كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 3

تۈگۈتەيلى ئىللەتنى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىلغار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 20:32  

تۈگۈتەيلى ئىللەتنى
ئوقۇتقۇچىلىق شەرەپتۇر،
مۇئەللىملەرمۇ بار ئۇنداق.
ئۆز كەسپىگە كويمەتقان،
سۇ قۇشقۇچى بار مۇنداق.

ماۋسۇم بېشى كەلسىلا،
ئاغرىپ قالار يا ئۇنداق.
خىزمەت تەخسىم تۈگىسە ،
كىلىپ قالار يا مۇنداق.

ئورۇنلاشتۇرسا خىزمەتنى،
قىلسۇن ئۆزى ‹‹باشلىق›،دەپ.
كىتىپ قالار ئۆيىگە،
قىلدىم ئەينا بايام دەپ.

خىزمەت تەخسىم قىلسىلا،
ۋايسايدۇ مەن كېسەل دەپ.
سەۋەپ تۇقۇپ ھەمىشە،
يېتىۋالار ئارام دەپ.

ماۋسۇم ئاخىر كەلسىلا،
يامان يولدىن قايتمايدۇ.
يۆگەش ئۆچۈن ئەپتىنى ،
ھەر تەرەپكە قاترايدۇ.

گېلى تويماس باشلىقلار ،
ئادىللىقنى ئۇنتۇيدۇ.
سوغا سالام ئالدىدا،
بېشى قېيىپ ئاينىيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بۇ باشلىق،
بۇ مېتىنى يۆگەيدۇ.
مەكتەپ تۈزۈم كار قىلماس،
ھەممە ئىشلار تۈگەيدۇ.

قاتراپ يۈرۈپ بۇ مېتى،
باشلىق بوپتۇ بۈگۈن ھەم.
بۇ مېتىنى كىم قوللار ،
مەغرۇر يۈرەر كۈنۈم ھەم.

ھەي مۇئەللىملەر ئويلاڭلار،
سايلام ھۇقۇق نە كەتتى.
ئادىللىقلار يۇقۇلۇپ،
ئاھ،پەريات كوككە يەتتى.

ئىبرەت بولسۇن ھەممىگە ،
مائارىپتىكى ساختىلىق.
تۈگۈتەيلى ئىللەتنى،
قول تۇتۇشۇپ ياخشىلىق.

2014يىلى 11- ئاي

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-11 17:24:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەنى ئەسكەرتمەپسىز . بۇنى ئۇنتىمىغايسىز .
ۋاقتى: 2014-11-12 09:51:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئوبدان كەلتۈرۈپتۇ.!!!

مائارىپتىكى ساختىلىق - مىللەتتىكى مەنىۋىي ئاختا لىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-26 14:01:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraturk يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:51
خېلى ئوبدان كەلتۈرۈپتۇ.!!!

مائارىپتىكى ساختىلىق - مىللە ...

شېرىمنى ئوقۇغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش