| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-22 11:41
غوجىلار ھەم نوچىلاربىرسى شۇجى مەن دەپ، دەرس ئۆتمەس نوچىلار. يەنە بىرسى مۇدىر دەپ، دەرس ئۆتمەس غوجىلار
تەييارلايدۇ دەرسنى ، ئالۋانغا بۇ نوچىلار. ئۆتىدۇ دەپتەر يۈزدە، كۆز بۇيايدۇ غوجىلار.
ئۆتكەن دەرسى قۇشۇمچە، ھەپتىسىگە ئىككى سائەت. شۇنىڭغىمۇ ۋايسايدۇ، راھەت پەرەس غوجىلار.
مۇئاۋىنلارمۇ ئىش كۆپ دەپ، دەرس ئۆتمەس پوچىلار. ئىدارىدىن تەكشۈرۈپ چىقسا، گال ياغلاش بىلەن غوجىلار.
ماۋسۇم ئاخىر بۇ غوجىلار، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇردۇ. مۇكاپاتلىق پۇل تارقىتىلسا، ھەممىدىن كۆپ ئالار غوجىلار
ئىشى چىقسا غوجىلار، ئاينىپ كېتەر پۇرسەتكە. بىزلەر سورساق رۇخسەتنى، پۇل تۇتىدۇ ئۇ غوجىلار.
پىكىر قىلسا ناھەق دەپ، باستۇردۇ نوچىلار. ئاڭلىمايدۇ ھىچ نىمىنى، قۇلىقى يوق غوجىلار.
جاھان شۇنداق ئۆتەرمۇ، كۈن غەرپتىن چىقىپ ھەم. ئەگەر چىقسا شەرپتىن، قانداق قىلار غوجىلار.
يىغىن بار دەپ بەزىدە، يۇقاپ كېتەر نوچىلار. تاراپ چىقىپ يىغىندىن، ھەيۋە قىلار غوجىلار.
مەن ئېيتىمەنكى مەكتەپتە، يامان ئىللەتنى يۇقۇتۇش. قالغان ئىشلار ھەم قۇشۇمچە، ھەممىدىن مۇھىمى ئوقۇتۇش.
|
|