| سەۋدا دىگەن كۆيۈك بەلكى مەڭگۈلۈك ، سەۋدا دىگەن باشقا كەلگەن كەلگۈلۈك . سەۋدا چۈشتى يۈرىكىمگە كۈيە بۇلۇپ ، ھالىم مىنىڭ جۆيلۈشىمدىن بەلگىلىك ،
ئېيقانلىرىم جۆيلۈش بەلكى ،چۈش بەلكى ، ئىزدەپ چىقتىم ساڭا تەڭداش ،ساڭا تەڭ . تاپالمىدىم ئاسماندىنمۇ ،يەردىنمۇ ، تالاي پىنھان ئېلان قىلدى ماڭا جەڭ .
تالاي شەيئى تېڭى بىلەن يۇلۇقتى، تەڭداش كۆزگە يۇلتۇز ،يۈزگەتۇلۇن ئاي . ھەممىسىلا ساڭا باقتى، ھۇلۇقتى ، تەڭدىشى يوق گۈزەلدۇرسەن نۇرغا باي . 1990-يىلى 11-ئاي (ئۈرۈمچى ) مەنبە :ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلار توپلىمىنىڭ 1997-يىلى 4-ئاي 1-نەشىرىدىن ئېلىندى |
|