كۆرۈش: 1721|ئىنكاس: 24

يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى

    بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە يادەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر ئايدا 1500 يۈەن بولىدىكەن.
   29-دېكابىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى مائارىپ بايلىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ، چەت - يىراق دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹لايىھە›› دېيىلدى) يولغا قويۇلىدىكەن.
   ‹‹لايىھە›› دە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆلچىمى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلىدىكەن، دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مەركەزنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ياردەم بېرىش دائىرىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقىچە كېڭىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.
   ‹‹لايىھە›› قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالتە يىل ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدە مەجبۇرىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
   بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۇچا، چىرا، يېڭىشەھەر، ئاقتۇ قاتارلىق ناھىيەلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتىكى تايانچ ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى يادرو قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

مەنبە :  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-2 20:56:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر
ۋاقتى: 2015-2-2 21:44:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قۇلاققا خۇش ياقىدىغان خەۋەركەن . رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-2-2 22:29:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوججەت ئاسارە-ئەتىقە ئورنىدا ساقلانماي، نەخ ئەملىلەشسە بۇلاتتىغۇ.
ۋاقتى: 2015-2-2 23:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە 1500 يۈەن ئۈسىدىكەندە  باشقا مائارىپچىلارغا ئۆسمەسمۇ قانداق ؟ بۇ خەۋەرنى خېلى بۇرۇن ئاڭلىغان ئەپسۇس ھەر يىلى يىل ئاخىردا بىرىدىكەندە

باھا سۆز

يىل ئاخىرىدا ئەمەس ، ھەر ئايدا بېرىلىدىكەن ، پەقەت ئىشلەۋاتقانلارغىلا ... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-21 14:06
ۋاقتى: 2015-2-3 10:19:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ خۇش خەۋەركەن ، كەسىپداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇشۇنداق سىياسەتلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
ۋاقتى: 2015-2-3 12:34:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەردە خىزمەت قىلۋاتقانلارغا يوقكەندە ئەپسۇس. يېزىدىكىلەر بولسىمۇ نەپكە ئىرىشىپتۇ مەن خوش بولدۇم
ۋاقتى: 2015-2-3 15:05:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنتايىن ياخشى خەۋەركەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ قوشۇلارمۇ.
ۋاقتى: 2015-2-3 15:50:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زادى قانداق 1500 يۈئەن . ئايدىمۇ ياكى بىر يىلدا 1500 مۇ تەپسىلى بىر چۈشەندۈرۈپ قۇيالامىسز ؟
ۋاقتى: 2015-2-3 16:32:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش خەۋەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش