كۆرۈش: 522|ئىنكاس: 1

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى

)1985 - يىل 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنىدا  ماقۇللاندى، 1985 - يىل  9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 28 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى(

مۇندەرىجە

- 1باب ئومۇمىي پرىنسىپ  

2 -باب ئۆلچەم ئېتالون قوراللار، ئۆلچەم ئۈلگە قوراللار ۋە ئۆلچەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش
-3  باب ئۆلچەم قوراللىرىنى باشقۇرۇش
-4  باب ئۆلچەم نازارەتچىلىكى
-5  باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
-6  باب قوشۇمچە پرىنسىپ
-1  بابئومۇمىي پرىنسىپ

-1  ماددائۆلچەمنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئۆلچەم بىرلىكلىرى سىستېمىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مىقدار قىممەتلىرنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.
-2  مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۆلچەم ئېتالون قوراللىرى ۋە ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى قۇرۇشتا، ئۆلچەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە، ئۆلچەم قوراللىرىنى ياساشتا، رېمونت قىلىشتا، سېتىش - سېتىۋېلىشتا ۋە ئىشلىتىشتە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.
3-ماددا:ئۆلچەم  بىرلىكلىرى بىلەن دۆلەت تاللاپ بېكىتكەن باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنىي ئۆلچەم بىرلىكلىرى قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنىي ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ  نامى ۋە شەرتلىك بەلگىلىرىنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ قانۇنىي ئۆلچەم بىرلىكلىرى تەركىبىگە كىرمەيدىغان بىرلىكلەر بىكار قىلىنىشى لازىم. بىكار قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ  چىقىدۇ.
-4  مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەمۇرىي دائىرىسى ئىچىدىكى ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

–2  باب ئۆلچەم ئېتالون قوراللار،ئۆلچەم ئۈلگە قوراللار ۋە ئۆلچەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش

-5  مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تۈرلۈك ئۆلچەم ئېتالون قوراللارنى قۇرۇپ، ئۇلارنى مەملىكەت بويىچە مىقدار قىممەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئالىي ئاساس قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
-6  مادداناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جەمئىيەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى قۇرۇپ، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
-7  مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئاساسىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك  خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ئاساسىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز تارماقلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تارماقلىرى ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى قۇرسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئەڭ ئالىي ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
-8  مادداكارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجغا ئاساسەن ئۆز ئورۇنلىرى ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى قۇرسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى  ئەڭ ئالىي ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرى مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
-9  مادداناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى جەمئىيەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى، تارماقلار، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ ئالىي ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرىنى ۋە يەنە سودىدا ھېسابنى بوغۇش، ئامانلىق ساقلاش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش جەھەتلەردە ئىشلىتىدىغان مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن خىزمەت ئۆلچەم قوراللىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ  بېكىتىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە لاياقەتسىز بولغان ئۆلچەم قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىغان خىزمەت ئۆلچەم قوراللىرىنىڭ مۇندەرىجىسى بىلەن باشقۇرۇش چارىسىنى  گوۋۇيۈەن تۈزۈپ  چىقىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە كىرمەيدىغان باشقا ئۆلچەم ئۈلگە قوراللىرى بىلەن خىزمەت ئۆلچەم قوراللىرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزلۈكىدىن قەرەللىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ياكى ئۆلچەم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى باشقا ئورگانلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكۈزۈپ بېكىتىشى لازىم. بۇنى ناھىيىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارىمىقىدىكى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
-10  ماددائۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش سىستېما سخېمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش سىستېما سخېمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈپ  چىقىدۇ.
ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە، ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈپ  چىقىدۇ. دۆلەتلىك ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىسى بولمىغانلارنى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تارماق ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەملىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدىلىرىنى  تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
11 - ماددائۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى ئىقتىسادچىل، ئەقىلغا مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئۆز جايىدا، ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

3 – باب ئۆلچەم قوراللىرىنى باشقۇرۇش

12 - ماددائۆلچەم قوراللىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانا،  كەسپىي ئورۇنلار ياسىغان، رېمونت قىلغان ئۆلچەم قوراللىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان قۇرۇلما، ئادەم ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ھازىرلىشى، ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ، «ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» ياكى «ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى»نى ئېلىشى شەرت.
ئۆلچەم قوراللىرىنى ياسايدىغان ۋە رېمونت قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ «ئۆلچەم قوراللىرىنى ياساشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» ياكى «ئۆلچەم قوراللىرىنى رېمونت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى»نى ئالمىغانلىرىغا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىپ بەرمەسلىكى لازىم.
13 - ماددائۆلچەم قوراللىرىنى ياسايدىغان كارخانا،   كەسپىي ئورۇنلار بۇرۇن ئىشلەپ باقمىغان يېڭى ئۆلچەم قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولسا، ئۆلكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى بۇ قورال ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆلچىمىنى سىناق قىلغاندا لاياقەتلىك بولۇشى شەرت، شۇندىلا ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ.
14 - مادداگوۋۇيۈەن بىكار قىلىشنى بەلگىلىگەن قانۇنسىز ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى قوللىنىپ ياسالغان ئۆلچەم قوراللىرى ۋە گوۋۇيۈەن ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان باشقا ئۆلچەم قوراللىرىنى گوۋۇيۈەن ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ياساشقا، سېتىشقا ۋە ئىمپورت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
15 - ماددائۆلچەم قوراللىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياسىغان ۋە رېمونت قىلغان ئۆلچەم قوراللىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت. مەھسۇلات ئۆلچىمىنىڭ لاياقەتلىكلىكىگە كېپىللىك قىلىپ، لاياقەتلىك مەھسۇلاتلارغا لاياقەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى بېرىلىشى لازىم.
ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى، ياسالغان ۋە رېمونت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
16 - ماددائىمپورت قىلىنغان ئۆلچەم قوراللىرى ئۆلكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بېكىتىشىدە لاياقەتلىك بولغاندىلا، بۇنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
17 - ماددائۆلچەم قوراللىرىنى ئىشلەتكەندە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەت ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18 - ماددايەككە سودا - سانائەتچى ئائىلىلەر ئاددىي ئۆلچەم قوراللىرىنى ياسىسا ۋە رېمونت قىلسا بولىدۇ.
ئۆلچەم قوراللىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان يەككە سودا - سانائەتچى ئائىلىلەر ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلىشىدە لاياقەتلىك بولۇپ، «ئۆلچەم قوراللىرىنى ياساشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» ياكى «ئۆلچەم قوراللىرىنى رېمونت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى» بېرىلگەندىن كېيىنلا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تىجارەت گۇۋاھنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يەككە سودا - سانائەتچى ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچەم قوراللىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش دائىرىسى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى  گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈپ  چىقىدۇ.

4 – باب ئۆلچەم نازارەتچىلىكى

19 - مادداناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆلچەم نازارەتچىلىرىنى بېكىتىدۇ. ئۆلچەم نازارەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈپ  چىقىدۇ.
20 - مادداناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگانلىرىنى قۇرسا ياكى ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئورگانلىرىغا باشقىدىن مەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش، باشقىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش  ۋە ئۆلچەپ سىناش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش ھوقۇقىنى بەرسە بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئۆلچەپ سىناش ۋەزىپىلىرىنى بېجىرگۈچىلەر سىناقتىن ئۆتۈپ، لاياقەتلىك بولۇشى  شەرت.
21 - ماددائۆلچەم قوراللىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەت ئۆلچەم ئېتالون قوراللىرى ياكى جەمئىيەتتە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملەردە ئۈلگە قوراللىرى بىلەن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن سانلار ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
22 - مادداجەمئىيەتكە ئادىل سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش  ئورگانلىرىنىڭ ئۆلچەملەرنى تەكشۈرۈش  بېكىتىش، ئۆلچەپ سىناش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ئۆلكىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن سىناق قىلىنىپ لاياقەتلىك بولۇشى شەرت.

5 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

23 - ماددا«ئۆلچەم قوراللىرىنى ياساشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى»، «ئۆلچەم قوراللىرىنى رېمونت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى»نى ئالماي تۇرۇپ، ئۆلچەم قوراللىرىنى ياسىغان ياكى رېمونت قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودىسى توختىتىلىپ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.
24 - ماددالاياقەتلىك   سىناقتىن ئۆتمىگەن ئۆلچەم قوراللىرى ياسالسا ۋە سېتىلسا، ئۇلارنى ياساش، سېتىش توختىتىلىپ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.
25 - مادداياسالغان، رېمونت قىلىنغان ۋە سېتىلغان ئۆلچەم قوراللىرى لاياقەتسىز بولسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.
26 - ماددامەجبۇرىي تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىغان دائىرىگە كىرىدىغان ئۆلچەم قوراللىرى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ياكى تەكشۈرۈپ لاياقەتسىز بولغان بولسىمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقانلىرى، ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.
27 - ماددالاياقەتسىز ئۆلچەم قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ياكى  ئۆلچەم قوراللىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەت ۋە ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزگۈچىلەردىن زىيان تۆلىتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەم قوراللىرى بىلەن قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.
28 - ماددائىستېمالچىلارنى ئالداش مەقسىتىدە ئۆلچەم قوراللىرى ياسىغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۆلچەم قوراللىرى بىلەن قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىپ، جەرىمانە قويۇلىدۇ.  قىلمىشى ئېغىر بولغان شەخسىيلەر ياكى ئورۇنلاردىكى بىۋاسىتە جاۋابكارلار ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ياكى ھايانكەشلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا جىنايى جاۋابكارلىقى  سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
29 - ماددابۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ياسالغان، رېمونت قىلىنغان، سېتىلغان ئۆلچەم قوراللىرى لاياقەتسىز بولۇپ، ئادەم يارىدار بولۇش، ئۆلۈش ياكى زور كۆلەمدىكى مال - مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شەخسلەر ياكى ئورۇنلاردىكى بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۇرۈلىدۇ.
30 - ماددائۆلچەم نازارەتچىلىرىدىن قانۇنسىزلىق قىلىپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىرىنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، قىلمىشى يەڭگىلرەكلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
31 - ماددابۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي چارىنى ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ  ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى قارار قىلىدۇ. بۇ قانۇننىڭ 27 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي چارىنى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.
32 - ماددادەۋاگەر مەمۇرىي چارىگە  قايىل بولمىسا، چارە كۆرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 15  كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ؛ جەرىمانە، قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدىكى مەمۇرىي چارىنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددىتى ئىچىدە ئەرز بەرمىگەن ۋە ئۇنى ئىجرا قىلمىغۇچىلار ئۈستىدىن، مەمۇرىي چارىنى قارار قىلغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

33 - مادداجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائەت سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇن بويىچە ئايرىم  تۈزۈپ  چىقىدۇ.
34 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى  تۈزۈپ  چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە  تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
35 - ماددابۇ قانۇن 1986 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-9-20 15:32:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرخىل قانۇن تۈزۈملەر بىلەن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت! قانۇن ئۈگۈنۈپ ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغدايلى!!!!!   
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش