مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

3

دوست

3938

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
896 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
649 سەر
شۆھرەت
792 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 10:20:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان

 
ئەسەت سۇلايمان 1969-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە شۇ فاكۇلتېتنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى فولكلور ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانئغان. 1995-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا ھەمكارلاشما تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلىگەن. 1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۈچ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە 1999-يىلى 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا «ئېپوسلار تەتقىقاتى»، «مىللىي ئەدەبىيات ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات»، «دىنشۇناسلىق»، «سېلىشتۇرما ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى»، «ئەپسانىشۇناسلىق»، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىيات كەسپىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئەپسانىشۇناسلىق»، «ئېپوسشۇناسلىق» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى.   ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت، ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا قاراتتى ھەمدە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» (2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»)، «خەمسىچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2002-يىلى)، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» — ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرى (1) (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى)، «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» (2006-يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى) «ئەلىشىر ناۋائىي»، «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى ھەمدە ئىلمىي ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «چەت ئەل ئەدەبىياتى ئوبزورى»، «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق يادرولۇق ژۇرناللاردا ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ژۇرناللاردا 50 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «مىراس» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ۋە بوستانلىق مەدەنىيىتىگە دائىر بىر يۈرۈش ماقالىلىرى خېلى زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پسىخىكىسى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-فامىلە مەدەنىيىتى ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى ياپونىيىدە، «ئالتاي مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە يالماۋۇز ئوبرازى» ناملىق ماقالىسى تۈركىيىدە ھەمدە ئېپوسشۇناسلىققا دائىر بىر پارچە ماقالىسى قىرغىزىستاندا ئېلان قىلىندى.
  ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يوللىغان «پارس ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكى خەمسىچىلىك ھادىسىسى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات» ناملىق تېمىسى 2000-يىلى دۆلەت پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تەستىقلاندى ھەمدە ئىككى يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە غەلىبىلىك تاماملاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرقانچىگە قاتناشتى. دوكتور ئەسەت سۇلايمان 2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
  دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ نەتىجىلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلدى ۋە تەشۋىق قىلىندى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەكلىپ بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ 2000-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياپونىيىدە بىر ئاي ئىلمىي زىيارەتتە بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ فۇكۇكا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «زامانىۋىيلىشىش دولقۇنى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى»، «ئۇيغۇر ئىسىم فامىلە مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى» قاتارلىق تېمىلاردا بىرقانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى. شۇنداقلا ياپونىيىلىك كەسپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2003، 2004-يىللىرى شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە ياپونىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خەلقئئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلمىي لىكسىيىلەردە بولغان. ئەسەت سۇلايمان 2005-يىلى پروفېسسورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر پوستدوكتور» بولۇپ باھالانغان. ھازىر 2007-يىلى تاماملىنىدىغان پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.  ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاۋىنى تورداشلارنىڭ ئوقۇپ چېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن  بىز كىم، بىزنىڭ مەدىنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە  سالاھىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەرشارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە  كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟
___ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

287

تېما

101

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6638 سەر
تىللا
1700 دانە
تۆھپە
10700 سەر
شۆھرەت
5663 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 16:44:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ؟
ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ تەرجىمالى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر  تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

287

تېما

101

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6638 سەر
تىللا
1700 دانە
تۆھپە
10700 سەر
شۆھرەت
5663 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 16:44:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ؟
ئۇيغۇر دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ تەرجىمالى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر  تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 15:04, Processed in 0.448610 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش