مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 1

شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

3

دوست

3938

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
896 سەر
تىللا
347 دانە
تۆھپە
649 سەر
شۆھرەت
792 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 10:23:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىرلار

مەمتىمىن بارى

قانداق ئۇنتاي

تۆكۈلىدۇ لېۋىڭدىن كۈلكە ،
كۆزلىرىڭدە ئىللىق تەبەسسۇم .
خۇشال بولدۇڭ ، خۇشاللىقىمدىن ،
سەن مېنىڭكى ئەركە شوخ قۇشۇم .

گۈل پۇرايدۇ ، ئەتىر پۇرايدۇ ،
ھىدلىسام مەن تىنىقلىرىڭنى .
كېتىپ قالساڭ قانداق ئۇنۇتاي ،
سېنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىڭنى .

تار كوچىدا يۈرمە تەمتىرەپ

ھاڭ-تاڭ قالدىڭ ئىشىكنى ئاچسام ،
مەلۇم بولدى خاتا چەككىنىڭ .
پەيدا قىلدى كۆڭلۈمدە گۇمان ،
كۈپكۈندۈزدە ئېزىپ كەتكىنىڭ .

كەلگىنىڭ يوق بىراۋنى ئىزدەپ ،
يوشۇرۇنغان غەيرىي ئوي-خىيال .
دۇچ كەلگەچكە توساتتىن ماڭا ،
بولۇپ قالدىڭ ئىنتايىن ئوسال .

خەير ، ساڭا بەرمەي تونۇشلۇق ،
خىجالەتتە قالما ئۈستىلەپ .
داغ چۈشمىسۇن نامىڭغا سېنىڭ ،
تار كوچىدا يۈرمە تەمتىرەپ .

چىشلىسە

چىشىم ئاغرىپ دوختۇرغا بارسام ،
يۇلۇۋەتتى ئۇتتۇر چىشىمنى .
پەسەيمىدى ئاغرىقى دېسەم ،
مەھكەم چىشلە ، دېدى لېۋىڭنى .

ئۇتتۇر چىشىم بولمىسا مېنىڭ ،
ئەمدى قانداق چىشلىيەلەيمەن .
سېستىرا قىز چۈشكەندە ئىشتىن ،
ئۆزى كېلىپ چىشلىسە دەيمەن .
يېرىم چېلەك سۇ

شالاقلايدۇ يېرىم چېلەك سۇ ،
(ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ئۇ ) .
تولا مكرەپ ئارام بەرمەيدۇ ،
ئارقان ئۈزۈپ سۈتسىز ئىنەكمۇ .

ئادەملەرنىڭ ئىچىدىمۇ بار ،
ھايۋاناتنى دورايدىغانلار ،
تۆت سەر ئىچسە خۇدىنى بىلمەي ،
ئىنەك ئوخشاش مۆرەيدىغانلار .

ئىككى شېئىر
ئابىلجان ھېيىت

گۈزەللىك
تەشنا ئۈچۈن بىر چىنە سۇ ئۇ ،
سۇ ئىچىدە ئۈزگەن ھىلالئاي .
ئەينەكتىكى نەۋ ، يېشىل كۈي ئۇ ،
چېقىلىشتىن بۇرۇنقى خىيال .

چۆل-دەشىت ئۇچۇم كېيىك ئىزى ئۇ ،
ئىزچىلارنىڭ قەلبىدە ئاققۇ ،
چىڭ باغلانغان بۈركۈت قارىچۇقى .
زەر قۇياشنى ئۇزىتىپ قويۇپ ،
يالغۇز تالغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ،
گۇگۇم چەككەن تاماكا چوغى .

كۆزلىرىڭدە كۆيگەندە ئىشىق ،
يۈرىكىڭىنى قولۇڭدا تۇتۇپ ،
ئايلانغاندا يار كوچىسىنى .
مەيلى راھەت ، مەيلى ئازابتىن ،
تىنىپ قالساڭ ئەگەر بىر تىنىق ،
ئېسىپ ئالسا يار گەر بىر تىزىق ،
ئۇۋىلار ئۇ كۇكۇم ۋە كۇكۇم ،
سىلىغاندا يار ئۇچىسىنى .

ئېچىلغان سىر گۈزەل تۇيۇلماس ،
قۇرۇق شاختا نازلىق مۇئەمما .
مەيلى خانلىق ، مەيلى گادايلىق ،
يوق كۆزىدە گۈزەللىك نېمە ،
توق قەلبىدە ئۇ نۇردۇر ، زىيا !

گۈزەللىك ئۇ شۇنداق مۆجىزات ،
ئۇ قىچقارماس سېنى بىر نۆۋەت .
پۈتۈن ئۆمرۈڭ ئۇنىڭ كەينىدە ،
ساما سالار ئەبەدىلئەبەت ...

ياشايمەن شۇنداق

كۆپ بولسىمۇ ساڭا كۆيگەنلەر ،
سەن پەقەتلا ماڭا جان ئىدىڭ .
مەن ھەر كۈنلۈك جاھان بولساممۇ ،
ماڭا پەقەت سەن جاھان ئىدىڭ .

جىمى جاھان مەن تەرەپ بولسا ،
مەن سەن تەرەپ بولىمەن شۇئان .
ئەگىپ كەلسە كېچە بېشىڭغا ،
چېچىلىمەن تاڭ بولۇپ شۇئان .

سېنىڭ رەڭگىڭ تالاشتا قالسا ،
مەن بۇياندا تالىشىمەن جان .
سۆيەلمىسەم لېۋىڭ كۈيىنى ،
زارلاپ چىقار بۇجان ، بۇ جاھان .

جان ئىچىدە جاھاندا بىر سەن ،
جانان ماڭا ، جاھان سەن ماڭا .
ياشا دېسەڭ ، شۇنداق ياشايمەن ،
تەنە قەسىتنى كۆرسەڭمۇ ناۋا .

خەۋەر يوق
ماخمۇتجان خوجا ئۈمىدۋار

سېنى ئىزدەپ مەن كەزمىگەن شەھەر يوق ،
كۆككە بېقىپ ياش تۆكمىگەن سەھەر يوق .
كەلدى شۇنچە يىراق كەتكەن تۇرنىلار ،
بىراق سەندىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق .

يېشىل ياپراق خازانلارغا ئايلاندى ،
ئېگىز تاغلار توزانلارغا ئايلاندى .
دەردلىك ئاھىم گۈلخانلارغا ئايلاندى ،
بىراق سەندى ھازىرغىچە خەۋەر يوق .

دەريالارنىڭ مەنزىلى بار يىراقتا ،
سېنى كۈتۈپ خىيالدىمەن قىرغاقتا .
گۈل ياشلىقىم ئوخشاپ قالدى توزغاققا ،
بىراق سەندىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق .

مەنبە-« شىنجاڭ ياشلىرى »2010/5



ئىككى شېئىر
ئايسىمە ئىدرىس

قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىسەن

« قىزىل رەڭگە پۈركەنگىن دەيسەن » ،
قىزىل ئالما ماڭا سوۋغىتىڭ .
قىزارغىنىم ئېسىمدە ، دائىم –
پىچىرلىسا بىر تاتلىق لېۋىڭ .

قىزىل كۆڭلەك كىيگەن ئاخشامدا ،
تولدى قەلبىم بەخىتكىلا لىق .
يوللىرىمدا قىزىل پايانداز ،
بوسۇغاڭدىن ئاتلىدىم ئىللىق .

قىزىل گۈللۈك ئوماق پىيالە ،
ئۆمرىمىزگە تۇز بىلەن گۇۋا .
قىزىل گىلەم ، قىزىل كۆرپىدە ،
قىزىل يۈرەك بەردى كۆپ دۇئا .

بەرگلىرى توق-توق ئېچىلغان ،
قىزىل غۇنچە تۇتتۇم مەنمۇ ھەم .
مۇھەببەتنىڭ ئېتىزلىقىدا ،
پەرۋىشلىگىن ئۇنى پەم بىلەن .

بۇغداي باش تارتتى

سەن كېتەردە بۇغدايزارلىقتا ،
قىروۋ قونغان ئاپپاق ، يېقىملىق ،
قىش قوللىرى بولسىمۇ سوغۇق ،
ھىجرانلىرىڭ تۇيۇلغان ئىللىق .

« قارىمىدىم » دېسەم يالغاندۇر ،
ئۇپراپ كەتتى بوسۇغا بۈگۈن .
چېچەكلەردە مۇھەببەت ھىدى ،
مارت ئايلىرى ئەجەپمۇ گۈلگۈن .

دەردلىرىمنى تالاشتى يامغۇر ،
مامكاپلارغا ئالەم ھۆسنى جەم .
باغلار بىلەن باغاشلىنىمەن ،
يۈرىكىمدە سەن قالدۇرغان تەم .

باش تارتىپتۇ بۇغدايلار بىلگىن ،
ئورمىلىققا بارغۇم يوق تەنھا .
ئاھۇ بولۇپ ئىزدېسەم سېنى ،
ئورغاق تۇتۇپ كېلەمسەن قايت ؟!
مەنبە-« شىنجاڭ ياشلىرى »2010/5
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3674 سەر
تىللا
922 دانە
تۆھپە
8476 سەر
شۆھرەت
3502 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:32:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتتۇر چىشىم بولمىسا مېنىڭ ،
ئەمدى قانداق چىشلىيەلەيمەن .
سېستىرا قىز چۈشكەندە ئىشتىن ،
ئۆزى كېلىپ چىشلىسە دەيمەن
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 10:09, Processed in 0.433460 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش