| قىزىل راۋاقتىكى چۈش فىلىمىنىڭ ئاخىرقى خاتىمە شېئېرى ئۆزۋاختىدا بەگ -غوجاملار تولغان ساراي ، غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى . بىر چاغلاردا بەزمە مەشرەپ قاينىغان جاي ، گۈللەر توزۇپ دەل-دەرەخلەر خازان بولدى . زەر تورۇسقا ئۆمۈچىكلەر باغلىدى تور، گۈل پەنجىرلەر ئوت -گىياھقا ئاشيان بولدى . ئۇپا -ئەڭلىك خۇش پۇراقنىڭ نىمە ھاجىتى ، قىراۋ قوندى چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى . ساندۇق -ساندۇق ئالتۇن كۆمۈش ساقلىغانلار ، كۆزئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى . تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر ، كىيىپ قۇۋۇق ياتقان يىرى زىندان بولدى . بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جۆر ئىزدىگەنلەر، تاپقان جايى قۇم چاۋا مەيدان بولدى. ئاخشام تېخى جۇل -جۇل توندىن غىڭشىغانلار ، بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى . بىرى تەخىتتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى ، ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرۇت ماكان بولدى . قويغىنە بۇ ئەپسانىنى ھەننىۋاسىنى ، باشقىلارغا ئاخىرى تويلۇق چاپان بولدى .
|
|