بىلەن قايغۇ تەڭلا مەۋجۇت، يىغلىغانلارنىڭ مەڭگۈ يىغلاپ قېلىۋېرىشى، كۈلگەنلەرنىڭ مەڭگۈ كۈلۈپ ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس، بەختلىك خوشاللىق كۈنلىرىمىزدە باشقىلارنى خوشاللىقىمىز ۋە بەختىمىزدىن تەڭ بەھرىمان قىلساق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايغۇمىزغا ئورتاقلىشىدىغان ئادەم تاپالايمىز. باشقىلارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلاشساق ، قايغۇنى تېزلىكتە خوشاللىققا ئايالاندۇرالايمىز ۋە ئۆز قەدىر – قىممىتىمىزنى ئاشۇرالايمىز. شۇڭا مېھىر- شەپقەتلىك بولايلى، باشقىلاردىن ياردىمىمىزنى ئايىمايلى.

سەل قاراش مۇۋەپپەقيەت قازىنىشنىڭ دۈشمىنى ئادەم ھامان غەلبىگە ئىنتىلگۈچى: لىكىن ھەمىلا ئىشلار كۈتكەن يىرىمىزدىن چىقىۋەرمەيدۇ. بىز ھاياتنىڭ رەڭدار مەنزىللىردە بەزىدە غەلبە تەنتەنلىرىدىن مەس بولساق، بەزىدە ئاچچىق قىسمەتلەردىن ياش تۆكىمىز، ئەمما تەمكىنلىك بىلەن ئويلاپ باقىدىغان بولساق ھاياتتىكى ئوڭۇشىسىزلىقلارنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىمىزدىن تاپالايمىز. بىز ھەر بىر قەدىمىمىزنى ھاياتلىققا بولغان يۈكسەك مۇھابەت ۋە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن تاشلىساق، ھاياتقا ئەستايدىل، سەمىمى مۇئامىلە قىلساق ھاياتىمىزدە جەزمەن پارلاق ئاچالايمىز. ھاياتىمىز بىزگە كۆلۈپ باقىدۇ. ھاياتقا پەرۋاسىز، بىخەستەلەرچە مۇئامىلە قىلساق ھاياتمۇ بىزنى شاللىۋىتىدۇ. كىشلىك ھايات نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۇرمۇش دېتاللىتىدىن مۇجەسىسەملەنگەن بۇلدۇ. بىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش – قازىنالماسلىقىمىز دەل شۇندق ئىنىچكە ھالقىلارغا دىققەت قىللالماسلىقىمىزدا، ھاياتانىڭ رېتىمىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ياندىشىمىز ياكى سەل قارىغانلىمىمىزدا شۇنداق ديشكە بولىدۇكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ دۈشمىنى سەل قاراش ئادەتتە كۆندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە بۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. بەزىلىرىگە ئوبىكىتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەل قاراپ قالىمىز. ھالبۇكى مەلۇم كۈنلەردىكى بۇ سەل قاراش بىزنى تامچە مەغلۇبىيەت ۋە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىرتىدۇ. تۆگىمەس پۇشايمانغا، ئاۋارچىلىققا قالدۇرىدۇ. مەن نۆۋەتتە بىر مىسال سۆزلەپ بىرەي: ‹‹ بىر ئادەم ئوغلى بىلەن شەھەرگە يول ئاپتۇ، يولدا نۇرغۇنلىغان تاشلار بولۇپ، دادىسى ئوغۇلىغا بۇ تاشلاردىن ئازراق ئېلۋاپتۇ. شەھەرگە كىرگەندە بۇ تاش كۈمۈش ياماققا ئايلىنىپ قاپتۇ. دادا بىر ياماققا جىگدە ئېلىپ شەھەردىن قايتىشتا جىگدىسنى يىگەچ مېڭىپتۇ. ئوغلى جىگدىدىن ئازراق بىرىشنى ئېيتقاندا دادا جىگدىنى يەرگە تاشلاپ مېڭىپتۇ. ئاچ ئوغۇل جىگدىنى يەرگە نەچچە ئېڭىشىپ تىرىپ يەپتۇ. ›› بۇ مەسەلدىن كۆرۋېلىشقا بۇلدۇكى بىر قېتىم ئېڭىشىشكە سەل قارىغان ئوغۇل سانسىز قېتىم ئېڭىشىشىكە مەجبۇر بولغان. ھاياتمۇ شۇنداق مەلۇم نەرسىگە سەل قارىساق نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم قالىمىز. سەل قاراش مۇۋاپىقيەت قازىنىشنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى قەدىمى زاماندىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. بىز ئۇيغۇرلاردا ‹‹ كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چۇماق ›› دەيدىغان گەپ بار. بۇمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ بولماستىن بەلكى ئەڭ ئۇششاق مەسىللەرگىمۇ سەل قارىماسلىقمىزنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق ئۆز دەۋىردە سەلتەنەت سۈرگەن نۇرغۇنلىغان ئىمپىراتۇر، خان، پادىشاھلىقلارمۇ سەل قاراشتەك نىشان پىسخىكىسدىكى ئىبلىز دۈشمەننىڭ ئېزىقتۇرشى ئارقىسىدا بىخۇتلىشىپ، ماددى مەئىشەتكە بىرلىپ گۇمرانلىققا يۈزلەنگەن. مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقيەتنىڭ ئاساسىي، لېكىن ئۆزىمىز ھاياتقا ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلماي سەل قاراش تۈپەيلىدىن غەلبىدىن مەھرۇم بولسا بۇ بىزنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. دوسىتلار بىز ھاياتنى سۈيەيلى دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس دەۋىر نوقتىسىدىن، ئەجدات، ئەۋلات نوقتىسىدىن سۈيەيلى. بىز ھاياتقا سەل قاراش، بىخۇتلۇق، بىخەستىلىك نوقتىسىدىن ئەمەس، سەممىي ھېسيات ئەستايىدىل پوزۇتسىيە بىلەن سۈيەيلى. بىز ھاياتنى تاشلىۋەتمىسەك ھايات بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ھەر بىر تىنىقىمىزدا ھاياتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ھاراھەت بىرەلىسەك، مۇۋاپىقيەت بىزگە كەڭ قۇچاق ئېچىپ، بەخىت قىز قۇچىقمىزداناز بىلەن كۈلىدۇ. بىز مۇۋاپىقيەت چۈشىنى ھاياتقا سەل قاراشتەك بىخۇتلۇق ھالىتىدە كۆرمەيلى. بەلكى ئەستايدىل پۇزۇتسىيە، جددى مۇئامىلە، تەخىرسىزلىك ھالىتىدە كۆرەيلى، بولمىسا سەل قاراش مۇۋاپىقيەتنىڭ گۆركارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

يەر شارىنى قوغدايلى دۇنيا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە موھىت مەسىلسى پۈتۈن ئنسانىيەت كۆڭۈل بۈلىدىغان جىددي مەسىلگە ئايلاندى. موھىت ئېغىر دەرىجىدە بولغۇنۇپ، ھەرخىل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەر ئارقا- ئارقىدىن يۈز بىرىپ، ئنسانىيەت ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. موھىتنىڭ بولغىنشى ئنسانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەرخىل خەۋىپ، تاسادىپىي يۈز بەرگەن ھادىسە بولماسىتىن تىگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ خىل بالايى-ئاپەتنى ئنسانلار ئۆز قولى بىلەن تېرىدى. سانائەت ۋە پەن-تېخنكنىڭ تەرەققىي قىلىشى جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسمۇ موھىتنڭ بولغنىشدىكى ناچار ئامىللارنىمۇ پەيدا قىلدى. سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز داشقال ھاۋانى، تۇپراقنى، سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇدى. خېمىيلىك تەركىپلەردىن تەشكىل تاپقان كۈندىلىك ئىستىمال بۇيۇملىرى ئنسانلاردا ھەر خىل كىسەللىكلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئاتوم فىزىكسىدىن پايدىلنىپ ياسىغان يادرو قۇراللىرنىڭ ئشلىتلشى ھاۋا،سۇ، تۇپراق، ئۈسۈملۈكلەرنى ۋە باشقا جانلىقلارنى زور دەرىجىدە زەھەرلىدى. نۇپۇسنىڭ كۆپيىشى يەر شارىدىكى ئاشلىق، سۇ ۋە باشقا ئستىمال بۇيۇملىرنىڭ يتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئنسانلارنىڭ يەر شارىغا بولغان يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. ئنسانلار كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ، ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، قىزىلما بايلىق مەنبەلىرنى بۇزغۇنچىلققا ئۇچىرىتىش، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئنسانلار بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتقان تەبىئەت بايلىقلرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. سۇ مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماسلىق ۋە قوغدىماسلىق، ھاۋانىڭ ھەدىدىن زىيادە ئىسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئانا دەريا تارىمنىڭ سۈيى ئازلاپ، لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتتى. ئېفىنور كۆلىمۇ قۇرۇشقا باشلىدى. ئەگەر بوخىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئنسانلار يەر شارىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ھاياتىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلۋېتىدۇ. دوستلار يەرشارىنى قوغدايلى، ئۆزىمىزنى ئاسىرىماقچى، سۆيمەكچى بولساق يەرشارىنى ئاسىرايلى ۋە سۆيەيلى!

پۇل ۋە مېھىر مۇھەببەت ئادەم ماددى ۋە مەنۋى مەۋجۇدات بولغانلقى ئۈچۈن ئۇ ماددى ۋە مەنىۋەرسىگە تەڭ ئېھتياجلقدۇر. ئەگەر بۇ ئىككىسىدىن بىر كەم بولسا ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرستىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئادەمنىڭ ماددى ئېھتىياجى پۇل ئارقلىق پالەتكە ئىگە بولسا مەنىۋى ئېھتىياجى ئادىمىيلىك بەلگىسى بولغان ئەڭ ئالىيجاناپ ئەخلاقى پەزىلەت، مېھر-مۇھاببەت بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىراق جەمئيتىمزدىكى بىر قسىم كىشلەر ئۆزىنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، پۇل تېپشقىلا بېرىلىپ « ئىت بول،. ئىشەك بول پۇل تاپ»، « پۇل بولسا جاڭگالدا شۇرپا» دىگەن قارشىنى ئۆزنىڭ جان بېقىش شۇ ئارىغا ئايلاندۇرۋېلىپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدى. پۇل ئۈچۈن غورۇر ۋە ۋىجدانىنى دوغا تىكتى. پۇل ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم، پۇل بولمىسا ۋېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق پۇل، مال- دۇنياغا ھەدىدىن زىيادە ئۆزىنى ئورۇش ئىنساننى ماددى جەھەتتىن باي- باياشات قىلالغىنى بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن گادايلاشتۈرۋېتىدۇ. پۇل ئۈچۈنلا ياشىغان كىشلەر دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۈتۈپ، قەلىن ئارامى بۇزۇلىدۇ، باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى چوڭىيپ، ئارلقى بارغانسىرى يېراقلىشىدۇ. كىشلەر بىلەن مۇناسۋەتىنى پايدا-زىيان بىلەن ئۆلچىگەنلكتىن بۇنداق كىشلەر ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ ۋە ھېچكىمنىڭ ئىشەنچىسگە ئىرشەلمەيدۇ. پۇل ئۈچۈن ياشاش ۋە بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ۋاستىسى لىكن ئۇ بەخىت ئەمەس، ھەققى بەخىت ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ مۇكەممەل تۇيۇنۇسىدۇر. « كونىلار مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن» دەپ ناھايتى توغرا ئېيتقان. پۇل ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىنى سېتۋالغىلى بولسىمۇ لىكىن مېھىر-مۇھاببەتنى، ھەققى چىن، سەممىي ھېسياتىنى سېتۋالىغلى بولمايدۇ. ھەققى بەخىت تۇيغۇسىنى ھېس قىلىدىغان ئادەم پۇلدار ئادەم ئەمەس، ھەممە ئادەمىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە، سۈيۈنىشىگە ئىرىشەلەيدىغان ئادەمدۇر.

زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق
(تاغ بۇياققا كەلمىسە، بىز ئۇ ياققا ئۆتەيلى.) ياشاش جەرىيانىدا ئىشىلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بۇلىۋەرمەيدۇ، مۇشاققەتكە، توسقۇنلىققا دۇچ كەلمەي قالمايىمىز. ‹‹ مىخقا ئۈسىۋالىدىغان چاغىلىرىمىزمۇ بۇلىدۇ››. رىۋايەت قىلىنىشىچە بىر ھەزىرتىم نەچچە ئون يىلىغىچە‹‹ تاغ يۆتىكەش گۇمپىسى›› نى مەشىق قىلىپتۇ. رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى سىزنىمۇ، مىنىمۇ چوڭقۇر ئويىغا سالىدۇ. دۇنيادا ئەسىلىدە ھېچقانداق تاغ يۆتىكەش گۇمپىسى بولغان ئەمەس، تاغ يۆتىكەشنىڭ بىردىن- بىر ئۇسۇلى شۇكى تاغ بۇياققا كەلمىسە، مەن ئۇ ياققا ئۆتىمەن. رىئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشىلار ‹‹ چوڭ تاغ›› قا ئوخشايدۇ، بىز ئۇنى ئۆزىگەرتىشكە قادىر ئەمەسمىز. ھېچ بولىمىغاندا ھازىرچە ئۆزىگەرتىشكە ئامالسىزمىز. تاغ يۆتىكەش گۇمپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى ئەگەر ئىشنى ئۆزىگەرتەلىمىسەك ئۆزىمىزنى ئۆزىگەرتەيلى. باشىقىلارنىڭ بىزنى ياقتۇرمىغانلىقى بىزنىڭ باشىقىلار ياقىتۇردىغان دەرىجىگە يەتىمىگنلىكىمىزدۇر. باشىقىلارنى قايىل قىلالىمىغانلىقىمىز، باشىقىلارنى قايىل قىلىغۇدەك ئىقىتىدارنى يىتىلىدۈرەلىمىگەنىلىكىمىزدۇر. بىز بىرەر ئىشنى ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىگەرتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى ئۆزىگەرتەلىسەكلا ئۆزىمىزگە تەئەللۇق دۇنىيانى ئۆزىگەرتەلەيىمىز. بىز ھەر ۋاقىت تاغنىڭ كىلىشىنى كۈتمەي ئۆزىمىز تاغ تەرەپكە ئۆتەيلى.

پۇرسەت ۋە تىرىشچانلىق پۇرسەت چاققان ۋە تىرىشچان كىشىلەرگە مەنسۇپ تالانت ئىگىسى بۇلۇشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا تىرىشچانلىق، ئىرادە، ئۇسۇل تۇلىمۇ مۇھىم دەرۋەقە پۇرىسەتمۇ ئۇنىڭ سىرىتىدا ئەمەس پۇرىسەت تىرىشچان كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈدۇ. پۇرىسەتنى ساقىلاپ ئولتۇرۇشقا بولىمايدۇ ئۇنى يارىتىش لازىم ‹‹ ئۈژمە پىش ئاغىزىمغا چۈش›› دەپ پۇرىسەت كۈتۈپ يېتىۋىرىش ئەخمەقلەرنىڭ ئىشى. كۆڭۈلدىكىدەك پۇرىسەت ھەممىگە ئۇچۇرشى مومكىن. تىرشچان ئەقىلىق كىشىلەر پۇرىسەتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كەلگەنلىكنى بايقىيالايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن پۇرسەت داۋاملىق كىلۋاتقاندەك بۆلىندۇ. ئىرادىسىز بوشاڭ كىشلەر پۇرھەت كىلگەنلىكىنى بايقىيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايدۇ نەتىجىدە ئۇلار ئۈچۈن پۇرسەت مەڭگۈ كەلمەيۋاتقاندەك بۆلىنىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ياشلىق باھارىمىز بىلىم ئىگەنللەشنىڭ ئەڭ ياخشىسى پۇرسىتى ھاياتلىقتا بەزى پۇرسەتلەر ھەممە ئادەملەرگە ئورتاق كەلمىگنى بىلەن ياشلىق دەۋرىمىز ھەممە ئادەملەر ئورتاق مەنسۇپ بولغان ئەڭ قىممەتلىك پۇرسەتتىن ئىبارەت. بىز ياشلىق باھارىمىزنى قەدىرلەپ ئۇنى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلۋەتمەي تىرىشىپ ئۈگەنسەك پۈتۈن ھاياتىمىزدا ئىرىشككە تىگشلىك بارلىق پۇرسەتنىڭ تەڭدىن تولىسىغا ئىگە بولغان بۇلىمىز شۇڭا بىز مەكتەپ ھاياتىمىزنى، قىممەتلىك ياشلىق باھارىمىزنى قەدىرلەپ، كىيىنكى ھاياتىمىزنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.

گۈل زىنىتى ياپراق، ئادەم زىنىتى ئەخلاق گۈل ياپرىغى بىلەن گۈزەل بولغىنىدەك ئادەم ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن گۈزەلدۇر. ھەربىر ئادەمنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە گۈزەللىكى ئۇنىڭ تەرقى- تۇرقى، كەيگەن كىيمى، چىرايلىق ياسىنىشى بىلەن ئەمەس ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە بىلىمى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەخلاق ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى يەربىيلىنىشى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ بىرخىل ئىپادىسى، ئۇنىڭغا گۈزەللىك، ياخشىلىق، راستچىللىق، سەممىيمىلىك، غورور، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى قەدىرلەش ۋە سۈيۈش قاتارلىق تەرىپلەر مۇجەسسملەنگەن ئەخلاق ئادەمنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. جەمئىيتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەر ئۆزىگە ھەققى زىننەت بەرگۈچى نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگنى بىلمىسە كېرەك، ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتىنى ئۇيۇن، تاماشا سورۇنلىرىدا ۋە ئەينەك ئالدىدا ئۆتكۈزىدۇ. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بىلىم ئىگەللەپ، ئۆز- ئۆزىنى كۈچەيتىشكە قىلچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىدىن ماختىنىپ يۈرۈيدۇ. تاپتىن چىقىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە جامائەت ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلىدۇ. ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەلىپ: مەرىپەت ئىزلە ئىرىنمە، سەرىپ ئەتكىن كۈچۈڭنى. بۇياق بىلەن بۇيىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچڭنى. دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنىڭ بىردىن- بىر زىننەتنىڭ بىلم، ئەخلاق ئىكەنلىگىنى ئاللىبۇرۇن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئادەم ياشاش جەريانىدا قارا قاشلاردىن، گۈزەل چىرايدىن، كىلىشكەن قامىتىدىن ھامان ئارىلىدۇ، پەقەت ئاخلاق ۋە ئەقىل- پارەسەتلا ئۇنىڭغا ئەبەدىل ھەمراھ بۇلۇپ، ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى ، ئىنسانلىق قەدىر- قىممىتىنى تۇللۇق تۇنۇپ ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى
( تىرشچانلىق ۋە مۇۋەپپەقيەت ) دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم قىلغان ئىشىدىن مۇۋەپىقىيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ، بىراق ھەممە ئادەمنىڭ مۇۋاپىىيەت قازىنالىشى ناتايىن، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتا نۇرغۇن تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللاردىن سىرىت ئەڭ مۇھىمى تىرشچانلىق، ئىزچىل ئىزدىنش ۋە قىينچىلىق، مەغلۇبىيەت ئالدىدا بەل قۇيىۋەتمەسلىك روھى بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق روھقا ئىگە كىشلەر قىلغان ئىشىدىن چۇقۇم مۇۋايىقىيەت قازىنالايدۇ. مەيلى دۇنيا مەيلى ئېلىمىز تەرىخىغا نەزەر سالايلى، بارلىق ئۇلۇغ كىشكەرنىڭ ھەممىسى ئىزچىل ئالغا ئىلگىرلەش، زور تىرشچانلىق، قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قۇيىۋەتمەسلىتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى ئارقىلىقلا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىز ئىچىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان دوكتۇرلار، كارخانىچىلار ۋە باشقا سەھەلەردە نەيىجە قازانغان داڭلىق شەخسلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ زور تىرىشاچانلىغىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، كونىلاردا ‹‹ تىرشچان تاغ ئاشار›› دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. تىرشچانلىق ئادەمنى مۇراد- مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ، قىينچىلىق ئالدىدا بەل قۇيىۋەتكەن، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، بىر ئىزىدا توختاپ قالغان، پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن ئادەم ئۆمۈر بۇيى نەتىجە قازىنالمايدۇ، دوستلار بىزنىڭ جەمىيەتتكى ئورنىمىز ۋە كىشلىك قەدىر- قىممىتىمىز بىزنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلىق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىمىزئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. ھازىرىقى يېڭىلىق، ئۇچۇر، كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت دەۋىرىدە تېخىمۇ شۇنداق. بىز زامانىمىزنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ،زامان ۋە زامانداشلىرىمىز ئالدىدا ئېتىبارسىز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتايلى.

كىتاب كىتاب بىلىم غەزىنىسى. كىتاب ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئالغا سىلجىتقۇچى مەنىۋى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. كىتاب كىشلەرنىڭ مەنىۋى فوندى. كىتاب ئەجداتلار تارىخىنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى كارۋان، ئەگەر كىتاب بولمىسا بىلىمنىڭ كىېلىش مەنبەسى ئۆزۈلۈپ قالىدۇ. بىلىم ۋە بىلىم ئۆگەنگۈچىلەر بولمايدىكەن جەمئىيەت تەرەقىياتىدىن ھەرگىزمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. كىتاب بىلىمنىڭ يېزىق شەكلىدىكى توپلانغا غەزىنىسى بولۇپ، كىتابنى سۆيگەنلىك بىلىمنى سۆيگەنلىك، ئۆز- ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك. كىشلەر ياشاش جەريانىدا ئېھتىياجلىق نەرسە ماددى ۋە مەنىۋى نەرسىدۇر، مەنىۋى ئۇزۇق، بايلىق كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن بۇلۇپ، كىشلەرنىڭ ماددى ئېھتىياجى قانچىلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىسۇن مەنىۋى جەھەتتە تۇيۇنمىسا بۇنداق ئادەملەر روھى ئۈلۈك ئىچى قۇرۇق ئادەملەردۇر. كىتابنىڭ رولى ۋە قىممىتى، جەمئىيەت تەرەقىياتىدىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ، تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەركىتابقا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن. شىكىسپىر «كىتاب دۇنيانىڭ ئۇزۇقى، تۇرمۇشتا كىتاپنىڭ بولماسلىقى قۇياشنىڭ بولمىغانلىقىغا باراۋەر، ئەقىل- پاراسەت كىتابقا تايانمىسا، قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ» دېگەن ئىدى. دەۋىر تەرەقى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن كىشلەر كىتابنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تېخىمۇ تۇلۇق تۇنۇپ يەتكەن بولسمۇ بىرقىسىم كىشلەر يەنىلا كىتابنىڭ رولىغا سەل قارىماقتا، تاپقان پۇلىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە، بۇزۇپ چېچىشقا رازىكى كىتاب سېتىۋىلىشقا رازى ئەمەس. يېڭى ئەسىر بىلىم، ئۇچۇر، رىقابەت، ئەسىرى. بىلىم ئىگىلەپ يۇقىرى ساپالىق كىشلەردىن بۇلۇش ئۈچۈن كىتاپ ئۇقۇيلى، كىتابنى سۈيەيلى، ئائىلىمىزنى ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازىلىرى بىلەن زىننەتلىمەي كىتاب بىلەن زىننەتلەيلى !

دىققەت: بۇ تېما بايقاش مۇنبىرىگە مەنسۇپ، رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ! |