مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1817 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 45 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 5

”ئەخلەت“ يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

3

دوست

3938

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
896 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
649 سەر
شۆھرەت
792 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 16:21:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
”ئەخلەت“ يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم
بالام تۆرت يېرىم ياشتىن ئاشقاندا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى. ۋەتەندە ئۇنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ باشقا تەڭقۇر بالىلاردەك ئۆزى پۇل خەجلەشنى ئۇقماسلىقى ھەيرانلىق قوزغىدى. ئامېرىكىدا 13 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مۇستەقىل بىر يەرلەرگە چىقىشى، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشى قانۇنسىز ھىساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ئاتا ئانىسى بولمىغان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ نەرسىلەرنى ئەمەس ھەرقانداق نەر سە سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنى بىر خەتنە تويدا بالامنىڭ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر خەنسۇچە ماركىدىكى مۇزقايماقنى يەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. دەرھال قىزىمغا يەۋاتقان نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى ئاڭلاتتىم. قىزىم “ بۇ يەردىكى دادا، ئاپىلارنىڭ ھەممىسى يىدى. يەپ بولۇپ ناماز ئوقۇدى. شۇلار يىگەننى يىسەممۇ ھالال بولمامدۇ“ دەپ ئىتىراز بىلدۈردى. ”ياق بالام، ئۇلار بىلمەي يەپتۇ. سەن يىسەڭ بولمايدۇ“ دېسەم ئۆمچەرەپ تۇرۇپ ئاران تاشلىۋەتتى. شۇندىن كېيىن بالىلارنىڭ يىمەكلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.
بالىلار يىمەكلىكلىرى شۇ قەدەر ئەرزان بولۇپ زاۋۇت ئادرىسىغا ئىچكىرىدىكى قايسى بىر زاۋۇتتا ئىشلەنگەنلىكى يېزىلغان، ھەتتا بەزىلىرىدە ھىچ بىر زاۋۇتنىڭ ئادرىسى يوق. بۇنداق يىمەكلىكلەرنىڭ بەزىسىگە ھەتتا ئۇيغۇرچە ”مۇسۇلمانچە“ دەپ خەت يېزىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن ئىچكىرىدە شۇنچە تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ باقمىغان خەنسۇچە يىمەكلىك ماركىلىرى ھەممە ماگىزىنلاردىن تېپىلىدىكەن. ھېلىقى گۆشتىن باشقا يىيىلىۋاتقان، سېتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ھالال ياكى ئەمەسلىكىگە يا ئالغۇچى قارىمايدىكەن، يا ساتقۇچى ئەسكەرتمەيدىكەن. بىر كۈنى بىر باشلانغۇچنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدىم. بالىلار رىشاتكىنىڭ يوچىقىدىن ماگىزىنچى ئايىسى سۇنۇپ بەرگەن تۆۋىنى يىگىرمە تىيىن يۇقىرى بىر سوملۇق ”يىمەكلىك“ لەرنى يىيىشكە باشلاپتۇ. تەكشۈرۈشۈمچە قەشقەر، ئارتۇچنىڭ يېزىلىرىغا قەدەر ئومۇلاشقان بۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى تۈگۈتۈشنىڭ تەسلىكى مېنى بەكمۇ ئۈمىتسزىلەندۈردى.
قەشقەر ئىككىنچى باشلانغۇچنىڭ ئالدىدا ئەخلەت يىمەكلىك ساتىدىغان ئۇيغۇرغا ”بۇنداق ھارام يىمەكلىكنى ساتسىڭىز بولامدۇ؟“ دەپ سورۇغان ئىنىم كۈرشات ”سىلى ھالانى تېپىپ يەۋەرسىلە“ دەپ جاۋاپلاندى. ئارتۇچنىڭ بۇيامەت دېگەن يېرىدە، مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنىڭ يېنىدا ئەخلەت يىمەكلىك يەۋاتقان بالىغا ”بالام قولۇڭدىكى ھارام، چوشقا گۆشىدىنمۇ مەينەت نەرسە يېمىسەڭ بولماسمۇ؟“ دەپ يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا نەسىھەت قىلىپمۇ قولىدىكى ”ئاچچىق“ نى تاشلاتقۇزالمىدىم. بىزنىڭ بالىلار ئېنگىلىز تىلى سىنىپىمىزدىمۇ ئوقۇغۇچىلار كەتكەندىن كېيىن تارتمىلارنىڭ ”يىمەكلىك“ ئورالمىلىرىغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمەن. قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ باقتىم، ئازايدى، لېكىن تۈگىمىدى. كوچىلاردا مەنبەسى سورالماي يىيىلىۋاتقان خېمىر كاۋاپ، دۇفۇ كاۋاپ…قاتارلىقلارنى تالىشىپ يەۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ بۇ ئايرىماي يىيىش كەلكۈنى ئالدىدا ئۆزەمنى تولىمۇ ئاجىز ھىس قىلدىم. بالامنى ئۆيدىغۇ چىڭ تۇتارمەن، لېكىن دائىم كەينىدىن يۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ-دە. كۆپىنچە بالىلار يەۋاتقان نەرسىلەرنى مەن يىمە دېگەنگە بالام يىمەي قالامدۇ.
بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە كۆندۈرىۋاتقىنى بالىلارنىڭ بىلمەسلىكى، چوڭلارنىڭ بىپەرۋالىقى، تىجارەتچىلەرنىڭ پۇلدىن باشقىنى تونۇماسلىقى، جەمئىيەتتە سۈپەت نازارەتچىلىك ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىكى ئاساسلىق سەۋەپ. بۇندىن باشقا يەنە بىر سەۋەب كىچىك بالىغا پۇل تۇتقۇزۇش ئادىتى ۋە ئاتا ئانىلاردىكى نامۇۋاپىق گۆللەش، ناباپ مېھرىبالىق ۋە خاتا مۇكاپاتتۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى يىغىدىن پەس قىلىش، دېگەنلىرىگە كۆندۈرۈش قاتارلىق ئەڭ ئاددىي ئىشلاردىمۇ پۇلنى ۋاستە قىلىدىكەن. كۆزىتىشىمگە قارىغاندا ئاتا ئانىلار بالىلىرى يەسلىگە بارغىلى ئۇنىمىسا، تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئىشلىمىسە، دەرس نەتىجىسى چۈشۈپ كەتسە دەرھال پۇل بىلەن جۆندەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى ئەڭ سۈپەتسىز ماقال ”ئالداشقا بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقۋاشنى“ ئىكەن. بالىلار يەۋاتقان يىگىرمە تىيىنلىق ”ئال مېنى“ ماركىلىق سېغىز، يەنە قانداقتۇر بىر ماركىلاردىكى ئەخلەتلەر ئاتا ئانىسىدىن قەغىش قىلىپ پۇل ئالغان بالىلارنىڭ دائىملىق تاللىشىكەن. مەن بۇنداق چاغلاردا ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىچىك بالىلارغا ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ بېرىلىدىغان خەجلىك پۇلنى ئويلاپ قالىمەن.
ئامېرىكىدا بالىلارغا يېىشغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ھەر ئايدا بەلگىلىك مىقداردىكى خەجلىك بېرىلىدۇ. ئاتا ئانىلار بالىلىرى بۇنى بىر قېتىمدا خەجلىۋەتسىمۇ، يىل بويى يىغىپ چوڭراق بىر نەرسە ئالسىمۇ گەپ قىلمايدۇ. ئەگەر يىغىپ چوڭراق بىر نەسە ئالماقچى بولسا ئاتا-ئانىلار مۇكاپات قىلىپ پۇل قوشۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلار كىچىكىدىن پىلانلىق پۇل خەجلەشنى، تىجەشلىك بولۇشنى، ئۆز پۇلىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى، مۇستەقىل ھىسابات قىلشىنى ئۆگىنىدۇ. مەن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى پۇل بىلەن گۆللەۋاتقىنىنى كۆرگىنىمدە بالامنىڭ قاراۋاتقىنىدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ كېتىمەن. قىزىممۇ ھازىر تاغا ھاممىلىرىنىڭ پۇل بىلەن مېھرىۋانلىق كۆرسىتىشلىرى، پۇللۇق ئەركىلىتىشلىرىگە كۆنۈپ قالغىلىۋاتىدۇ. مەن يېشىغا ماس خەجلىك بەرگەن بىلەن بالامغا پۇل تۇتقۇزۇپ ئامراقلىق قىلىۋاتقانلارغا بەرمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ كىم بەرگەن پۇلغا نېمە ئالغىنىنى مەن بىلىپ بولالمايمەن-دە! بىزدىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆمەك دەيدىغان نەرسىمىز بولىدىغان. بۇ ئەنئەنىگە مەن ئاكا سىڭىللىرىمدىن بالا تەربىيىلەشتە ۋارىسلىق قىلغانلارنى كۆرمىدىم. بۇلارنى خىيال قىلىپ قىزىمنى ”ئەخلەت“ يىيىشتىن توساش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پۇل تىجەپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىنى ئېلىشنى ئۆگىتەيمىكىن دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قىزىمغا كۆمەك قىلىپ بېرىشنى ئويلاشسام بولغۇدەك دەپ قالدىم. گەرچە بالىلارنى ”ئەخلەت“ يىيىشتىن توسۇشنىڭ جان ھالقىسىنىڭ ئەخلات ساتقۇچى ۋە ئىشلىگۈچىنى يىغىشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بۇنىڭغا چارەسىزمەن. شۇڭا ھەممە نەرسىدىن پەخەس بولۇش مۆمىن پۇقرانىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا بۇ ئىشتىمۇ ئۆزەم چارە قىلمىسام بالامنىڭ روھى بۇلغۇنۇپ كەتمىسۇن.
مەنبە :گۈلەن بىلوگى
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

31

تېما

6

دوست

1304

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
244 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
220 سەر
شۆھرەت
260 سەر

تىرىشچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 17:05:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 00:15  

ناھايتى توغرا ئويلاپسىز چۇقۇم شۇنداق قىلىش كىرەك؟ شۇڭا ھەممىمىز دىققەت قىلىشىمىز كىرەك چۈنكى ئىستىمال ھەممىدىن مۇيىم، باللىرىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇغۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىپ ئۇلارنىڭ يىمەك ئىچمەكتىكى ھۇشيارلىقىنى يۇقۇرى كۇتۇرگەندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولغىلى بۇلىدۇ.
     ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن، تىما ئىگىسىگە رەھمەت .......................!

باھا سۆز

ئالىم پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 00:15

24

تېما

10

دوست

6174

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
928 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
2196 سەر
شۆھرەت
958 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 19:11:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەميىتىمىزدە ئەخلەت يىمەكلىكلەر ناھايتى كوپ بۇلۇپ كەتتى،بۇلۇپمۇ مەكتەپ ئەتراپىدا.

561

تېما

27

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6928 سەر
تىللا
2801 دانە
تۆھپە
7630 سەر
شۆھرەت
5543 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 22:57:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم يېقىندىن بىرى مۇنبەردە كۈرۈنمەيسىزغۇ . ئۆي ئىچىدە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئىجادىي تىمىڭىزنى مۇنبەر ئەھلى ئۇقۇشقا ئىنتىلىۋاتىدۇ . پات - پات كىرىپ تۇرۇڭ
بايقاش مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز  بىرلىكتە تىرشايلى

3

تېما

2

دوست

149

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
28 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
25 سەر
شۆھرەت
30 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 23:24:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بازارلارنى قاپلاپ كەتكەن ھەم چوڭ-كىچىك ئومۇميۈزلۈك ئىستىمال قىلىۋاتقان بۇ ئەخلەت يېمەكلىك مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئەڭ تۈپكى ۋە مۇھىم مەسىلە،  بۇ مەسىلە ۋاختىدا  تۈزۈتىلمىسە  باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى نىمە بۇلۇپ كېتەر!!

0

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
45 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 15:54:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن،رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 15:57, Processed in 0.500414 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش