كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 2

ئوسمانجان ساۋۇت شئېرى يۇلتۇزلار ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
          دىلبەر كىچە چاراقلايدۇ يۇلتۇزلار ،
         بىر يۇلتۇز دىن يۈرۈگۈمدە مىڭ ئىز بار .
         شۇ يۇلتۇزغا ئوخشايدىغان كۆزلىرى ،
         يۇرۇتتا قالغان پەرىشتىدەك بىر قىز بار .

         يۇرۇتتا قالغان پەرىشتىدەك بىر قىز بار ،
         ئۇ يانىدۇ يۈرۈگىمدە يۇلتۇز نار .
         مەن قارايمەن يۇلتۇزلارغا پەرىشان ،
         بۇ سىرىمنى بىلەمدىكىن يۇلتۇزلار .

         بۇسىرىمنى بىلەمدىكىن يۇلتۇزلار ،
         ئاسماندىكى زەپ يېقىملىق يۇلتۇزلار .
         مەن قارايمەن ،ھەم قارايدۇ ئۇنىڭغا-
         يۇلتۇز كۆزلۈك چېچى قارا قۇندۇز يار .
        
          دىلبەر كىچە ،چاراقلايدۇ يۇلتۇزلار ،
          يۇلتۇز تارتتى يۈرۈگىمدە يىلتىزلار .
          دەرقەم قىلغان نىگاھلارنى بىر يەردە ،
          ياشا يۇلتۇز ! ياشا نۇرلۇق قىرمىزلار ...

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-21 21:23:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 21:25  

بۇ شېئىر خۇددى يۇلتۇزلار ئارىسىدا تۇرغاندەك بىلىنىپ كەتتى ماڭا ~مەرھۇم شائىرىمىزنى ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-3-23 21:35:39يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائ‍ىر ئوسمانجان ساۋۇت نىڭ تىلى بەك يىنىك، مەزمۇن مول،مەن بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش