- تىزىملاتقان
- 2011-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- تېما
- 81
- يازما
- 97
 
- يوقلىما
- 36
قىزغىنلىق- 226 سەر
تىللا- 201 دانە
تۆھپە- 139 سەر
شۆھرەت- 201 سەر
        
| گۆشسىز ۋە گۆشلۈك يېمەكلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدابىز گۆشتىن ئايرىلالمايمىز، گۆش تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قانداقئوزۇقلۇق قىممىتى بار، گۆشسىز يىمەكلىكلەرچۇ؟
گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىيېيىشنى تەشەببۇس قىلىش ئوزۇقلۇق شۇناسلارنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم پىكرى. سۇيۇق - سەلەڭ گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئازىراق ئىستېمال قىلىش، ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ تەن ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈشتە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. بولۇپمۇياشانغانلارنىڭ ھەزىمقلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، كۆپرەك دېققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. گۆشسىز يېمەكلىك ئىستېمالقىلىش دېگەنلىك، گۆشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى گۆشسىز تاماقلارنى ئاساس قلىش دېگەنلىكتۇر. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىن قارىغاندا گۆشلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالتسىي، مايدا ئېرىشچان ۋىتامىنلارگۆشسىز يېمەكلىكلەرگەقارىغاندا كۆپ؛ گۆشسىز يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغلار، ۋېتامىنلار ۋە يىرىك تالالارنىڭمىقتارى گۆشلۈك تائاملارغا قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. گۆشسىزتائاملاردا كۆپىنچە ئاشلىق بىلەن كۆكتات ئاساسلىق ئورۇندا بولغاچقا، ئىستېمال قىلغاندىنكېيىن قان سۇيۇقلۇقى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. گۆش، تۇخۇم، بىلىق تۈرىدكى يېمەكلىكلەر كېسلاتالىقيېمەكلىكلەر بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقى كېسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. قانسۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت كېسلاتالىق ياكى ئۆت ئىشقارلىق بولۇپ كېتىشى ئوخشاشلا ساغلاملىققا زىيانلىق. شۇڭلاشقا ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغانئورۇنلاشتۇرۇشلا يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى.
گۆشسىز ۋە گۆشلۈكتائاملارنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
كۈندىلىك يېمەك - ئىچمەكنىڭتۈرىگە نىسبەتەن بەزى ئادەملەر گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، بەزىلەر گۆشسىز تائاملارنىئىستېمال قلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلىدىغانلار ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىلەر ئورگانىزىمنى ئەلا سۈپەتلىكئاقسىل ۋە ماي بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم مېڭىسىنى ۋە بەدەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭلاشقا، گۆشلۈك تائاملارنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەم قاۋۇل، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ دەپ قارىسا؛ گۆشسىز تائاملارنىئىستېمال قىلىدىغانلار گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق ئاسان سۈمۈرىلىدۇ، گۆشسىز يېمەكلىكلەر قاننى تازىلاش، بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىلەردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سۈمۈرىلىشىنىئازايتىش ياكى كېچىكتۈرۈشرولى بار دەپ قارايدۇ.
ئوزۇقلۇق ئىلمىي نۇقتىسىدىنقارىغاندا گۆشلۈك ھەم گۆشسىز تائاملارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭلا پايدىلىق ھەم زىيانلىقتەرەپلىرى بار. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتىن قارىغاندا گۆشلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالتسىي مايدا ئېرىشچان ۋېتامىنلارنىڭمىقتارى گۆشسىز يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. گۆشسىزيېمەكلىكلەردىكى تويۇنمىغان ئالفاتىك كىسلاتا، ۋېتامىن، سېللولوزا ۋەبەزى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتدىكى ئېلېمېنتلار گۆشلۈك تائاملارغا قارىغاندا مولبولىدۇ. مەيلى گۆشلۈكتائاملار ياكى گۆشسىز تائاملار بولسۇن ئىككىلىسىلا ئادمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەردۇر. ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى بولىدۇ. ساغلام ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۈشنىڭئاساسىي يېمەك - ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلىشىدا بولۇپ، ھەرگىزمۇ گۆشلۈك تائاملارنى ياكىگۆشسىز تائاملارنى يېيىشتە ئەمەس. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە ماسلىشىشىغائەھمىيەت بېرىشھازىرقى زامان ئۇزۇقشۇناسلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىنى مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق. توغرا بولغان يېمەك - ئىچمەك ئۇسۇلى بىرتەرەپنى چەتكە قېقىپ، يەنە بىر تەرەپنى چىڭ تۇتۇشتا ئەمەس. مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك مۇۋازىنىتىنى ساقلاشتا ئىپادىلىنىدۇ.
گۆشسىز تائاملاردا يىرىكتالا مىقتارى نىسبەتەن كۆپ، ئۇ گەرچە ئوزۇقلۇق ماددا بولمىسىمۇ، تەن ساغلاملىق ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماددا ھېسابلىنىدۇ. تالالار سۈمۈرۈلۈپ كۆپۈپ ئادەمدەكۆيۈش سېزىمى پەيدا قىلىپ، يېمەكلىلەرنىڭ مىقتارى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. تالالار ئاشقازان - ئۇچەينىڭ ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىمقىلىش ۋە چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مېتابولىزىمنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى بەدەن سىرتىغاھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، بەدەننىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈش مىقتارىنى ئازايتىپ، قەۋزىيەت چوڭ ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، گېمورروي قاتارلىق ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بىر قىسىمتالالار يەنە ئۈچەي يوللىرى مېكروپ، باكتېرىيىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىنوزىتول، فولىك كىسلاتاقاتارلىق B تۈردىكى ۋېتامىنلارنى نىتىزقىلىپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ. يېمەكلىك تالالىرى يەنەقەنتلەرنىڭ سۈمۈرىلىشىنى ئاستىلاتقاچقا، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئوزۇقشۈناسلارنىڭسۆزىگە ئاساسلانغاندا ،كۆشسىز تائاملارنىڭ بەدەن ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بولۇپ، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆسۈملۈك مېيىنىڭمىقتارى ئېشىپ، تېرىنىڭ پاقىراقلىقىنى ساقلىغىلى بولىدىكەن. چۈنكى كۆكتاتلار تەركىبىدىكى ئىشقارلىقماددىلار بىلەن ۋېتامىنلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ۋە تەر بېزىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى تەڭشەش رولىبولغاچقا، تېرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئاشۇرىدۇ، ئۆسۈملۈك مېيى تەركىبىدىكى لىئولىئىك كىسلاتا كۆڭۈلدىكىدەك تېرەگۈزەللەشتۈرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدىكى ۋېتامىن E تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، گۆشسىز تائاملاريەنە چاچنىڭ قارا ھەم پاقىراقلىقىنى ساقلايدۇ. مەيلى ياز پەسلى ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنىڭبەدەنگە پايدىسى بار. ئەمما گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئويلىشىش كېرەك، بۇ يەردىكى ھالقىلىقمەسىلە قانداق ماسلاشتۇرۇشتا. كىشىلەر 1 نىڭ 3 كە نىسبىتى بويىچە يەنى ئۈچ ئۈلۈش كۆكتات، بىر ئۈلۈش گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىئىستېمال قىلسا ھەم ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈشكە ئوخشاشلا پايدىسى بولىدۇ.
گۆشسىز تائاملار تەمىنلەپبېرەلەيدىغان ئېنىېگىيە ئاز، ئاقسىل، ماي كەمچىل بولغاچقا، ئۇزۇن مەزگىلگۆشسىز تائاملارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1-، ئاقسىل، ماي، تۇيۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كەمچىل بولىدۇ. ئاقسىلبەدەندىكى ھۈجەيرە، تۇلۇقلىمىلارنى تۈزگۈچى ۋە تۇلۇقلاپ تۇرغۇچى ئاساسلىق ماددا. ماينىڭ ئېنېرگىيەبىلەن تەمىنلىنىش مىقتارىمۇ يۇقىرى، تۇيۇنمىغان ئالفاتىك كىسلاتانىڭ " مېڭىنىڭ ئاشلىقى" نامىبار بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2 -، ۋېتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىكلەردىكىمايلار كەمچىل بولسا مايلار ئېرىشچان ۋېتامىن A، D، E، K قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
3- ،مېكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكىزۆرۈر بولغان مېكرو ئېلېمېنتلار مەسىلەن: سىنك، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلارئاساسلىقى گۆشلۈك يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ. سىنىكنىڭئاساسلىق كىلىش مەنبەسى ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېمەك - ئىچمەكتىكى %80 كالتسىي سۈت تۈرىدىكىلەردىن كېلىدۇ. گۆشسىز يېمەكلىكلەردىكىسىنىك، كالتسىي، تۆمۈر مىقتارى ناھايىتى ئاز، ئەمما فېكتىك كىسلاتا ۋەئوكسالات كىسلاتانىڭ مىقتارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، سىنىك، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مېكروئېلېمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگەتوسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇن مۇددەت گۆشسىز تاماقلارنى ئىستېمال قىلغۈۇچىلاردا ئاسانلا مېكرو ئېلېمىتلاركەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بەزى كېسەللىكلەر كۆرىلىدۇ. مەسىلەن: سىنىك كەمچىل بولسا تاماق يىگۈسىكەلمەسلىك، تاماق تاللاش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. كالتسىي كەمچىل بولسا بالىلاردا راخت كېسىلى، چوڭلاردا سۆڭەكشالاڭلىشىش كېلىپچىقىدۇ. تۆمۈر كەم بولسا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ ھەم بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنغاتەسىر كۆرسىتىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا گۆشلۈك ھەم گۆشسىز تاماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋەپايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشىمىزغا باغلىق
|
|