كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 11

ئائىلە تەربىيىسىدىكى قېممەتلىك «بىر مېنۇت»لار

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئائىلە تەربىيىسىدىكى قېممەتلىك «بىر مېنۇت»لار


ئالەم قاتناش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر مىنۇت ۋاقىت سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش دېگەنلىك، گېئولوگلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىر مىنۇت ۋاقىت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىرىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇلۇغ بىر مىنۇت. بىر مىنۇتلۇق قاتتىق يەرتەۋرەش بىر ئاۋات شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇشى،بىر مىنۇتلۇق زور كەلكۈن بىپايان مۇنبەت ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋەھىمىلىك بىر مىنۇت.بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەگەر بۇ بىر مىنۇتتىن ھوشيارلىق بىلەن جانلىق،ئەپچىل پايدىلىنالىغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاسمىنىدا بىر گۈزەل ھەسەن –ھۈسەن نۇر چاچقان بولاتتى.


.1 بىرمىنۇتلۇق تېگىشىش.
ئاتا-ئانىنىڭ قولى پەرزەنتلەرنى يېتەكلەيدۇ، يېتەكلەش كۈچىقانچە كۈچلۈك بولسا، پەرزەنتلەر شۇنچە ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېسقىلالايدۇ. بالىڭىزنىڭ بېشىنى مېھرىڭىز بىلەن ئاستاغىنە سىلاپ قويۇڭ. ئۇنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، بۇ خىل تېگىشىش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، مۇھەببەت ۋە كۈچ بېغىشلاڭ.لېكىن بۇنداق تېگىشىشتە كەيپىياتقا،سورۇنغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.


.2 بىرمىنۇت دىققەت قىلىپ ئاڭلاش.
دائىملا بالىڭىز ئاڭلىغۇچى بولىۋەرمىسۇن، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ، بالىڭىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىپ بېقىڭ،يۈرەكلىرىڭلار تېگىشسۇن.ئۈنۈملۈك تىل ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بېرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەلەيسىز، ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھىسىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز. بالىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم زېھنىڭىز مەركەزلەشكەن، روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى كېرەك.


.3بىرمىنۇت ئويۇن ئويناش.
بىر دۆت بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. بىر ئەقىللىق بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، بىر ياراملىق بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا پاراسەت يېتىلدۇرىدۇ. ئويۇن ئويناش بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ، بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن چوقۇم مەزمۇنى ساغلام ،ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە، قىزىقارلىق، بالىلارنى مۇكەممەللىككە، ئىلگىرىلەشكە، شادىمان تۇرمۇشقا ئىنتىلدۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشى كېرەك.


.4بىرمىنۇتلۇق تۈزىتىش.
مەجنۇن تالغا جىلۋە ئاتاقىلغان دەل شامال، تىپتىنچ سۇغا ھەيۋەت ئاتا قىلغان دەل دولقۇن، بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىز چوقۇم قانداق قىلىپ بۇ خىل قىلمىشنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى ئىنق كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. خاتا  قىلمىش داۋاملىشىۋەرسە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ، بولمىسا يىغىلىپ ئەسلگە كەلتۈرۈش تەس بولىدۇ.لېكىن بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خىل خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ سۇبيېكتىپ سەۋەب ياكى غەيرىي سۇبيېكتىپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋىلىڭ . بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەندە، سورۇنغا دىققەت قىلىڭ، گەپ-سۆزلىرىڭىز سىلىق، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى، ئالدىراقسانلىق قىلماي، قەدەممۇ - قەدەم ھەل قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماڭ.


.5بىر مىنۇتلۇق ئىلھاملاندۇرۇش.
ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۈمىدۋارلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرىدۇ. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم تۇزىتىڭ، لېكىن تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزغا ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز، كۆپرەك ئىلھاملاندرۇشىڭىز، ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قايتما ئىنكاسىنى قوزغىشىڭىز، مۇھەببەت بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۇرىشىڭىز كېرەك.


.6بىر مىنۇت تەرىپلەش.
قۇياش نۇرىدا گۈل-گىياھلار بەرق ئۇرۇپ ئۆسىدۇ، يامغۇردىن كىيىن بامبۇك نوتىلىرى ياشىرىپ كېتىدۇ.زېمىن تاغنى تىرەپ تۇرغاچقىلا، ئۇ بەھەيۋەت قەدكۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. بالىڭىزنىڭ ھامان بىر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق بەلكىم ئۇنى قالتىس ئادەم قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن.ئاتا-ئانا بولغان سىز، بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى مۇنەۋۋەرلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولىشىڭىز ۋە مۇۋاپىقپەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇنى تەرىپلىشىڭىز كېرەك.


.7بىر مىنۇت قاتنىشىش.
قاتنىشىش كىشىگە دېمۇكىراتىيەنى، باراۋەرلىكنى،  كىشىلىك ئىززىتىنىڭ نەرەرگە ئېلىنغانلىقىنى ھېسقىلدۇرىدۇ  ؛ قاتنىشىش كىشىگە دوستلۇقنى، ئىتتىپاقلىقنى، ئىناق كەيپىياتنى ھېسقىلدۇرىدۇ؛ قاتنىشىش ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى توپلايدۇ؛ قاتنىشىش ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بىر ئائىلىدە،ئاتا-ئانا بالىنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىغا ھۆرمەت قىلسا، ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا (مەسىلەن ،ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىنا سېتىۋېلىش،ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش )بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشى ،شۇ ئارقىلىق بالىنى ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلەندۇرۇپ،ئىمكانقەدەر كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،بۇ ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.
لېكىن بۇ ھەممىلا ئىشتا بالىنىڭ دېگىنىنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى قاتناشتۇرۇش مۇۋاپىق دەرىجىدە ھۆرمەت ۋە يېتەكلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بۇنداق قاتناشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى بالىدا مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇشى، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى شەرتسىز ئورۇنداش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

.8 بىر مىنۇت تەنبىھ بېرىش.
بالىڭىز ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، مەسىلەن، مەكتەپتە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندا، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشنى سادىر قىلغاندا، چوقۇم تەنبىھ بېرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بالىڭىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى، زۆرۈر بولسا بايرىقى روشەن ھالدا كەسكىن تەنقىدلىشى،سەۋەنلىكنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى تەلەپ قىلىشىكېرەك. لېكىن ھەرگىزمۇ قول كۆتۈرۈپ بالىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، بالىدا زىتلىشىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا، ياكى بالىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ۋاقىتتا  تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك.


9 .بىر مىنۇت مۇھەببەت ئاتاقىلىش.
بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇخاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى تەنقىدلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەم ئاتا –ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا،سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇ ياش تۆكسە، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.بالىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.


.10بىرمىنۇت ئۈمىدكۈتۈش.
بالا ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى.بالائاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ.بالىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭىزنى بىلىشى كېرەك. مەسىلەن: مۇۋاپىق بىرپەيىتنى تاللاپ بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزئ ۇچرىغان پىشكەلچىلىكلەرگە ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛ بالىڭىز بىلەن بىرگە كەلگۈسى تەرەققىياتىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، گۈزەل كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى توغرىسىدا مۇڭدىشىش. ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى،باتۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىڭ.لېكىن ئۇنڭىدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تەرەققىياتقا ماس بولۇشى كېرەك
مەنبە : تور دۇنياسى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-7-31 10:25:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنىت تەربىيىسىگە سەل قارىماسىلىقىمىز كېرەكلىكىنى،بولۇپمۇ تەربىيىلەش پۇرسىتىنى،ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.رەھمەت سىزگە!

باھا سۆز

سىزگىمۇ رەھمەت .  ۋاقتى: 2013-7-31 11:33
ۋاقتى: 2013-7-31 11:24:44يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 17:13  

بىر  مىنۇت ئېيتماققا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت بولغان بىلەن ئەمىليەتتە بۇ بىر مىنۇت ئادەمنىڭ   تەغدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۈمكىن ، رەھمەت دوستۇم ياخشى بىلدۈرگىلەرنى سۈنغىنىڭىزغا .
来自: Android客户端

باھا سۆز

كۆزدىن كەچۇرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .  ۋاقتى: 2013-7-31 11:34
ۋاقتى: 2013-7-31 19:27:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك تېما ئېلىپ كەپسىز، مەن بۇ تېمىدىن ناھايتى قىممەتلىك بولغان بىلىمنى ئىگىلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-7-31 20:33:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيلەشتە ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك تېما ئىكەن،رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-7-31 21:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىنۇت گەرچە شۇنداق قىسقا بولغىنى بىلەن بىر مىنۇتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى ،ئويلىغىلى، مەسىللەرگە ھۆكۈم قىلغىلى، قىسقا يىكايىدىن بىرنى ئوقۇغۇلى،بىر ئىككى مىسرا شېىر يازغىلى،تېلپۇندا دوسلار بىلەن كۆرۈشكىلى بولىدۇ .دىمەك مەن بۇ تېمىدىن ناھايتى قىممەتلىك بولغان بىلىمنى ئىگىلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-1 10:58:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە تەربىيىسىدە بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك مۇھىم ماتىرياللاركەن. رەھمەت
ۋاقتى: 2014-1-1 12:59:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز ،  بالا تەربىيىسىدە بىر مىنۇت ۋاقىتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . رەخمەت .
ۋاقتى: 2014-11-26 21:15:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، مەن ئاتا- ئانلار يىغىنىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئائىلە باشلىقلىرىغا  بۇ بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىمەن.
ۋاقتى: 2015-1-16 20:26:38يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍اتا ئانا  بولغۇچىلار ئ‍ۈچۈن بەك ياخشى بىلىم ئ‍ىكەن،رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش