مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 2

غوجامۇھەممەد مۇھەممەد غەزەللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

3

دوست

3938

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
896 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
649 سەر
شۆھرەت
792 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 21:56:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجامۇھەممەد مۇھەممەد غەزەللىرى
******************************
(1)
كەزسەم خوتەننى ،قەشقەردە ئاھىم ،
ياش تۆكتى ئاقسۇ،مىڭ ئەردە ئاھىم .

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا ،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم .

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى ،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم .

تۇرپاندا قەبرە ، بولدۇم ھازىدار ،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم .

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم .
(2)
ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار ،باغى يوق ،
لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق .

سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ ،
ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق .

تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان ،
تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق .

چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە ،
ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق .

تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان ،
جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.
(3)
يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى ،
ساچىنى چۇۋۇپ ، ئۆرۈپ كەتكىلى .

جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا ،
بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى .

دوزاخ ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ ،
ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى .

لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان ،
يىغلاپ كېلىپتۇ ، كۈلۈپ كەتكىلى .

سۇندۇر قەدەھنى ، جىسمىم شارابدۇر ،
يارىم كېلىپتۇ چۆمۈپ كەتكىلى .
(4)
ئول كۆڭۈل باغى ئارا سەيلانە كىم؟
گۈلگە مەست كەيپى بىلەن خەندانە كىم؟

ئىككى ئالەمنى تىگىشكەن سۆيگۈگە،
مەشرەبى دىۋانىدەك مەردانە كىم؟

جام لېۋىدە ئىستىقامەت ئەيلىگەن،
تەڭرىگە ھەييام كەبى مەستانە كىم؟

يۇلتۇزى ئۆچكەن پەلەككە كۆز تىكىپ،
ئاھىدىن تۇرغان يېنىپ نۇرانە كىم؟...

تۈندە بۆرە ھۇۋلىدى تۇردۇم چۆچۈپ،
بىللە چۆلگە كەتكۈدەك دوستانە كىم؟!
(5)
كەچكۈدەك جانۇ- جاھانىم قالمىدى،
يەتكۈدەك ياكى ۋىسالىم قالمىدى.

سارغىيىپ ئۇچتۇم سامان رۇخسارىدا،
سۈرگىدەك شىرىن خىيالىم قالمىدى.

ئىككى ئالەم مۈلكىنى يۈردۈم يۈدۈپ،
ساتقۇدەك قايناق بازارىم قالمىدى.

كېچىسى ياتتىم جەسىەدنىڭ قەلبىدە،
ئۆلگىدەك باشقا ئامالىم قالمىدى...

ئەي غوجى قوپ،ساڭا ئىچ ئاغرىتمىغان،
ئادىمى،ھەتتا خۇدايىم قالمىدى.


مەنبە: ساقلىۋالغان
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

17

تېما

4

دوست

1292

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
245 سەر
تىللا
225 دانە
تۆھپە
233 سەر
شۆھرەت
269 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 23:16:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر ،تەشەككۇر....ئارام ئالغاندا ئۇقۇيدىىغان غەزەللەر ئىكەن بۇ

186

تېما

3

دوست

3938

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
896 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
649 سەر
شۆھرەت
792 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 22:53:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت .
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 13:37, Processed in 0.166667 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش