- تىزىملاتقان
- 2011-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- تېما
- 81
- يازما
- 97
 
- يوقلىما
- 36
قىزغىنلىق- 226 سەر
تىللا- 201 دانە
تۆھپە- 139 سەر
شۆھرەت- 201 سەر
        
| «ياغلىق قاپاق» ۋە بۇلغانغان كىملىك
بۇ ماقالە تۇلۇق تىكىستى بىلەن تۇلۇقلاندى،قايتىدىپ كۈرپ باقارسىلەر _جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى قالپاق نەزەرىيىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكىگە نەزەر_
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق.
-ئۇيغۇر خەلق تەمسىلى
تېمىغا كىرىش: ياغلىق قاپاق ئۇقۇمىنى چۈشىنىش
پاكىت تەھلىلى(1)
ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى نۇرخان سەتەڭ ئىدى. ئات كۆتۈرۈپ قالغاچقا، قۇلۇم- قوشنىلار ،مەھەللە-كويدىكىلەر ئۇنىڭدىن قاچاتتى. ئىككى قىزغا ئانا بولغان بۇ ئايال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەۋىسىنى، ئويۇننى تاشلىمىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسىغىمۇ، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرگىمۇ پسەنت قىلىپ كەتمىدى.«بەرىبىر باشقىلار مېنى ياخشى دېمەيدۇ»دېگەن قاراش بىلەن ئۇ ئۆزى بىلگەننى قىلاتتى. ئاياللار ئۇنىڭدىن قورقاتتى-يۇ، يەنە ئارقىسىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن ئوچۇق_ئاشكارا ئىشپەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكى ھەققىدە ھېكايىلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشەتتى. بالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئوينىشىغا يول قويمايتتى. ئىشىكى ئالدىدىن ناگان_ناگاندا ئۆتۈپ قالغىنىمىزدا ئۇنىڭ قاش كۆزلىرىنى بوياپ، ياسىنىپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغانلىقىنى، گاھىدا چىلىم تارتقاچ يولدىن ئۆتكەن ئەرلەرگە قاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەۋەسنى تاشلىمىغان بۇ ئايال قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئىككى قىزى ئات كۆتۈرۈپ قالغان ئانىسىنىڭ كاساپىتى بىلەن قېرى قىز بولۇپ قالغىچە ياتلىق بولالمىدى . گەرچە بۇ قىزلار ئانىسىدەك ئەگرى يولدا ماڭمىغان بولسىمۇ ، مەھەللە-كويدىن ئۇلارغا لايىق چىقمىدى .
(راست ئىشلار خاتىرىسى)
نۇرخان سەتەڭنىڭ چىرايى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. كىچىكىمدە بىز بىلەن بىر مەھەللىدە ئولتۇرىدىغان بۇ ئايالنىڭ يۈرۈش_تۇرۇشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكىمۇ، ياكى ئۇنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە تارقالغان ھېكايىلەر بەك قىزىقارلىق ئاڭلانغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ كاساپىتى بىلەن بەختى ئېچىلمىغان ئىككى قىزىنى پات-پات ئەسلەپ قالىمەن. ھاۋاي ئۇنۋېرسىتىتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسىدە «قالپاق نەزىرىيىسى» (LabelingTheory,标签理论)نى ئۆگىنىپ تەھلىل قىلىش جەريانىدا نۇرخان سەتەڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى ئەسكە ئالدىم. نۇرخان سەتەڭنىڭ كەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭ بەختى ئېچىلمىغان ئىككى قىزىنىڭ قىسمىتى «قالپاق نەزىرىيىسى»دە ۋە بۇ ماقالىدە نۇقتىلىق تەھلىل قىلىنىدىغان «ياغلىق قاپاق»(( Stigma,污名ئۇقۇمىغا ئوبدان مىسال بولالايتتى. نۇرخان سەتەڭ مەھەللىسىدىكى ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان مىزانلارغا مۇخالىپ ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەھەللە كوي ئارىغا ئالمىغانىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈشكەنىدى . ئەھلى جامائەت ئارىغا ئالمىغانسېرى ، يەكلىگەنسېرى ئۇ ئۆزى بىلگەن يولدا مېڭىۋەرگەن، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىغانىدى. باشقىلارنىڭ ئۇنى بۇزۇق دېيىشى ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئۆز ھەرىكىتى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى باھالارغا ئاساسەن كىملىكىنى مۇقىمدىشى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي بىنورمال ھەرىكەت (social deviant,越轨行为)لەرنى سادىر قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولغان ئىدى. دىققەتكە ئەرزىيدىغان تەرەپ شۇكى ، ئانىسىنىڭ ئات كۆتۈرۈشى ئىككى قىزىنىڭ تەقدىرىگىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ۋە «بەرىبىر باشقىلار بىزنى ياخشى دېمەيدۇ»دېگەن قاراش بىلەن ئەگرى يولدا داۋاملىق مېڭىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۇزۇق دېگەن نام بىلەن ئات كۆتۈرۈش ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكى(social Identity,社会身份)نى بۇلغىغانىدى.بۇلغانغان كىملىك(spoiled identity,败坏的身份) ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئجتىمائىي ئالاھىدىلىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ خىل ھادىسىنى «ياغلىق قاپاق»دېگەن ئېيتىم(Discource,话语)بىلەن ئوبرازلىق سۈرەتلەيتتى. خەلق ئارىسىدا كەڭ «تارقالغان ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق»،«ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دېگەن تەمسىللەر «قالپاق نەزىرىيىسى»نىڭ ۋە بۇ ماقالىمىزنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدىغان «بۇلغانغان كىملىك»ئۇقۇمىنىڭ مېغىزىنى بەكمۇ جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىدى.
ماقال_ تەمسىل ۋە لەتىپە بىر مىللەت روھىنىڭ ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشى. ئىدىيە تارىخى- تەمسىل تارىخى.① ئىجتىمائىي ھادىسىلەر جەمئىيەتشۇناسلىقتا نەزەرىيە- يەنى كەڭ بىر تۇرمۇش كارتىنىسىغا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان ئىدىيە مودىللىرى ئارقىلىق شەرھلەنسە ، خەلق فولكلورىدا قايىل قىلىش كۈچى بولغان ، ستىلىستىكا ياردىمىدە ئەسلىدىكى مەنەنى مېغىزلىق، جانلىق ئېچىپ بەرگەن ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. قەيەردە مەنە بولىدىكەن ، شۇ يەردە قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ. قەيەردە قايىل قىلىش كۈچى بولىدىكەن، شۇ يەردە ستلىستىكا بولىدۇ.تۇرمۇشنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىزگە ستلىستىكىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.مەسلەن، ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ پېشۋاسى بولغان، بازار ئۇقۇمىنى ئەڭ بۇرۇن ئېچىپ بەرگەن شوتلاندىيىلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئادام سىمىس(Adam Smith)نىڭ بازار نەزىرىيىسىدىكى يادرولۇق ئۇقۇم بولغان «كۆرۈنمەس قول»(Invisible hand) نىڭ ، يەنى بازارنىڭ تەسىرىنى ئابستراكىت بايانلار بىلەن چۈشىنەلمىگەندە،«كاجنى بازار ئوڭشايدۇ»دېگەن ئۇيغۇر ماقالى بۇ ئۇقۇمنىڭ مېغىزىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى روبېرت مېرتون(2003_1913Robert Morton) نىڭ «كۈتمىگەن ئاقىۋەت نەزىرىيىسى» نىڭ مېغىزىنى ئابستراكىت ئۇقۇملار بىلەن ئېنىق چۈشەنگىلى بولمىغاندا «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەن ئۇيغۇر ماقالى ئارقىلىق چۈشىنىش مۇمكىن. بۇ ھال جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى بىلەن ئەمدىلەتىن ئۇچرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا كەڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى نەزىرىيىدىن مۇستەسنا ھالدا ئوبرازلىق تىللار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە مۇنداق نۇقتىنى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالىدۇ: جايىدا قويۇلغان بىر ئاتالما ياكى جانلىق بىر فىزىئولوگىيىلىك بىرىكمە مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي پاكىتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئاممىباپ تىل بىلەن ئېيتقاندا جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسمۇ ئەمەلىيەتتە ئىشلارنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان «سايىمئاخۇن»،«يۇمشاقباش»،«شوۋا گەدەن»،«قۇچقاچ قىزلار»،«جانباقتى»،«نان كۈچۈكى» دېگەن ئوبرازلىق بىرىكمىلەر ئەمەلىيەتتە كەڭ بىر ئىجتىمائىي كارتىنىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئوبرازلىق بىر ئېيتىم ياكى ئاتالما جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە ئوخشىمىغان ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىزاھلاشنىڭ پىلتىسى بولىدۇ.
«ياغلىق قاپاق»- دەل ئەنە شۇنداق جايىدا قويۇلغان ئاتالما بولۇپ بۇلغانغان كىملىك ھادىسىسىنى ئىخچام سۈرەتلەپ بېرىدۇ. بۇ يەنە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوبرازى تۆۋەنلەش ، ھەرخىل سەلبىي ناملار بىلەن ئاتىلىش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولۇپمۇ بېيجىڭ،شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئوبرازىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، كىملىكىنىڭ بۇلغانغانلىقى بىر پاكىت. بىز بۇ ماقالىدە جەمئيەتشۇناسلىقتىكى قالپاق نەزىرىيىسىنى نۇقتىلىق تەدبىقلاپ، «بۇلغانغان كىملىك » ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇر فولكلورىدا كەڭ تارقالغان «ياغلىق قاپاق»ئاتالمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوبرازى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق تۆۋەنلىدى؟ بۇلغانغان كىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىگە ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ كىملىك قانداق بولغىنىدۇ؟ مىللىي كىملىك ئۈچۈن بىر شەخس نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟»دېگەن تەتقىقات سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز. تەتقىقات مىتودى جەھەتتە« سۈپەت تەتقىقاتى»(定形研究) نىڭ پاكىت تەھلىلى(,case studies情景分析) ۋە پاراڭ ئانالىزى(话语分析,discource analysis)قاتارلىق مىتودلىرىدىن پايدىلىنىمىز.
مىللىي كىملىك ۋە بۇلغانغان كىملىك
زامانىۋىيلىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، شەھەرلىشىش ۋە يەرشارىلىشىش نەتىجىسدە بۈگۈنكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ، خاسلىقىنى بىر قەدەر تار، ئۆزىگە يېقىن ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىن ئىزدەيدىغان بولدى. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولدى. «بىز كىم؟ بىز زادى قايسى تىپقا مەنسۇپ؟» دەپ سوئال قويىدىغان بولۇشتى، ھەتتا شۇنچە زور ئىقتىسادىي تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ياپونلارمۇ مۇنداق بىر پاكىت ئىچىدە ئازاپ بىلەن ئويلانماقتا:«جۇغراپىيىلىك ئورۇن، تارىخ ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بىز ئاسىيالىقمۇ؟ بايلىق، دېموكراتىك تۈزۈم ۋە زامانىۋىيلىشىش نۇقتىسىدىن بىز غەربلىكمۇ؟»② مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، ھەممە مىللەتتە ئۆز كىملىكىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇتقۇزۇش ئارزۇيى بولىدۇ. 12 مۇقام دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندا ، 2008-يىلى «مەھمۇد قەشقىرى يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەندە، ئۇيغۇرلار چەكسىز خۇشال بولۇشتى، پەخىرلەندى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيا مەدەنىيەتلىك مىللەت دەپ بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بىر گۈزەل ئارزۇ يوشۇرۇنغانىدى. ھالبۇكى، ئاچچىق بىر پاكىت شۇكى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر خىل كىملىكىنى تاشقى دۇنياغا ئېتراپ قىلدۇرۇش ئازۇسى شۇ خىل كىملىككە ئېرىشىپ بولغان مىللەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەندىلا روياپقا چىقىدۇ.③ مەسلەن، سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي ياۋروپادىكى سوتسيالىستىك تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئۆزىنى غەربلىكتەك كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئەمما غەربلىكلەر ئېتراپ قىلغاندىلا ئۇلار غەربلىك بولالايتتى. تۈركىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كىشىلەر غەربلىك دەپ ئاتىلىشقا شۇنچىلىك كۈچىگەنىدى. لېكىن ،ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش چۈشى بۈگۈنگە قەدەر رېئاللىققا ئايلانمىدى.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى «مەدەنىيەتلىك مىللەت، مەدەنىيەتلىك جۇڭگو پۇقراسى »دەپ ئويلىغىنىدا ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغىنىۋاتقان كىملىكى پەخىرلىنىش ھېسسىياتىغا ۋە ئۆزىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئارزۇسىغا سوئال تاشلايدۇ.«بىزنىڭ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز،12مۇقام قاتارلىق مەدەنىيەت مراسلىرىمىز بار»دەپ پەخىرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياغلىق قاپاق بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان كىملىكىدىن ئەندىكىدۇ؛ قانداق بولۇپ مەدەنىيەتلىك مىللەت دېگەندەك تەرىپلەر بىلەن سۈپەتلەنمەي «ئوغرى مىللەت»،«كاۋاپچى مىللەت» دەپ ئاتىلىپ قالغنىنىغا ھەيران قالىدۇ. ئەمما ، بۇ پاكىتتۇر. ئۇنۋېرسىتېتنىڭ بىرەر سالاپەتلىك ئۇيغۇر پروفىسورى شەخسىي ئىش بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئۇيغۇرچە خەت بار كىملىك گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ياتاق ئالماقچى بولسا بىرمۇنچە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. قارشى تەرەپ ياخشى مۇئامىلە قىلمىغىنىدا، كىشى ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا قىلماي تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەنمەي ئازابلىنىشى، تېرىكىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ، ئۇنى مۇشۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراتقىنى ، يەكلەتكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاللىبۇرۇن «ياغلىق قاپاق» ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئوبرازى ۋە بۇلغانغان كىملىكىدۇر .
پاكىت تەھلىلى(2)
2004 -يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى شاڭخەي شەھىرىگە بىر نەچچە خىزمەتدىشىم بىلەن كاماندۇرۇپكىغا باردىم. ئۈچىنچى كۈنى قىلىدىغان ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ شاڭخەيدىكى ئاۋات كوچا نەنجىڭ كوچىسىغا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىم. چەتئەللىككە ئوخشىتىپ قالغاچقىمۇ ، پىركازچىكلار ماڭا ئىنگىلىزچە سالام قىلاتتى، دۇككىنىغا تەكلىپ قىلىشاتتى. بىر دۇكانغا كۆينەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىرگىنىمدە پىركازچىك ماڭا ئىنگىلىز تىلىدا كۆينەكنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. مەنمۇ جاۋابەن ئىنگىلىز تىلىدا جاۋاب قايتۇردۇم. كۆينەكنى ئالماقچى بولدۇم، ئەمما مېنى چەت ئەللىك دەپ قالسا باھادا ئۆرلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، خەنزۇ تىلىدا ئەرزانراق بېرىشنى ئېيتتىم. مېنى چەت ئەللىك دەپ قالغان ئايال خەنزۇچە سۆزلىشىمدىن ھەيران قالدى.
_ قارا، بۇ لاۋۋەي(چەتئەللىك)خەنزۇ تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەن.،_دېدى ئۇ يېنىدىكى ياردەمچى قىزغا. ئۇ مېنى مالايسيالىق ياكى سىنگاپورلۇققائوخشىتىپ قالغانىدى. _مەن چەت ئەللىك ئەمەس، جۇڭگولۇق،_دېدىم خەنزۇتىلىدا.
ئۇ ئىشەنمىدى.مەن ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم.
_مۇمكىنمۇ؟-دېدى ئۇ،_بىز كۆرگەن ئۇيغۇرلار ساڭا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. نەرسە ئوغرلايدۇ. ئۇيغۇرلار دۇكىنىمىزغا كىرسە بىر نەرسە ئوغرلىشىدىن ئەنسرەيمىز. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار ئىنگىلىز تىلى بىلمىسە…. .
پىركازچىك ھەر ئاماللار بىلەن ماڭا كۆينەكنى سېتىۋېلىش كويىدا. ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى مېنى كۆينەكنى جايىغا قويۇپ قويۇشقا مەجبۇر قىلدى.
_مەن راست ئۇيغۇر،-دېدىم مەن،- ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىنگلىز تىلى سۆزلىيەلەيدىغانلار جىق. سەن ئۇيغۇرلارنى خاتا چۈشىنىپسەن.
مەن كۆينەكنى ئالماي دۇكاندىن چىقتىم. ئىچىم ئاچچىق بولدى، بۇ مەنلا ئەمەس ئىچكىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان رېئاللىق ئىدى. ئەمما مېنىڭ پىركازچىكتىن رەنجىشكە ئامالىم يوق ئىدى. تۆتىنچى كۈنى خىزمەت ئىشى بىلەن بېيجىڭغا باردىم.شاڭخەيدىكى مىللىي كىملىكىمگە مۇناسىۋەتلىك كەچۈرمىش بەك تەسىر قىلغاچقىمۇ، بېيجىڭدا ئاپتۇبۇسقا، چىققاندا ئۈزۈمچە خۇدۈكسىرەپ باشقا يولۇچىلارنىڭ مېنى ئوغرى دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مەقسەتلىك ئارىلىق ساقلاپ تۇردۇم.
( راست ئىشلار خاتىرىسى)
يۇقىرىقى ئەھۋالدا مەنمۇ، پىركازچىكمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلىناتتىم. بۇ يەردە مېنىڭ كىملىكىم ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكىنىڭ تەسرىگە ئۇچراۋاتاتتى .مەن ھېچقاچان ئوغرىلىق قىلىپ باقمىغان بولساممۇ ، قالپاق كىيىش (being stigmatized)مېنىڭ ئۆزلۈك ئوبرازىمغا ۋە ئىش ھەرىكىتىمگە تەسر كۆرسىتىپ مېنى خۇدىكسىرىتىپ قويغانىدى. پىركازچىك بولسا بۇلغانغان كىملىككە ۋە ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىشنىڭ دەستىكى بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش(偏见,prejudice)نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ پۈتكۈل ئۇيغۇرغا باھا بېرىۋاتاتتى . ئۇ بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئوغرلىق قىلغىنىنى كۆرگەندۇ ياكى كۆرمىگەندۇ. ئەمما ئۇ ئادەتكە ئايلانغان قاتمال تەسىرات (steortyped bias)نىڭ تەسىرىدە ئاللىبۇرۇن مۇقىملىۋالغان قاراش بىلەن ئۇيغۇرغا باھا بېرىۋاتاتتى. بۇ ھال بىزگە مۇنداق بىر رەھىمسىز پاكىتنى چۈشەندۈرىدۇ: بىر مىللەتنىڭ ئازغىنە ئەزالىرىنىڭ ئىش- ھەرىكىتى باشقىلارنىڭ بۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى باھالاشنىڭ ئاساسى بولىدۇ، ئازغىنە كىشىلەرنىڭ مىللىي كىملىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە نەپكە ئېرىشمەكچى بولۇشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ قالپاق كىيىشى مانا مۇشۇنداق ئادالەتسىز ۋە كۈلكىلىك بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، بىر ئادەم بىر مىللەت ئوبرازىنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىدۇر. ئامېرىكىلىق مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس راندال كوللىنىس(Randal collins,1942-)نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىددىيەت ۋە كىرزىس ئۆزى بىلەن كەتمەيدۇ، بەلكى تېزلىك بىلەن جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»④
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكىنىڭ سەۋەبىنى ، ئاقىۋىتىنى ، مەنە قاتلاملىرىنى جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى «قالپاق نەزىرىيىسى»(标签理论,labeling theory) بىلەن ئىنچىكە چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. قالپاق نەزىرىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۈچ چوڭ غول نەزەرىيەنىڭ بىرى بولغان سمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى(符号互动论Symbolic Interactionism )دىن شاخ ئايرىپ چىققان. سمۋوللۇق ئالاقە نەزىرىيىسى شەخس ھەر خىل ئەھۋال ۋە ئالاقىدە ئىپادە قىلغان مەنەنى تەھلىل قىلىدۇ. قالپاق نەزەرىيىسى بولسا سمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسىدىكى مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ راۋاجلانغان بولۇپ ، ئۆز ھەرىكىتىگە تۇشلۇق ئات كۆتۈرۈشنىڭ ، قالپاق كىيىشنىڭ شەخسكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بەكرەك كۆزىتىدۇ. قالپاق نەزەرىيىسىنىڭ مېغىزلىق ئۇقۇمى بويىچە چۈشەندۈرگەندە ، ھېچقانداق ھەرىكەت نام قويۇلمىغىچە ئىجتىمائىي بىنورماللىق ياكى جىنايەت ھېسابلانمايدۇ. مەسلەن ئالايلۇق، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلغان بىر ئەمەلدار بۇنىڭدىن بۇرۇن قانچە قېتىملاپ چاندۇرماي پارا ئالغان ۋە بۇ ئىشنىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارمىغان بولسا ، دېمەك ئۇ يەنىلا پارىخور ھېسابلانمايدۇ. نام بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ «پارىخور»دېگەن ئاتنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئادەم بېدىكى»،«شوۋا گەدەن»دېگەن ئىبارىلەر شەخسنىڭ ھەرىكىتىگە نام قويۇپ ئۇنىڭ ئىگىسىنى «ياغلىق قاپاق» ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغان ئوبرازلىق بىرىكمىلەردۇر. بىز جەمئىيەتنى ئوبدان كۆزىتىدىغان بولساق ، ئاللىبۇرۇن جەمئىيەتلەشكەن، ئەمما تېخى گۇناھ ياكى جىنايەت دەپ نام بېرىلمىگەن ياكى ئاۋام تەرىپىدىن توغرا چۈشىنىلگەن نۇرغۇن ئجتىمائىي بىنورماللىقنى ئۇچرىتىمىز. نام بېرىلمىگەچكە مەلۇم بىر ھەرىكەت ۋە ئۇنىڭ ئىگىسى ياغلىق قاپاق ئوبيېكتىغا ئايلانمايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوبرازىنىڭ تۆۋەنلىشى_دەل پۈتكۈل مىللەت ئوبرازىنىڭ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ«ئوغرى» قاتارلىق نام بېرىلگەن ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشى نەتىجىسىدە «قۇربانلىق قوزا»غا ئايلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.
ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس خوۋارد بېككېر(Howard Becker,1928-) ئۆزىنىڭ «كەلگۈندىلەر:ئىجتىمائىي بىنورماللىق جەمئىيەتشۇناسلىقى»(outsiders: Studies in the sociology of deviance) دېگەن كىتابىدا قالپاق نەزىرىيىسىنى ناھايىتى جايىدا تەدبىقلىغان. خوۋارد بېككېرنىڭ كۆزىتىشىچە، قالپاق كىيىش ياكى ياغلىق قاپاق بولۇش جەريانىدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئىنكاسى ئەمەس، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىنكاسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قالپاق نەزىرىيىسى يەنە پاھىشىلەر، خروئىن چەككۈچىلەر تەتقىقاتىدىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. مەيلى پاھىشىلەر بولسۇن ياكى ئوغرىلار بولسۇن، كۆتۈرگەن ئېتى ياكى ياغلىق قاپاق بولۇش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكىتىگە ئاساس بولىدۇ. مەسىلەن بىر پاھىشەنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۇق دېگەن ئاتاققا قالغاندىن كېيىنكى ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ باشقىلاردىن ئۆزى ھەققىدە شۇنداق ئىنكاسلارنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ بىر ئىجتىمائىي كىملىكىنى مۇقىمدايدۇ ۋە« باشقىلار بەرىبىر مېنى ياخشى دېمەيدۇ»دېگەن قاراش بىلەن تېخىمۇ جىق ئىجتىمائىي بىنورماللىقنى سادىر قىلىدۇ. ماقالىمىزنى بېشىدا مىسالغا ئېلىنغان نۇرخان سەتەڭنىڭ كەچۈرمىشىمۇ دەل بىر ئجتىمائىي توپنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئات كۆتۈرۈشتە ۋە كىملىكىنىڭ بۇلغىنىشىدا دەستەك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قالپاق كىيىش جەريانى ياتلار ياكى يەكلەنگۈچىلەر توپى(outsiders)نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە بىر توپنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قىياسىغا ئاساس بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قالپاق نەزىرىيىسى جىنايەت ئۇقۇمىنىڭ ، ئجتىمائىي بىنورماللىق ئۇقۇمىنىڭ قانداق قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە بىر توپ ئىچىدە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قانداق سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ۋە ئۆز نۆۋىتىدە روھىي كېسەل تەتقىقاتىغىمۇ تەدبىقلىنىدۇ. شەخسنىڭ ھەرىكىتى ۋە مىللەتنىڭ بۇلغانغان كىملىكى
1980-يىللاردا بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كىرىپ پۇرسەتكە ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.ھۆكۈمەتمۇ دەسلىپىدە سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىپ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى قوللىدى ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئېتىبار بەردى . كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىن چىققان ئازغىنە كىشىلەرنىڭ گوروھ ، قوشۇن پەيدا قىلىپ كوللىكتىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ، خىروئىن ، ئادەم سودىسى قىلىش ، ئوغرىلىق قىلىش ، زەھەر چېكىش قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئوبرازى تېز سۈرئەتتە تۈۋەنلىدى . ھەتتا بەزى جايلاردا ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ تۆكۈلۈشى ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا قارشى ئېلىنمايدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى .بېيجىڭدىكى گەنجىياكو ، ۋېيگوڭسۇن قاتارلىق جايلارنىڭ «جىنايەت ئۇۋىسى» دەپ قارىلىپ چېقىلىپ قايتا ئۆزگەرتىلىشىمۇ بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلى .
بۇ تەتقىقاتنى قىلىش ئۈچۈن ماتېريال ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئىچكىردە تىجارەت قىلىدىغان 50ياشلاردىكى بىر تۇرپانلىق سودىگەر بىلەن ئۇچرشىپ قالدىم . ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياخشى ئەمەسلىكى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى:«80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ياتاقتا ياتماقچى بولساق كىملىكنىمۇ كۆرسەتمەي پۇكەيگە بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈم قويساق ، مېھمانخانا كۈتكۈچىلىرى بىزنى ”شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ”دەپ قارشى ئالاتتى. ياتاق بېرەتتى . بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلغان خەق ! ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭنىڭ كىملىكى بىلەن ياتاق ئالمىقىمىز بەك تەس.» بۇ ئاشۇ تۇرپانلىق سودىگەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىراتى ، ئۇمۇمىي خۇلاسە چىقىرىشقا ئاساس بولالمايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ جاۋابى ھېچ بولمىغاندا مۇنداق پاكىتتىن دېرەك بېرىدۇ : شەخىسنىڭ ھەرىكىتى مىللىي كىملىكنىڭ ئەينىكىدۇر .باشقىلار ئاشۇ ئەينەكتىن بىر مىللەتنىڭ ئوبرازىنى كۆرىدۇ ۋە ئىجتىمائىي سېزىمى ھەم ئادەتلىنىپ قالغان جامائەت پىكرى ئاساسىدا بىر مىللەتكە باھا بېرىدۇ . مېنىڭ مىللىي كىملىك نوقتىسىدىن ”بىر ئادەم –بىر مىللەت دېمەكتۇر“دېگەن ھۆكۈمنى تەكىتلىشىم دەل مۇشۇ سەۋەبتىن .
پاكىت تەھلىلى (3)
2008-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-قانىلىنىڭ بىر پىروگراممىسىدا بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىىنڭ ئوغرىلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى تۇتۇش جەريانى كۆرسىتىلدى . ھەپتە ئۆتۈپ بۇ فىلىم «CCTVتاكى دا سازايى بولغىچە »دېگەن نام بىلەن «شەبنەم» تورىدائېلان قىلىندى ۋە كېيىن باشقا نۇرغۇن تور بېكەتلىرىگە چاپلاندى .بۇ ھەقتە نۇرغۇن غولغولا بولدى. غولغولا ۋە مۇنازىرىنىڭ ئاساسلىق نوقتىسى ئاشۇ ئوغرىلىق قىلغان بالىلارنى «مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكتى» دەپ تىللاشتىن ئىبارەت بولدى . ئۇزۇن ئۆتمەي خېنەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىسىدا ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر فىلىم كۆرسىتىلدى . فىلىمدە ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلغان ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ساقچىخانىدا يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى . دىققەتكە ئەرزىيدىغان بىر تەرەپ شۇكى ، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ بىرى ئېغىر ئاياغ ئىدى . شۇ ئارىدا تۇيۇقسىز بىر ئەھۋال يۈز بېرىپ ساقچىلارنى ئۆرىتۆپە قىلىۋەتتى : بىر قىز يەردە ئۇيان- بۇيان دومىلاپ يىغلاشقا باشلىدى . يەنە بىر قىز يەردە خارقىراپ يېتىپ قالدى .ساقچىلار «120 گە تېلىفۇن قىلىڭلار!» دەپ تۇرىشىغا ، يەنە بىر پىشقەدەم ساقچى كىرىپلا قالغانلارغا تېلىفۇن بەرمەسلىكنى ئېيتتى ۋە يەردە خارقىراپ يېتىپ قالغان ئېغىر ئاياغ قىزنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ خېلىغىچە ھەپىلىشىپ بېرتىۋانىڭ پۇچۇقىنى ئالدى . ئەسلى ئۇ قىز ساقچىلارنى قورقىتىپ كېتىۋېلىش مەقسىتىدە بېرتىۋانىڭ يېرىمىنى يۇتۇۋېلىپ جان تالاشقان قىياپەتكە كىرىۋالغانىكەن. يەنە بىر قىز بولسا ساقچىلارنىڭ قويۇۋېتىشى ئۈچۈن تامغا ئۈسسۈپ ئۆزىنى يارىدار قىلىپتۇ . بۇ ئىشلارنى ئىككى ۋىجىك ئۇيغۇر قىزنىڭ قىلغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، بېرتىۋا يۇتۇۋالغان قىزنىڭ قانداقسىگە زەخمىلەنمىگەنلىكىنى چۈشىنىلمەي تۇرغىنىمدا ئايال دېكتۇرنىڭ تۆۋەندىكى گېپى ۋە شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندىكى ئىنتوناتسىيسى دىققىتىمنى تارتتى:«بۇ ئەسلىدە شىنجاڭلىق ئوغرىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش داۋامىدا يەكۈنلىگەن خۇلاسىسى بولۇپ ، بىر ئاماللار بىلەن ھوشىدىن كېتىش ، بېرتىۋا يۇتۇۋېلىش ، ھامىلدار ئاياللارنى ئوغرىلىققا سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىنايەتتىن قۇتۇلۇپ قېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.»
(راسىت ئىشلار خاتىرسى)
جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئىجتىمائىي ۋەقەدىن ئجتىمائىي پاكىت ئىزدەيمىز . بىزنىڭ يۇقىرقى ۋەقەدىن ھېس قىلىدىغان پاكىتىمىز شۇكى ، ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكىگە سەۋەب بولىۋاتقان شەخىسنىڭ ھەرىكىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەقەقەتەنمۇ مەۋجۇت . ئىجتىمائىي پاكىتنى ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكىنىمۇ دەل ئۇيغۇر دەپ نام ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ نوقتا ئەنگىلىيە جەمئىيەتشۇناسى زىگمۇند باۋمەن(Zygmund Baoman,1928-)نىڭ مۇنۇ بايانىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:«شەخىس- ئۇمۇمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. ھازىرقى ئادەملەر ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئۇمۇم تەقدىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدى .»⑤ گېرمانىيە شائىرى گىيوتىنىڭ 19-ئەسىردە شۇ ۋاقىتتىكى گېرمانلارنىڭ خۇنۈك تەرەپلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ :«شەخىس نوقتىسىدىن گېرمانلاردىن يىرگىنىمەن ، ئۇمۇم نوقتىسىدىن گېرمانلارنى چەكسىز سۆيىمەن »دېگىنى بىكار بولمىسا كېرەك. مەيلى «قالپاق نەزەرىيسى»بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئاساسى بولغان سىموۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيسى بولسۇن، شەخىسنىڭ ئالاقىدىكى ھەرىكىتىدىن مەنە ئىزدەيدۇ. تېلېۋىزورغا چىققان يۇقىرىقى ئىككى قىزنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادە بولىۋاتقان مەنە ئۇيغۇرغا سېموۋول بولىدىغان سەلبىي نەتىجىدۇر.يەنى ئوغرىلىق ، يانچۇقچىلىق ئوبرازىدۇر. بىز بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسىگە كېلەلەيمىز:ئازغىنە كىشىلەرنىڭ كوللىكتىپ كىملىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئېتىراپ قىلىنماقچى بولۇشى مىللەتنىڭ كىملىكىنى بۇلغايدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە «ئېتىراپ قىلىنىش» دېگەن گەپنى ئىشىلتىشىمدە سەۋەب بار . مەن بۇ قېتىمقى يۇرىتقا قايتىش سەپىرىمدە بېيجىڭدا تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قوشۇننىڭ ئادەملىرى بىلەن ھەر قانچە قىلىپمۇ كۆرۈشەلمىدىم. ئۈرۈمچىگە كېلىپ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇرۇن بېيجىڭدا قوشۇندا تۇرغان بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ مېنىڭ «ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ نېمىشقا شۇ يولدىن قايىتمايدۇ؟»دېگەن سۇئالىمغا مۇنداق جاۋاب بەردى :«نۇرغۇن ياشلار ئۆز يۇرتلىرىدا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارىدۇ . مەنمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرسى، ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلاردەك بولغۇسى ، باشقىلاردەك ياخشى كيگىسى ، يېگۈسى كېلىدىغان گەپكەن! يەنە كېلىپ ئۇ يەرلەردە بەرىبىر ئۇيغۇرنى ياخشى دېمەيدۇ! » نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئازغىنە جاۋابىدا كەڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن بىشارەت بېرىپ ئۆتكەن بۇ يىگىتتىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگلەشكە ئامالسىز قالدىم. ئۇنىڭ جاۋابى كىشىنىڭ ئېسىگە ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ ، «بىمارنى ئاساس قىلىش» نەزەرىيسىClient-centered Theory))بىلەن «ۋەھىي يەتكۈزگۈچى»دەپ نام ئېلىپ پىسخولوگىيە ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن كارل روگىرس(Carl r. Rogers,1902-1987 )نىڭ «ئادەم قوبۇل قىلىنىشنى ئىستەيدۇ. قۇبۇل قىلىنىش ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلىدۇ.»⑥دېگەن گېپىنى ئەسلىتىدۇ.
مەيلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىدا چىققان ئىككى ئۇيغۇر قىزى بولسۇن ياكى مېنىڭ زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغان ئۇيغۇر يىگىتى بولسۇن ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مىللەت ئوبرازىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بىرلا_قانداق قىلىپ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى مۇھىم ئەمەس، مەنپەئەت مۇھىم. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى بۇلغاۋاتقىنى دەل شەخىس ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى نوقتىسىدىن ئالغاندا ،«نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋۋال قىلىدۇ، ئاندىن ھەرىكىتىگە تۇشلۇق ئاساس ئىزلەيدۇ ھەم ئاشۇ ساختا ئاساسلارغا ئىشىنىدۇ.»⑦ ئۇندىن باشقا شەخىسنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىمۇ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ «بەرىبىر بىزنى ياخشى دېمەيدۇ»دېگەن جاۋابنىڭ ئۆزىلا بىر ئادەمنى ئوراپ تۇرغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىنكاسى بىر ئادەمنىڭ كىملىك تەرەققىياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى دەلىلەيدۇ. مەكتەپتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتقۇچى دۆت دەپ تللاۋەرسە ، ئۇ ئوقۇغۇچى ئاشۇ باھا ئاساسىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مۇقىمداپ تېخىمۇ دۆتلىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشىاشلا قالپاق كېيىش كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ تېخىمۇ نۇرغۇن ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئېغىرلاشقاندا بىر مىللەتكە باھا بېرىشنىڭ دەستىكى بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئۆز كىملىكىگە باھا بېرىش –ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆز قىياپىتىمىزگە قاراشقا ئوخشايدۇ. ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس چارلىز خورتۇن كۇلى(Chales Horton cooley)ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزلۈك (social self)دېگەن ماقالىسىدە بۇ ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:«بىز ئەينەكتىن ئۆزىمىزنىڭ چىرايىمىزنى ، بەدىنىمىزنى ، كىيىم-كىچىكىمىزنى كۆرگىنىمىزگە ئوخشاشلا تەسەۋۋۇرىمىزدا باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى قىياس قىلىمىز ۋە ھەرخىل شەكىلدە مۇشۇ قىياسلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايمىز.»⑧بىر ئۇيغۇر «باشقىلار مىنى كۆزگە ئىلمايدۇ»دەپ قارىسا ، ئۇ ئۆز قىياسى ئاساسىدا داۋاملىق باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردە بولىدۇ.شۇڭا ساموئېل خۇنتېڭتوننىڭ «كىملىك- تەسەۋۋۇردىكى ئۆزلۈك »⑨دېگىنى ناھايىتى توغرا گەپ.
قىسقىسى ، مىللەتنىڭ بۇلغانغان كىملىكىنى شەخىسنىڭ ھەرىكىتىدىن ، قالپاق كېيىش جەريانىدىن ئىزدەش مۇمكىن . قالپاق كىيىش_ئىجتىمائىي بىنورماللىق ياكى جىنايەت دائىرسىگە كىرىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىدە يامان ئاتاققا قېلىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئېرۋىڭ گوفمان Erving Goffman))باشقىلارنىڭ قالپاق كىيگەن ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئەمەلىي تەجرىبە جەريانىدا كۆزىتىپ مۇنداق دېگەن:«بىزنىڭ ياغلىق قاپاق بولغان ئادەملەرگە تۇتقان پوزىتسىيسىمىز ناھايىتى ئېنىق:يەنى بىز قارشى تەرەپنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيمىز ۋە ئىشلەتكەن سۆزىمىزنىڭ مەنىسىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا ئۇلارغا ھەرخىل ئاتاقلارنى سوۋغا قىلىمىز.»⑩
قاتمال تەسىرات، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە بۇلغانغان كىملىك
بىر مىللەتنىڭ بۇلغانغان كىملىكىگە شەخىسنىڭ ، شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى مەنبەئە بولسا ، شۇ مىللەتكە قالپاق كىيدۈرگەن باشقا مىللەتنىڭ قاتمال تەسىراتى ۋە ئادەت كۈچىگە ئايلانغان جامائەت پىكرى ئاساس بولىدۇ. ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەت ھەققىدىكى جامائەت پىكرى بىر تەرەپلىمە قاراش ، پىكىر ئاغمىچىلىقى ، بىر تاياقتا ھەيدەش پىسخىكىسى ئاساسىدا يېتىلىدۇ ۋە كۆپ ھاللاردا ئادالەتسىز، بىر تەرەپلىمە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت نوقتىسىدىن ئالغاندا ، ھەتتا قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ بىر-بىرىگە بەرگەن باھاسىمۇ بەكمۇ يۈزەكى ، بىر تەرەپلىمە . ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ بىر-بىرىنى كەلتۈرۈپ ئېيىتقان چاقچاقلىرىدا قاتمال تەسىرات ، بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن يېتىلگەن نامۇۋاپىق جامائەت پىكرى ئەكىس ئېتىدۇ. قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا بۇ ئەھۋال گەۋدىلىك بولۇۋاتقان يەردە ،قېرىنداشلىقى ، تۇغقانچىلىقى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئادالەتسىز ، نامۇۋاپىق باھالارنى بېرىشى تەبئىي. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكىمۇ يەنە بىر نوقتىدىن ئالغاندا قاتمال تەسىرات، بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ قۇربانى. بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىمدە بېيجىڭدا توختاپ ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكىنى چۆرىدەپ بېيجىڭ پۇقرالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان قىسقا سۆھبىتىم بۇ پىكرىمنى دەلىللىدى.
پاكىت تەھلىلى(4)
مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئوغرى، مەينەت
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4تە، بېيجىڭ پايتەخىت ئايرىدىرومىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىش مەقسىتىدە شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسى ئالدىدا بىر تاكسىغا ئولتۇردۇم. تاكسى شوپۇرى بېيجىڭلىق بولۇپ 50ياشلار چامىسىدىكى گەپخۇمار، چىقىشقاق كىشى ئىكەن. مەن يېرىم يولغا كەلگەندە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدىم-دە، ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئوبرازى ياخشى ئەمەسلىكنىڭ سەۋەبىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم.
_راست گەپنى دەمدىم؟-دېدى ئۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ. قارىغاندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئوبرازى ھەققىدە دادىل سۇئال سورىشى ئۇنى ھەم قىزىقتۇرغاندەك ھەم ھەيران قالدۇرغاندەك قىلاتتى.
_ھەئە، راسىت گېپىڭىزنى دەڭ،-دېدىم مەن.
_راستىنى دېسەم،-دەپ گېپىنى باشلىدى ئۇ،-سىز شىنجاڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ئالدىدا تۇرمىغان بولسىڭىز مەن سىزنى قورقۇپ ئالمىغان بولاتتىم. ئۇ يەردىن ئايرۇدۇرۇمغا بېرىش ئۈچۈن تاكسىغا ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلار ساپالىق ھەم ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى. مەن مەن باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلار تاكسى توسسا توختىمايمەن.
_ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىسىز؟نېمىشقا توختىمايسىز؟
_چىرايىدىن بىلەلەيمەن. مەن كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىر بولسا يوغان بۇرۇت،ئۇزۇن چاچ قويۇۋالىدۇ،بىربولسائۈستىبېشى قالايمىقان .توختىماسلىقىمدىكى سەۋەب ، ئىككى –ئۈچ يىل بۇرۇن بىر نەچچە ئۇيغۇر بالا تاكسىرىمدا ئولتۇردى. ئۇلار چۈشۈپ كەتكەندە قارىسام ، قول تورمۇزنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان يانفۇنۇم يوق تۇرىدۇ. ئالدىدا ئولتۇرغان بالا شۇ قىسقا ئارىلىقتا يانفونومنى سوقۇشقا ئۈلگۈرۈپتۇ. يەنە بىر سەۋەب، مىنىڭ تاكسىرىمغا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلار بەك مەينەت، بەدىنىدىن بىر خىل پۇراق كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاكسى شوپۇرلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم بۇلىغانلىقى، خروئىن ساتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئىشقىلىپ بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ياخشى ئەمەس.
_ھەممە مىللەتتە ئوغرى، يانچۇقچى تېپىلىشى مۇمكىن. سىز ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتلەردە ئوغرى يوق دەپ قارامسىز؟
_ئۇنداق ئەمەس، ھەممە مىللەت ئارىسىدا ياخشى ئادەملەرمۇ، يامان ئادەملەرمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ ئاز ساندا ئوغرىلار بار. ئەمما، شىنجاڭلىق ئوغرىلار بەك يامان. مەن كۆرگەن كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ياخشى ئەمەس.
_سىز ئۇيغۇردىن باشقا مۇڭغۇل، جۇاڭزۇ قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدا ئوغرىلىق قىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەنمۇ ياكى ئاڭلىغانمۇ؟
_ياق.
_سىزچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئادەملەر چىقمامدۇ؟
_ئۇنداق ئەمەس. پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنى ۋە ئىقتىدارلىق ناخشىچى بالا ئەرفان(خەنزۇچە مەنبەلەردە“阿尔法”دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ)نى ياخشى بىلىمەن . ئۇلار مىنىڭ نەزىرىمدە ياخشى ئۇيغۇرلار. نۇرغۇن بېيجىڭلىقلار ئۇلارنى تېلېۋۇزۇردا كۆرگەن.
_ئەمسە ئۇيغۇرلارنىڭ «يانچۇقچى، ئوغرى، كاۋاپچى»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
_كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭلىقلارغا بەرگەن باھاسى شۇنداق.
_سىزچە شۇ يانچۇقچى، ئوغرى ئاتالغان بالىلار بېيجىڭغا نېمىشقا كېلىدۇ؟
_ھۆكۈمەت ئۇلارنى بەك بوش قويۇۋېتىدۇ، جىق ئېتىبار بېرىدۇ. ئوغرىلىق قىلسا قويۇۋېتىدۇ. ئەسلى ھۆكۈمەت چىڭ باشقۇرسا بولاتتى.
(زىيارەت خاتىرسى)
تاكسى شوپۇرىنىڭ بايانى جامائەت پىكرىنىڭ بىر مىللەت ئەزالىرىغا باھا بېرىشتە دەستەك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ يانفونىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى ئۇيغۇر بالىدىن كۆرىدۇ ۋە ئاڭلىغان گەپلىرىگە ئاساسەن پۈتكۈل ئۇيغۇرغا باھا بېرىدۇ. كۆرگەنلىرى ئىچىدە ياخشى ئۇيغۇر ئاز، ئەسكى ئۇيغۇر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا«ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق خەقكەن»دېگەن ئىجتىمائىي تەسىرات پەيدا بولغان ۋە شۇ ئاساسىدا ئۇيغۇرغا تۇتقان پوزىتسىيسى شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەھۋالنى جەمئىيەتشۇناسلار ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ ھەرخىل شەرھىيلەيدۇ. ئېرخ-فروم«ئۇمۇمىي خۇلاسە چىقىرىش_بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ پىسخىكىسىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق»[11]دېسە جوناتان پوتتېر (Jonathan Potter) ئۆزىنىڭ «جەمئىيەت پىسخولوگىيسى ۋە پاراڭ تەھلىلى“دېگەن كىتابىدا :«قاتمال تەسىرات-ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇنلاشقان، ئادەتلەنگەن تونۇش جەريانىنىڭ ئاقىۋىتى. مىللىي تەسىراتتا، باشقا مىللەتلەرگە بەرگەن ھۆكۈمىمىزدە ئاساسلىنىپ قالغان قاراش مۇھىم رول ئوينايدۇ. »[12]دەيدۇ. جورج رىتزىر George Ritzer)):«بىز مەڭگۈ باشقىلارنى چۈشىنىپ بولالمايمىز. باشقىلار بىز ئۈچۈن سىرلىقتۇر. باشقىلار مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن يىراقلىشىش كېلىپ چىقىدۇ »[13]دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلار ھەققىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ ئۇمۇمغا ئەگىشىش ،دورامچۇقلىق نەتىجىسىدە شەكىللىندىغانلىقنى تەكىتلەپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ:«جامائەت پىكرى_بىر خىل تەقلىدىي بويۇم.» [14]
جامائەت پىكرى ۋە قاتمال تەسىرات پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. پوزىتسىيە شەخىسنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغىنى ۋە بىر تەرەپلىمە قارشىنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ، كۆپىنچە ھاللاردا ئادىل بولمايدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ شەكىللىنىپ بولغان پوزىتسىيسىنى ئەڭ توغرا دەپ قارىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل كۆز قاراش جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۇمۇميۈزلۈك قۇبۇل قىلىنغانسېرى شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شۇنچە تېز بازار تاپىدۇ. ھەممە بېيجىڭلىقلار بىرەرئۇيغۇرنىڭ ئوغرىلىق قىلغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇشى ناتايىن. ئەمما ، ئۇلار ئاڭلىغىنىنى ۋە جامائەت پىكرى ئاساسىدا ئۇيغۇر ئوبرازى ھەققىدە بىر ئىجتىمائىي تونۇشقا كەلگەن ھەم پوزىتسىيە شەكىللەندۈرگەن. پوزىتسىيە شەكىللىنىپ بولغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار ئۇيغۇرغا بەرگەن نامنى ۋە باھاسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
بىر مىللەتنىڭ «ياغلىق قاپاق»بولۇشىغا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر تەرەپلىمە قاراش(prejudice)ۋە «ئادەت كۈچى»( stereotype)مۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر تەرەپلىمىلىك:“«بىر ئىجتىمائىي توپ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا تۇتۇلىدىغان سەلبىي پوزىتسىيە»[15]نى كۆرسىەتسە، ئادەت كۈچى:«بىر ئىجتىمائىي توپ ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسىراتلارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ بىر تەرەپلىمىلىكتەك ھەمىشە سەلبىي تۈس ئالمايدۇ.»[16]بىر تەرەپلىمىلىكمۇ، ئادەت كۈچىمۇ بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزالىرىنى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كاتىگورىيگە تەۋە قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. يەكلەش ۋە كەمسىتىش دەل مۇشۇنداق ئىجتىمائىي كاتىگورىيگە تەۋە قىلىش جەريانىنىڭ ھەرىكەت جەھەتتىكى ئاقىۋىتى.بىر شەخىس ھەرىكىتىنىڭ سەلبىي نەتىجىسى باشقىلارنىڭ شۇ مىللەت ھەققىدىكى قاتمال تەسىراتىنى ۋە پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرسە، شۇ پوزىتسىيە ۋە قاتمال تەسىرات ئاساسىدا يېتىلگەن ئادەت كۈچى ھەم بىر تەرەپلىمىلىك شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ يەكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلغانغان كىملىكنىڭ بىر مىللەتكە قانچىلىك زور سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇنىڭدىن چۈشىنىش مۇمكىن. ئېرۋىڭ گوفمان ياغلىق قاپاق بولغان كىشىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىمىزنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ياتلار ئالدىمىزدا پەيدا بولغاندا ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەزالىرىنىڭ ئاجىز ، قورقۇنۇچلۇق، ناچار تەرەپلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئاۋۋال ئويلىۋالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەسۋۋۇرىمىزدا نورمال ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بەلگە قويۇلغان ، ئوبرازى چۈشكەن كىشىلەر سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.»[17]بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ياغلىق قاپاق بولغان ئادەمگە بولغان ئادالەتسىز مۇئامىلىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەمەلىيەتتە،«بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كەچمىگەن ئادەم_كاللىسى تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان ئادەمدۇر.»[18]
ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە بۇلغانغان كىملىك
بىر مىللەتنىڭ بۇلغانغان كىملىكى يىلتىزىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە شۇ مىللەت ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى ، كىملىك ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قۇرۇلما ۋە ئىدىئولوگىينىڭ مەھسۇلى.«بىر جەمئىيەتتە مەلۇم ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان مۇۋاپپىقىيەت پۇرسىتىنىڭ كەم بولۇشى ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»[19]شۇ بىنورماللىقلار نەتىجىسىدە ئاشۇ بىر توپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتىدىن گۇمانلىنىدۇ، خۇدۇكسىرەيدۇ،ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدىكى خۇنۇك تەرەپلەرنى ئاۋۋال كۆرىدۇ. شۇ خىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۇلارنىڭ ياغلىق قاپاق بولۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان چىركىن تەرەپلەر ۋە ئىجتىمائىي بىنورماللىق سادىر قىلىشى ئۈچۈن«ئۈلگە»بولغۇدەك ھەرىكەت مودىللىرى تېپىلىدۇ.بىز بىراۋغا «پارىخور»،«بۇزۇق»،«ئوغرى»دېگەن ناملارنى «سوۋغا »قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، شۇ ناملارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنڭ زاپچاسلىرى سۈپىتىدە ئاللىبۇرۇن بىر جەمئىيەتتە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
غورورى دەپسەندە قىلىنغان ، يەكلەنگەن بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزالىرى ياغلىق قاپاققا ئايلىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھوقۇق، ئىمتىيازغا ئىگە ئىجتىمائىي كۈچ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان ئىرق، مىللەت، دىن كاتىگورىيسىدىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئاسان بۇلغىنىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىلارنىڭ ناتسىسىتلار تەرىپىدىن يەكلىنىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسى تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىشى دەل ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ بۇلغانغانلىقىدىن بولغان بولۇپ ، ماھىيەتتە شۇ نامنى ئالغان ۋاقىتتا ھوقوق جەھەتتە ئاجىز كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتتە قانچىلىك ھوقۇق ، نوپۇزىنىڭ بارلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىمتىيازى يوق ئىجتىمائىي توپنىڭ ھوقوقلۇق ئىجتىمائىي توپ تەرىپىدىن ئاتاققا قېلىش، ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى كۈچلۈك. ھالبۇكى ، بۇ ئاتاق ياكى نام شۇ ئاجىز توپنىڭ پىشانىسىدىن ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ. نەتىجىدە شۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ جىمىكى ئەزالىرى ئىجتىمائىي بىنورماللىق سادىر قىلغان-قىلمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىملىكى بۇلغىنىش تەھدىدىگە دۇچ كېلىدۇ. ئىمتىيازغا ئىگە ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ياغلىق قاپاق بولغان توپ ئۆزىنى ئاقلىسىمۇ ئارىغا ئالمايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن باراۋەر يوسۇندا ئالاقە ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ. ياغلىق قاپاق بولغان ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىۋالغان ئۆلچەم، مىزانلىرى ئاخىرى بېرىپ ئۇلارنى جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.
2006-يىلى ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۆيۈمدە تېلىۋۇزۇر كۆرۈۋېتىپ مەركىزي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن قانىلىدا كۆرسىتىلىۋاتقان بىر پروگرامما دىققىتىمنى تارتتى. قانالنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا 20ياشلاردىكى ئىككى ئۇيغۇر بالىنىڭ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى چىقتى. ئىككى بالىنىڭ يېنىدىكى داسقا سۇلياۋ بىلەن ئورالغان خورما چوڭلۇقىدىكى قارا نەرسىلەر تۇراتتى. ئەسلى بۇ ئۇيغۇر بالىلار زەھەرنى يۇتىۋېلىپ يۆتكەش داۋامىدا ئايرۇدۇرۇمدا قولغا چۈشكەنىكەن ؛داستىكى قارىقۇرا نەرسىلەر ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىپ بىسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە مۇشۇ بالىلارنىڭ تەرەت يولىدىن چىققان خىروئىن ئىكەن. مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئۇلارنىڭ شۇنچە يوغان، شۇنچە جىق خىروئىننى قانداق قىلىپ قورسىقىدا ساقلىغانلىقىغا، قانداق چىقىرىپ بەرگىنىگە ئەقلىم يەتمەيدۇ. ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرمۇ ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. كېيىن مەن يەنە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلاردىن ئادەم، ئىپپەت سودىسى قىلغان، خروئىن ساتقان، ئوغرى، يانچۇقچىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى كۆردۈم. بۇ بىر قاتار ئىشلار ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كىملىكىنىڭ بۇلغىنىشىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتلىك ، ياخشى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ خاتا چۈشىنىلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيتتى. مەن«نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟»دەپ سۇئال قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلاندىم. بىر ئادەمنىڭ ياكى بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىجتىمائىي بىنورماللىق سادىر قىلىشىغا مەنبەئە بولىدىغان ئىچكى مىخانىزىم ۋە ئىمكانىيەت شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. پارىخور دېگەن ئاتاقنى بىراۋغا سوۋغا قىلىپ شۇ پارىخورلۇق يىلتىز تارتىدىغان تۇپراق-ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەر ئوڭشالمىسا، بىر ئىجتىمائىي توپقا «ئوغرى، يانچۇقچى»دېگەن ئاتاقنى سادىر قىلىپ يەنە ئىچكى قىسىمدىن شۇ خىل ھەرىكەتلەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت تۈزەلمىسە، ئۇ ھالدا بۇلغانغان كىملىكنىڭ مەنبەسىنى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىن ئىزدىمەي ئامال يوق. چۈنكى، كۆپ ھاللاردا شەخىسنىڭ مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ مەسسىلىسى. ئىجتىمائىي ئامىلدىن مۇستەسنا ئىنسان بەخىتسىلىكى بولمىغىنىدەك، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ تەسىرىدىن خالىي ھالدا كىملىك بۇلغانمايدۇ. ئوغرى تۇغۇلىشىدىنلا ئوغرى بولۇپ تۇغۇلمىغان.ئۇ ئوغرىلىقنىڭ ھەرىكەت مودىلى ۋە ئىمكانىيتىنى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدىن تاپقان. بىر پاھىشە تۇغۇلىشىدىنلا پاھىشە بولۇپ تۇغۇلمىغان؛ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاش ئىمكانىيتىنى تارايتىپ مەۋجۇدلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەن كۈچ يەنىلا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن. بىز بىر ئىجتىمائىي توپقا ھەرخىل نام، ئاتاقلارنى سوۋغا قىلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بۇلغانغان كىملىككە ئاخىرقى ھىساپتا ئىجتىمائىي مىخانىزىم سەۋەب بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، ئەنگىلىيە جەمئىيەتشۇناسى ئانتونى گىددىسنىڭ((Antony Giddens,1937-)تىلى بويىچە ئېيىتقاندا ،«ساغلام بولمىغان مەدەنىيەت ئاساسىدا يېتىلگەن ئىجتىمائىي مۇھىت كۆپ ھاللاردا قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ.»[20]
بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلىنىشىدىكى ، بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى شەخىسنىڭ ھەرىكىتىدىن، بىر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي تونۇشتىن، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىن ئىزدىگەندىن باشقا تارىخىي يىلتىزدىن ۋە بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئېغىز ئالغان پىسخىكىلىق جاراھەتنىمۇ ئىزدەش كېرەك. جالالىدىن رۇمى:«ھەر قانداق نەرسە سەندىن تاشقىرى ئەمەستۇر. سەن نېمە ئىزدىسەڭ ئۆزۈڭدىن ئىزدىگىن»[21]دەپ ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكىنىڭ مەنبەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە-جۈملىدىن تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يېتىلگەن كىرزىسلىك روھىي ھالىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. سەۋەبى:«مىللىي كىملىكنىڭ يىلتىزى تارىخىي مەنبەئەدۇر.»[22]؛ فرانسىيە بۈگۈنكى زامان مۇتەپپەككۇرى ئېتېيىن بالىبار (Eteine Balibar,1942-)نىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا ،«جىمى ئادەمنىڭ كىملىكى شەخىسىي كىملىكتۇر. ئەمما تارىخىي ئامىلنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بىرمۇ كىملىك مەۋجۇت ئەمەس.»[23]ئەسئەت سۇلايمان بولسا بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىگە باغلاپ مۇنداق تەھلىل قىلىدۇ:«مىللىتىمىزنىڭ كىيىنكى ئەسىرلەردىكى پاجىئەسى دەل ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزنىڭ كەمچىلىكىدە ۋە ئەقلىي تەپەككۇرىمىزنىڭ سۇسلىقىدا ئىدى. بىزدە مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىپادە قىلالايدىغان ، روھىي دۇنيايىمىزنى نۇرلاندۇرالايدىغان ئىرادە بولمىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قانچىلىغان تارىخىي پاجىئەلەر ، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر ۋە تراگىدىك قىسمەتلەر گويا يوقالماس سايىدەك مىللىتىمىز كەينىدىن سۇڭدىشىپلا كەلدى.»[24]ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكى_دەل شەھەرلىشىش ۋە بازار ئىگىلىكى داۋامىدىكى يېڭىچە تىرگىدىك قىسمەت ۋە پاجىئە، شۇنداقلا شەھەرلىشىشنىڭ، تەرەققىياتنىڭ، دەۋرنىڭ پۇرسەتلىرىدىن كۆرەڭلەپ ئۆزىگە پاتمايۋاتقانلار ئۈچۈن مەسخىرلىك سۇئال بەلگىسى.
بۇلغانغان كىملىكنىڭ ئاقىۋەتلىرى
ئازغىنە كشىلەرنىڭ سەلبىي نەتىجە پەيدا قىلىدىغان ھەرىكىتى ئۆزى بىلەن كەتمەيدۇ؛ بەلكى ئۆزىنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي توپ ۋە بىر خىل مىللىي كىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئوبرازىغا ، روھىي ھالىتىگە ۋە كەچۈرمىشلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكى مىللەت سانىغا نىسبەتەن ئازغىنە كىشىلەر پەيدا قىلغان ئاقىۋەت بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىجتىمائىي پاكىت باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسىغا ، ھېس-تۇيغۇلىرىغا، ھەتتا ئەقلىي تاللىشىغا، ئۆزلۈك چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلغانغان كىملىكى پەيدا قىلغان ئاقىۋەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن:
1.ئۆزىگە ئۆچ بولۇش((Self hatred)). ئادەملەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى ھېس قىلىشى ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئاددىي بولىدۇ: ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئۈچۈن مەلۇم ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىدۇ؛ ئەگەر ھەرىكىتىنڭ نەتىجىسى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا، قوللىشىغا، مەدھىيسىگە ئېرىشسە، ئادەم ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدىكى كىملىكىنى ئاشۇ باھالار ئاساسىدا مۇقىمدايدۇ-دە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ؛ ئۆز كىملىكىدىن پەخىرلىنىدۇ، ھوزۇرلىنىدۇ. ناۋادا ئۆز ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئەتراپىدىكىلەر تەرىپىدىن يەكلەنسە، چەتكە قېقىلسا، زەربە بېرىش ئوبىيكتىغا ئايلانسا، ئادەم تەبئىي ھالدا ئۆزىنىڭ باشقىلار نەزىرىدىكى كىملىكىنىڭ ئەرزىمەس، تۆۋەن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئازابلىنىدۇ، خۇدۇكسىرەيدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئازلايدۇ. ھەتتا ياغلىق قاپاق بولۇش نەتىجىسىدە، ھېچقانداق خاتالىق ياكى ئىجتىنائىي بىنورماللىق سادىر قىلمىغان بىر خىل مىللىي كىملىكتىكى باشقا كىشىلەرمۇ خاتا چۈشىنىلىپ يەكلىنىدۇ. بۇ ھال داۋام قىلىۋەرگەنسىرى مىللىي كىملىكى تۈپەيلى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كىشىلەردە ئۆز مىللىتىگە ، ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئۆچ بولۇش ھېسياتى شەكىللىنىدۇ.
پاكىت تەھلىلى(5)
ئۇ سودىگەر ئايالنىڭ ئىسمى زىبىرنىسا. مەن ئۇ ئايال بىلەن 2008-يىلى 5-ئاينىڭ25-كۈنى كۆرۈشتۈم. ئۇ ئىچكىرىدە ئۇزۇن مۇددەت سودا قىلىپ ھاللانغان، ھالال تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، 45ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، گەپ سۆزى جايىدا ئايال ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى دۇككىنىغا مال ئەكىلىش ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر دېگۈدەك شاڭخەي، بېيجىڭ، خاڭجۇقاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە قاتنايدىكەن. ئۇ پاراڭ ئارىلىقىدا ئۆزىنىڭ ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناچارلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ نەچچە قېتىم ياتاق ئالالمىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى :
_ بىز ئۇيغۇر دېگەنمۇ بەك ئەسكى خەقكەنمىز. ياتاق ئالالماي يەكلەنگىنىمدە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمغا شۇنداق پۇشايمان قىلىمەن. بەزىدە ياتاق بەرمىگەن مېھمانخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن سوقۇشۇپمۇ كېتىمەن. ھازىر قايسى شەھەرگە باراي، مۇقىم بىر مېھمانخانىغىلا چۈشىدىغان بولدۇم. بۇنداق بولغاندا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئارىد ئىشەنچ شەكىللىنىدىكەن. ئەمما مېھمانخاناخىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ بولغىچە بەك جىق بەدەل تۆلىدىم. ئىچكىرىدىكى ناچا ئۇيغۇرلار نامىمىزنى بەك بۇلغىۋەتتى. بەزىدە ئۇيغۇر دېگەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق توخۇ پوقى، ناچار مىللەت ئوخشايدۇ دەپ ئۆزۈمگە ئۆچ بولۇپ كېتىمەن.
_ناچار ئۇيغۇرلار دېگىنىڭىز قانداق ئۇيغۇرلار؟
_ئوغرى، يانچۇقچىلىق قىلىدىغان، ئاق ساتىدىغان، ئادەم سودىسى قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە تېنىنى ساتىدىغان قىزلار!
(زىيارەت خاتىرسى)
زىبىرنىسانىڭ ئارىلاپ پەيدا بولغان ئۆزىگە ئۆچ بولۇش ھېسسىياتى- ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بۇلغانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كىملىكى بۇلغانغان توپ ئۆزىنى باشقىلار ئالدىدا تايانچىسىز، قەدىرسىز ھېس قىلىدۇ؛ شۇ توپنىڭ، شۇ قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىنىڭ كاساپىتىىگە ئۇچرايدۇ-دە ،بىراقلا يەنە بىر قۇتۇپقا چىقىپ كېتىپ ئۆزىگە، ئۆز توپىغا ئۆچ بولىدۇ. ئۆزىگە ئۆچمەنلىك كۆپىنچە ھاللاردا بىر ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالمىغان، چەتكە قېقىلغان، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ۋاقتى كەلسە، شۇ توپ ئەزالىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيتى، ھەتتا ئارىلاپ ئېرىشىپ قالىدىغان شان-شۆھرىتىمۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز قەۋمىگە بولغان ئۆچمەنلىك ھېسىياتىنى يوقىتالمايدۇ. ئەمما، ئۆزى بىرەر ئىشتا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىپ قەدىرلەنگەندە، ئېتىراپ قىلىنغاندا ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىكى سۇسلايدۇ. شۇڭا ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىك ئەمەلىيەتتە كىملىكنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تەلتۆكۈس بەربات بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
2. ئۆزىنى كەمسىتىش. مىللىي كىملىكنىڭ بۇلغىنىشى نەتىجىسىدە بەزى كىشىلەر ئۆزىگە ئۆچ بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنى كەمسىندۇرۇش ھېسسىياتى((自卑感Self-humiliation)) دىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى، ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلانغان خەلقنىڭ باشقا مىللەت نەزىرىدىكى ئوبرازى قاتمال تەسىرات نەتىجىسىدە شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. شۇ ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە كىملىكى بۇلغانغان مىللەت ئۆزى ھەققىدىكى چۈشەنچىنى باشقىلارنىڭ تەسىراتىدىن ئېلىپ ئۆز كىملىكى ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ. جامېسنىڭ:«خەلق دېگەن كىملىكى بېكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن قارار چىقىرالايدىغان كىشىلەر»دېگەن سۆزى ئاساسسىز ئەمەس.
پاكىت تەھلىلى(6)
ئارۇپ-بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇ 2008-يىلى5-ئاينىڭ 24-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستىتى يېنىدىكى«پامىر ئاشخانىسى»دا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلغانغان كىملىكى ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى:«ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ كەتمەيمەن، ئاشكارلىماسلىقىم ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن تانغانلىق ئەمەس، بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇركەن دەپ بىر قىسما مۇئامىلە قىلىشىدىن ئەنسىرىگىنىمدىن. راستىنى دېگەندە، ئۇيغۇر دېسەم باشقىچە كۆزدە مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك. بۇنداق چاغلاردا ئىختىيارسىز ئۆزۈمنى كەمسىتىپ قالىمەن.»
(زىيارەت خاتىرسى)
ئارۇپنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاممىۋىي سورۇندا ئاشكارىلاپ كەتمەسلىكى، مېنىڭ بايا تىلغا ئالغان مىسالدىكى بېجىڭ سەپىرىمدە ئاپتۇبۇسقا چىققاندا باشقىلارنىڭ يېنىدىن مەقسەتلىك نېرى تۇرۇشۇم-ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى كەمسىندۇرۇش ھېسىياتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىملىكى بۇلغانغان مىللەت ھامان ئۆزىنى پەس كۆرىدۇ؛ ئۆزىدىن خۇدۇكسىرەيدۇ. مۇشۇ خىل ئىجتىمائىي كارتىنا ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك يازغۇچى رالف ئاللىسون((Ralph Ellison))نىڭ 1960-يىللاردا ئامېرىكىدا زىلزىلە قوزغىغان مەشھۇر رومانى«كۆرۈنمەس ئادەم» دە ناھايىتى ياخشى سۆرەتلەنگەن. رالف ئاللىسۇن كىملىكى بۇلغانغان، ياغلىق قاپاق بولغان نېگىر باش پېرسوناژنىڭ ھېسياتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: « بىر خىل شەكىلسىز يۈز، ئۈنسىز ئاۋاز(faceless face, voiceless voice) روھىي دۇنيارىمنى باشقۇرۇپ تۇراتتى.مەن ئۆزەمگە ئىگە بولالمايتىم، ئۆزۈمگە ئىشىنەي دەپ ئىشىنەلمەيتىم.»»»»[25]
3. ئىجتىمائىي بىنورماللىقنىڭ ئېغىرلىشىشى. قالپاق كىيىش تېخىمۇ كۆپ بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئانتونى گىددىسىننىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا «ئىجتىمائىي بىنورماللىق زەئىپ مەدەنىيەت توپىدا كوللىكتىپ پەيدا بولىدۇ.» شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوغرىلىق سادىر قىلىپ «ئوغرى-يانچۇقچى»دەپ ئاتىلىش بۇ ھادىسىنىڭ تېخىمۇ ئەدىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خروئىن چېكىدىغان، ئىپپىتىنى ساتىدىغان، ئوغرىلىق قىلىدىغان، ئاشنىدارچىلىقنى ئەيىب ئورنىدا كۆرمەيدىغان، رەڭلىك سورۇننى جەمئىيەت مىقياسىدا قۇبۇل قىلغان ھادىسىلەرنىڭ ئەدەپ كىتىشى شۇ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ خىيالىدا ئۆز كىملىكىنى مۇقىمداپ ئۆزىنى مەيلىگە قويىۋەتكەنلىكىدىن.
4.يىمىرىلگەن ئۆزلۈك. ئۆزلۈك ئوبرازى ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى كۆزىتىشىدىن كېلىدۇ. ئۆزلۈك_ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقى، ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تونۇشى. ئۆزلىكى يېمىرىلگەن ئادەم خاسلىقى ئاجىزلاشقان، باشقا قەۋىمنى چوڭ كۆرۈش ھېسىياتى كۈچىيىپ كەتكەن، خاراكتىرى چاڭلاشقان، ئۆزىنىڭ قىممىتىدىن گۇمانلىنىدىغان ئادەمدۇر. «ئۆزلۈككە قايىتقان ئادەم بولسا سۇيۇق بولغانلىق ئۈچۈن سۇدىن، قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن تاشتىن قورقمايدىغان ئادەمدۇر.»[26] كىملىكى بۇلغانغان ئۇيغۇر ئىجتىمائىي توپىغا كېرىكى دەل مۇشۇنداق ئۆزلىكىگە قايىتقان ئادەمدۇر. ھالبۇكى، يىمىرىلگەن ئۆزلۈك شەخىسكە خىرس ۋە تەھدىتنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرغان رېئاللىقنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا، ياغلىق قاپاق بولغان كىشىلەر ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئورۇنىشى مەغلۇپ بولغاندا غورورىنى يوقىتىپ، مىللەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئەگەشمە زىيانلارنى ۋە پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. «ئۇيغۇر»دېگەن نامنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئىجتىمائىي بىنورماللىق سادىر قىلغانلار ئادەمگە ئېرخ فروم(Erich Fromm)نىڭ:«ئۆزلۈك ئېڭى بولمىسا كىملىككە ئىنتىلىش ئېھتىياجىمۇ بولمايدۇ.»[27] دېگەن گېپىنى ئەسلىتىدۇ.
خۇلاسە
«بۇلغانغان كىملىك»-كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئازغىنە كىشىلەرنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مىزانغا ياكى قانۇن-پەرمانلارغا خىلاپ بىنورمال ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشى نەتىجىسىدە قالغان جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلىنىشىغا ، ئاتاققا قېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان، جەمئىيەت تەرىپىدىن سەلبىي نام بېرىلىدىغان كىملىك ئوبرازىدۇر. مىللىي كىملىكنىڭ بۇلغىنىشى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە شەخىسنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي بەلگە چاپلايدۇ. بىر مىللەتنىڭ بۇلغانغان كىملىكىگە شەخىسنىڭ ھەرىكىتى، شۇ شەخىسنى ئوراپ تۇرغان ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى، ماكرۇ جەھەتتىن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە تارىخىي ئامىل سەۋەب بولىدۇ.قالپاق كېيىش بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ھەرىكىتى، تۇيغۇسى ماشىنىلاشقان؛ خاراكتىرى چاڭلاشقان؛ كىملىك تۇيغۇسى ئاجىز، غورورسىز ئادەملەرنى ئاۋۇتىدۇ؛ ئۆزلۈكنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ.قالپاق كىيىش بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەتتا ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە تېخىمۇ جىق ئىجتىمائىي بىنورماللىقلار سادىر بولۇپ مىللەت ئوبرازىنى ياغلىق قاپاق ئوبىيكتىغا ئايلاندۇرىدۇ.
« بىر مىللەتتە ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن بىللە يەنە ئۆز زەئىپلىكلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەك.»[28]ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكى دەل ئۇيغۇرلار ئېتىراپ قىلىشقا ھەم ئويلىنىشقا تىگىشلىك پاكىت. «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مەھمۇت قەشقىرىمىز، يۈسۈپ خااس ھاجىپىمىز بار، 12مۇقامىز بار»دەپ پەخىرلىنىۋاتقان چېغىدا، ئۆزىنىڭ مىللەت ئوبرازىغا كۆلەڭگە تاشلاۋاتقان بىر رەھىمسىز پاكىتنى_ئىچكىرى ئۆلكىكەردىكى بۇلغانغان كىملىكنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ھەم شەخىس نوقتىسىدىن ئاكتىپ ئىجابىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. شەخىس بىلەن مىللەتنىڭ تەقدىرى شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، مىللەتنىڭ كىرزىسى_شەخىسنىڭ كىرزىسىدۇر. شەخىسنىڭ ھەرىكىتى_ بىر مىللەت ئوبرازىنىڭ سۈزۈك ئەينىكىدۇر. بىزنىڭ ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن تېرىغان شالتىقىمىز ۋاقتى كەلسە ئۆزىمىز بىلەنلا كەتمەيدۇ، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ كىملىك ئوبرازى ھەربىر شەخىسنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىغا تەسىرلەرنى كۆرسىتدۇ. شۇڭا ھەر بىر شەخىس ئاۋۋال ئۆزىگە يۈز كىلىش ئۈچۈن، مىللەتكە يۈك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇلغانغان كىملىكى كىرزىسىدە بىر ئادەم ئاۋۋال ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىلە بىرلا: بىر ئادەم بىر مىللەت دېمەكتۇر. ئۇيغۇرنىڭ بۇلغانغان كىملىكى ئالدىدا، قانچىلىك ئاجىز ۋە ئۈمىدسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىزنىڭ يەنىلا ۋىجدان، ئەخلاق چاقىرىقلىرىغا مۇراجىئەت قىلماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق. ئۆزىنى كەمسىتىش، چۈشكۈنلىشىش، تۈگۈلىۋېلىش يولى بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ھەر بىر شەخىس مىللىي كىملىك ئۈچۈن قەرزدار ھەم مەسئۇلىيەتچان ھەرىكەت بىلەن ئەتىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. ئاۋىستىرالىيلىك جۇڭگۇ قان سېستىمىسىدىن بولغان مۇتەپپەككۇر جېن ۋېيگونىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا،«تۈنۈگۈنكى قوياش ئۆتۈپ كەتتى، ئىنسان ھامان ئەتىكى قۇياشنى كۈتىۋېلىشى كېرەك.»
سىتاتا مەنبەلىرى
[1] چېڭ بوچىڭ:«زامانىۋىيلىقتىن چىقىش»
成伯清:“走出现代性”,社会科学文献出版社,2005年,第82页
[2] سامۇئېل خۇنىېڭتون:«بىز كىم؟»
塞缪尔.亨延顿(美):“我们是谁?”,新华出版社,2005年,第12页
[3] يۇقىرقى كىتاب 22-بەت
[4] راندال كوللىنس، مايكىل ماكاۋۇسكى:«جەمئىيەتنى بايقاش»
兰德尔.克林斯,迈克尔。马科夫斯基(美):“发现社会之旅”,中华书局出版社,2006年,第380页
[5] جېڭ لى: «زىگمۇند باۋمەننى چۈشىنىش»
郑莉:“理解鲍曼”,中国人民大学出版社,2006年,第151页
[6] كارل روگېرس:«ئادەم بولۇش توغرىسىدا»
Carl R.Rogers:“个人形成论”, 中国人民大学出版社,2005年,导言,第4页
[7] راندال كوللنىس، مايكىل ماكاۋوسكى:«جەمئىيەتنى بايقاش»، 341-بەت
[8] ھېنرى پونتېل:«ئىجتىمائىي بىنورماللىق» (4-نەشرى)
Henry N. Pontell “Social Deviance”(Fourth Edition),Prentice Hall, p.52
[9] سامۇئېل خۇنتېڭتون:«بىز كىم؟»، 21-بەت
[10] ئېرۋىڭ گوفمان:«ئەيىبناق: بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر»
Erving Goffman:“Stigma,Notes on the Management of Spoiled Identity”
[11] ئېرخ فروم:«ساغلام جەمئىيەت»
Erich Fromm: “健全的社会”(美),国际文化出版公司,2003年,第12页。
[12] جوناتان پوتتېر:«پاراڭ ۋە جەمئىيەت پىسخولوگىيسى»
Jonathan Potter: “话语和社会心理学”,中国人民大学出版社,2006年, 第128页
[13] جورج رىتىزىر:«كېيىنكى مودىرنىزىم جەمئىيتىنىڭ نەزەرىيسى
George Ritzer : “后现代社会理论”,华夏出版社,2003年,第141页
[14] يۇقىرقى كىتاب، 137-بەت
[15]،[16] جېن پېتېر، م .ۋېلمسېن باشچىلقىدا تۈزۈلگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر»
Jan Pieter Van Oudenhoven Tinke M. Willemsen: “Ethnic Minorities”,Amesterdam isse Publishing, 1989, p.15
[17] ئېرۋىڭ گوفمان:«بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر»، 5-بەت
[18] جېن پېتتېر، م .ۋېلمسېن باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر»،17-بەت
[19] ئانتنىي گىددىنىس:«جەمئىيەتشۇناسلىق
Anthony Giddens: “社会学”,(第四版),北京大学出版社,2001,第263页
[20] يۇقىرىقى كىتاب، 264-بەت
[21] رادي فىش:«جالالىدىن رۇمى»، تاشكەنت،1986-يىل،ئۆزبىكچە نەشرى،46-بەت
[22] [23] ئېتېيىن بالىبار، ۋاللېر ستەيىن:«مىللەت، سىنىپ، ئىرق:مەۋھۇم كىملىك»
Eteine Balibar, Wallerstain:“Nation, Class, Race: Ambiguous Identities”,Vintage Press,1998, p.94
[24] ئەسئەت سۇلايمان:«تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2002-يىل،457-،458-بەتلەر
[25] رالف ئېللىسون:«كۆرۈنمەس ئادەم»
Ralph Ellison: “Invisible Man”,Foreign Language Teaching and Research Press, 2002
[26] كارل روگېرس:«ئادەم بولۇش توغرىسىدا»،164-بەت، ئاپتۇرنىڭ يەنە بىر پىسخولوگ ئابراھام ماسلوۋنىڭ بايانىدىن ئالغان نەقىلى
[27] ئېرخ فروم:«ساغلام جەمئىيەت»،خەلىقئارا مەدەنىيەت نەشىرىياتى، خەنزۇچە، 2001-يىلى
[28] ئەسئەت سۇلايمان:«تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، 458-بەت
|
|