تېما يوللاشتا دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
بايقاش مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مۇنبىرى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن بۇيان، ئاتامان ئادمىن ئەپەندىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشى ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىكى، مۇنبەردىكى كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ ئۆز ئارا ياردەم ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقى ئاساسىدا مۇنبەرنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ھەر ساھە دوستلارنىڭ يېقىندىن ھەمدەمدە بولىشى نەتىجىسىدە، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش قاتارلىق بىر قاتار ئەگرى-توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى نادىر تېمىلىرى، دوستانە، ئىللىق مۇناسىۋەت مۇھىتى ۋە ئۈمۈد-ئىشەنچكە تولغان كەلگۈسى مەنزىلى بىلەن رايونىمىزدىكى كەڭ مائارىپچىلار ۋە ھەر ساھە دوستلارنى ئۆز ئەتراپىغا ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەزالىرى 5000 دىن ئاشقان ئىجتىمائى توپقا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەڭ مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى بۇلۇپ، رايونىمىز ئۇيغۇر مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى ۋە ھەر ساھە دوستلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى. مۇنبەرنىڭ پايدىلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ماتىرىيال ئىزدىگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش مەخسىتىدە ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مۇنبەردىكى سەھىپىلەرنى رەتلەش خىزمىتى ئىشلەندى. ئاتامان ئادمىن ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە مۇنبەردىكى سەھىپىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، رەتلەش ۋە كونا سەھىپىدىكى ماتىرىياللارنى يېڭى سەھىپىلەرگە يۆتكەش خىزمىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردىكى سەھىپىلەرنى رەتلەش، ماتىرىياللارنى يۆتكەش داۋامىدا تېما يوللىغۇچى تورداشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان: تېمىلارنى ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتىرىغا ماس كېلىدىغان سەھىپىلەرگە يوللىماي، ئۇدۇل كەلگەنلا سەھىپىگە يوللاپ قويۇش، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دەرس تەييارلىقى، دەرسلىك دىتالى، دەرسلىك كىتاپ ۋە ئىمتاھان سۇئاللىرىنىڭ قايسى خىل مەكتەپ، قانچىنچى يىللىق، قانچىنچى ماۋسۇملۇق ماتىرىيال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەسلىك، ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بولماسلىق، بولسىمۇ تولۇق، توغرا بولماسلىق، بۇنىڭ بىلەن مۇنبەردە تورداشلار ئېھتىياجلىق ماتىرىياللار تولۇق بولسىمۇ، ماتىرىيال ئىزدىگۈچىلەر ئىزدەپ تاپالماي پايدىلىنالماسلىق..... قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ساقلىنىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇۋاتقانلىقى، تورداشلارنىڭ ئەمەلى ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مۇنبەرنىڭ سەرخىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇخىل مەسىلىلەرنى جىددى تۈزۈتىشىمىز لازىملىقى بايقالدى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزدىكى كونا-يېڭى بارلىق تورداش دوستلارغا مۇنبەرگە تېما يوللاش جەھەتتە تۆۋەندىكى نوختىلارنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز: 1.يوللىنىدىغان تېمىلارنى ئۇدۇل كەلگەنلا يەردىن ئەمەس، بەلكى باش بەت ياكى مۇنبەرنىڭ يۇقۇرى قىسمىدىكى «تېما يوللاش» كۆزنىكىدىن يوللاش.
2. «تېما يوللاش» كوزنىكىنى ئاچقاندىن كېيىن يوللىماقچى بولغان ماتىرىيالنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتىرىغا ماس كېلىدىغان چوڭ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋە كىچىك سەھىپىلەرنى تاللاش، ئۇنىڭدىن كېيىن «تېما يوللاش» كۆزنىكىنى بېسىپ، تېما يوللاش رايونى(تاختىسى)غا كىرىش. مەسىلەن:
3.تېما يوللاش رايونىغا كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ماۋزۇ سىتونىغا يوللىنىدىغان ماتىرىيالنىڭ نامىنى ئىخچام، چۈشۈنىشلىك يېزىش. يەنى بۇ ماتىرىيال قانداق مەكتەپ، قانچىنچى يىللىق، قانچىنچى ماۋسۇمنىڭ، قانداق ماتىرىيالى ئىكەنلىكىنى تولۇق يېزىش. مەسىلەن: «باشلانغۇچ قوشتىل 5-يىللىق 2-ماۋسۇم تىل-ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى» دىگەندەك. ئۇنىڭدىن كېيىن تېما يوللاش رايونىغا يوللىنىدىغان ماتىرىيالنىڭ تەپسىلى نامى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، تىل ئايرىمىسى، سىغىمى، مەنبەسى..... قاتارلىقلارنى تەپسىلى يېزىش. مەسىلەن:
ئۇنىڭدىن كېيىن قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش رايونىدىن ماتىرىيال يوللاپ، تېما يوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش.
بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەرگە تېما يوللاشتا ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ، ھەر بىر تېمىنى مەزمۇنى ۋە خاراكتىرىغا ماس كېلىدىغان سەھىپىلەرگە يوللاپ، مۇنبەرنىڭ، مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك خاسلىقىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!
بايقاش مائارىپ تورى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
|