كۆرۈش: 1506|ئىنكاس: 8

شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۆۋەتتە مەن سىزلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور بەتنىڭ نامى «شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مۇلازىمەت سۇپىسى »
(新疆基础教育资源公共服务平台培训) بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەققىقات ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ زور مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشى ئارقىسىدا روياپقا چىققان ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئۈلگىلىك، نادىر دەرسلىكلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنغان تور مۇلازىمەت سۇپىسىدۇر.
تور بەت ئادرىسى:
شىنجاڭ ئاساسىي مائارىپ ماتىريال مەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسى
新疆基础教学资源服务平台
http://edu.xjcxedu.com
شىنجاڭ قوشتىل ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى مۇلازىمەت سۇپىسى
新疆双语教学资源服务平台
   http://rsp.xjsyjx.net
بۇ ئىككى تور بەتكە تىزىملىنىپ كىرگەندىن كېيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ دەرسىگە ئائىت ھەرقانداق دەرسلىك دېتالى، ئوقۇتۇشقا ئائىت ھەرخىل سىن، رەسىم، ئاۋاز... قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز. ئۆزىڭىزدە بار بولغان دەرسلىكلەرنى باشقا ئوقۇتۇش رايونىدىكى ئوقۇتقۇچى دوستلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. ئۆزئارا پىكىرلىشەلەيسىز.
قوش تىل ئوقۇتۇشقا ئائىت چەكمە ئوقۇتۇش ، تەكرار ئوقۇتۇش، خەتنىڭ تۈزىلىشى،  يېزىلىش تەرتىپى،  پىنيىن ھەم تون بەلگىسى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قاتارلىقلاردىن بىرلا ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.
بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدا لاھىيلەنگەن بولۇپ، ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى بىمالال پايدىلىنالايدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-10 19:35:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى ئۇچۇر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە ……
ۋاقتى: 2014-12-10 22:52:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر .  بولسا ئىلغار ئەپەندىم  سىلەرنىڭ ناھىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن بىر تۇتاش بۇ ماۋسۇمدا تارقىتىپ بەرگەن ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ دەرىسلىك دىتاللىرىنى ماۋسۇملار بۇيىچە تۇلۇق يوللاپ قويغان بولسىڭىز .  بۇلۇپمۇ ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتىماتىما ، تىل ئەدەبىيات . خەنزۇ تىلى ، جەمىئەت قاتارلىق پەنلەرنى تۇلۇق تارقىتىپتۇ .  بىز بۈگۈنكى كېرىيە ناھيىسىدە خىزمەتنى تەكشۈرۈشتە بايقىدۇق . بەك ياخشى قىلىپتۇ مائارىپ ئىدارىسى .
ۋاقتى: 2014-12-11 00:14:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    شىنجاڭ قوشتىل ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئىچىلمدىغۇ
ۋاقتى: 2014-12-11 13:33:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ھەممە ئوقۇتقۇچىنى بۇ سۇپىلارغا چىقىشقا چاقىرۋاتىدۇ ، بڭزنىڭ مەكتەپنىڭمۇ شۇنداق . رەھمەت ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىنلەپسىز .
ۋاقتى: 2014-12-16 18:42:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى خۇش خەۋەر ئىكەن .ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت .
ۋاقتى: 2014-12-19 10:19:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇر ئكەن  رەخمەت  سىز گە
ۋاقتى: 2014-12-28 20:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۇپا ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيەلنىپتۇ   ماتىريال مەنبەسى خېللا مول ئىكەن  بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ  ئورتاق پايدىلنىشقا بۇلىدىكەن   ئختىدارى خللا مۇكەممەل ئىكەن  
ۋاقتى: 2014-12-31 21:47:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆرۈپ باقتىم ،بۇ سۇپىلاردىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلانغاندا بىرىنچىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ،دەرسخانىدا بەك كۈچەپ ،قىينىلىپ كەتمەي ،ئازادىلىك ،يېنىكلىك بىلەن دەرس ئۆتكىلى بولىكەن؛ئىككىنچىدىن،ۋاقتنى تېجىگىلى ،ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىكەن؛ئۈچىندىدىن،سىن،ئاۋاز،بايلىقلىرى ۋە قوشتىللىق تىل ماتېرىياللىرىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىكەن؛تۆتىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىقكەن؛بەشىنچىدىن،تور مۇھىتىدا چۈشۈرۈۋېلىپ تور يوق مۇھىتتا  تور باي يەردىكىكىگە ئوخشاشلا خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولىكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش