بارلىق تورداش دوستلارغا‹7›
 يېقىندىن بېرى مۇنبىرىمىزدىكى تورداش دوستلارنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق ئەمگىگى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، بايقاش مۇنبىرىگە خاس بىر قىسىم نادىر تېمىلىرىمىز مۇنبىرىمىزدىكى «نەچچە بايغا بىر مالاي» بولۇپ يۈرۈۋاتقان بىر قىسىم لەگۋانە تورداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى تورداشلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈۋاتىدۇ ۋە مۇنبىرىمىزگە خاس مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققى قىلىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
قېرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى، مائارىپ ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپىيىشى ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان ياخشى ئەھۋال. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى رايونىمىز ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى تۈپ مەخسىدى ۋە نىشانى قىلغان. شۇڭا بىز كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل مائارىپ ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى، قېرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئاساسىدا ئورتاق تەرەققى قىلىشىنى، مىللى مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى قوللايمىز ۋە ئۈمۈت قىلىمىز. ئەمما بىر قىسىم تەييارغا ھەييار ‹‹قاراڭغۇ بازارچى›› لارنىڭ بايقاش مۇنبىرىمىزگە خاس مائارىپ ماتىرىياللىرىمىزنى تېما ئىگىلىرى ۋە مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ رۇخسىتىسىز، قانۇنسىز ئوغۇرلاپ، باشقا مۇنبەرلەردە مەنبەسىز، ئۆز نامىدا ئېلان قىلىشىغا، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى باشقا مۇنبەرلەردە قۇرۇق ئابروي ۋە شەخسى تاپاۋەت تېپىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك نۇمۇسسىز قىلمىشلىرىغا قەتئى قارشى تۇرىمىز!
بىز نەچچە كۈندىن بېرى بۇ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە تور بىكەت ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق. ئۇلار بۇنداق باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە قۇرۇق ئابروي قوغلىشىدىغان ئەزالارنى سىغدۇرمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق قىلمىشلارغا قەتئى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىزمۇ بۇنداق ھارامخور ئەزالارنى سىغدۇرالمايمىز ۋە ئۇلارنى مۇنبىرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز. بىز شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىر! چۈنكى بايقاش مۇنبىرىدىكى 7500 دىن ئارتۇق تورداشنىڭ ئەمگەك مىۋىسى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قوغدىلىشقا مۇختاج!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزگە تېما يوللىغۇچى تورداش دوستلارنىڭ ئۆزلىرى يوللىغان، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تېمىلىرىغا مەسئۇل بۇلۇشىنى، تېما يوللاشتىن بۇرۇن يوللىماقچى بولغان تېمىلىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا بايقاش مۇنبىرىگە خاس تامغا (www.baykax.com) بېسىشىنى، بايقاش مۇنبىرىگە خاس مائارىپ بايلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تارلەشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان، نومۇسسىز «قاراڭغۇ بازارچى» لارنىڭ باشقا مۇنبەرلەردە قۇرۇق ئابروي ۋە شەخسى تاپاۋەت تېپىش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى جىددى ئەسكەرتىمىز.
چۈنكى بىز خېلى بۇرۇنلا بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى مائارپ ماتىرىياللىرىمىزغا بايقاش تامغۇسى بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن تاييارغا ھەييار ھارامخورلارنىڭ رەزىل قىلمىشىنى ئۆز ۋاختىدا پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، جاپاكەش تورداش دوستلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئەمىلى پاكىتلار ئاساسىدا قوغدىيالىدۇق.
تۆۋەندىكى تېمىدا بايقاش مۇنبىرىمىزگە خاس مائارىپ ماتىرىياللىرىغا بايقاش مۇنبىرىگە خاس بەلگە www.baykax.com تامغۇسى بېسىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلدى. مۇنبىرىمىزدىكى تورداش دوستلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن ماتىرىياللىرىنى مۇنبەرگە يوللاشتىن بۇرۇن بايقاش تاغۇسى بېسىشنى ئادەت قىلىشىنى سەمىمى ئەسكەرتىمىز..
/bbs/forum. ... amp;extra=#pid90527
ماتىرىياللارغا تامغا بېسىش ۋە باشقا جەھەتلەردە چۈشىنەلمەي، تېڭىرقاپ قالغان جايلار بولسا مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچى ۋە ئاتامانلاردىن ھەرقانداق ۋاقىتتا ياردەم سورىساڭلار بۇلىدۇ.
بايقاش Q 360805095، ئامان Q 1823308556، گۈلزار Q 1175024135.
|