بايقاشلىقلارغا سىگنال
ئارىمىزدا باشقىلارنىڭ كەينىدىن پىچاق ئۇرۇشقا، ساماننىڭ تىگىدىن سۇ يۈگۈرتىشكە ئامراق ئادەملەرنىڭ يۇقالمايدىغىنىغا ھەيرانمەن. ئادىل رىقابەتكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلار ئاستىلا قۇيرۇقىنى قىستۇرۇپ يوقالسا بولمامدىغاندۇ؟ باشقىنى ئەسكى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆتۈرۈش، ئاسترتتىن كۈشكۈرتىشلەر ئۇلارغا شۇنچىلىك شەرەپلىك ئىش تۇيۇلىدىغان ئوخشايدۇ. "بايقاش تورى ناچار تور، بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تور، ئەگەر بايقاشتىن چىكىنىپ چىقسىڭىز باشقۇرغۇچى قىلىمىز، مائاش بېرىمىز، بايقاشتىكى سىزدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى نان قېپى! سىز بولمىسڭىز بايقاش بايقاش بۇلالمايدۇ." نېمە دىگەن كۈلكىلىك گەپلەر بۇ؟ بۇ بايقاشتىكى خېلى كۆپ قىسىم باشقۇرغۇچىلارغا ۋە غوللۇق ئەزالارغا چ چ ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق(مەزمۇنى ئاساسەن بىرخىل). قارىغاندا ئۇلار بايقاشتىكىلەرنى كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن تۇزىنى يەپ تۇز كورلۇق قىلىدىغان ناكەسلەرگە ئوخشىتىپ قاپتۇ. بايقاشتىكىلەر كالۋا ياكى ھاماقەت ئەمەس، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-ياماننى ناھايىتى ئوبدان پەرىق ئىتەلەيدۇ. كۈرەلمەسلەرنىڭ ئاۋارە بولغىنى قالىدۇ خالاس. مەن بايقاشتىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ھەم ئەزالار ئارىسىدا بىرەرمۇ ئادەمنىڭ بۇنداقلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن. شۇنداقتىمۇ قىستۇرۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. بايقاشتىكى بارلىق باشقۇرغۇچى ھەم ئەزالار، ئەگەر قايسى بىرىڭلار يۇقارقىدەك كۈرەلمەس نامەرتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەم شۇ سەۋەبتىن تەۋرىنىپ قالغان بولساڭلار ياكى ئاتالمىش "مائاشلىق" خىزمەتچى بولغۇڭلار، ئاتالمىش تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولغۇڭلار بولسا سىلەرنى تۇتۇپ قالمايمىز. يول بولسۇن. بىز چۇقۇم بايقاش مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى دەپ بىلىدىغان، ئىرادىسى قەتئي، ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە، "ئىككى قېيىق" قا تەڭ دەسسىمەيدىغان، سادىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالىرىمىز بىلەنمۇ ئىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلەيمىز. بىز باشقىلارغا ھەسەت قىلمايمىز، دورامچىلىق، كۈرەلمەسلىك قىلمايمىز، لېكىن دەۋىر ئېقىمىغا يېتىشىپ ماڭمايمۇ تۇرالمايمىز. ياخشىلارنىڭ تەجىربىلىرىدىن ئىجادى ئۆرنەك ئالىمىز، يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزۈتۈپ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللشتۈرۈپ ماڭىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز: ئۈستۈنلۈك تالىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش ئاساسىدا ئورتاق ئىلگىرلەش، شۇنداقلا تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قۇشۇش!!! مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ كۈرەلمەسلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرىغا ئىشەنمەي، بۇ يۈكسەك مەخسەت ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
|