ئاتچان دىگەن ياخشى جاي ،
نامى ئۇنىڭ ئۇلۇغدۇر.
كەڭ جاھانغا تارالغان ،
قاشتېشى ھەم يېغىندۇر.
ئۈستىدە قار مۇزلىرى ،
ئاستىدا كان بايلىغى .
ئىتىگىدە قوي قۇتازلىرى ،
كەڭرى كەتكەن يايلىغى.
ئۈزۈلمەيدۇ قىشمۇ ياز،
كولامچى قاش تاشچىلار .
تېپىپ يەيدۇ نېنىنى،
بازار تېپىپ كانچىلار.
تۈگۈمەيدۇ بۇ بايلىق،
كۈنۈم تۇشار ماشىنا.
كۆرسىڭىزمۇ سىزمۇ ھەم،
بۇ بايلىققا ئاشىنا.
قىزىقتۇرار ھەممىنى،
ئېقىپ يۈرگەن قاش تېشى.
سىزمۇ بىر كىلىپ كېتىڭ ،
كۈتۈۋالار ياش -قېرى.
خەلقلىرى مىھماندوس،
كۈتۈۋالار خۇش چىراي.
قۇنۇپ كېتىڭ بىر كېچە ،
ئالما ئۈرۈك قاق يىراي.
ئۆز قەلىمىم