پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 4

«ئويغانغان زىمىن»دىكى ئاچچىق قىسمەت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
36
قىزغىنلىق
226 سەر
تىللا
201 دانە
تۆھپە
139 سەر
شۆھرەت
201 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قوغدىغۇچىسىOffice ماھىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 21:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



«ئويغانغان زىمىن»دىكى ئاچچىق قىسمەت


ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ  ئويغانغان زىمىن  رومانىدا جاللات شىڭشىسەينىڭ تەرەپىنى قىلىدىغان ئىككى روسىيىلىك كونسۇل تەسۋىرلىنىدۇ.ئۇنىڭ بىرى زىلاتىكىن يەنە بىرى بولسا ئاپرىسوۋ.زىلاتىكىن شىڭ شىسەينى قوللاپ ئۇنىڭ خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن  جىمسار پۈتۈمى ئىمزالىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.ھەمدە سوۋىت ئىتىپاقىغا ۋاكالىتەن بۇ پۈتۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەت بېرىدۇ.لىكىن شىڭشىسەينىڭ مەقسىتى مۇشۇ ئىش ئارقىلىق خوجىنىياز ھاجىلارنى قىلتاققا دەسىتىش ئىدى.بۇ پۈتۈمنىڭ روھى بويىچە شىڭسەي شىمالىي شىنجاڭنى،خوجىنىياز ھاجىلار جەنۇبىي شىنجاڭنى باشقۇردىغان بولىدۇ.لىكىن شىڭ شىسەي بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالماي خوجىنىياز ھاجىنى ئەمەل بىلەن قىزىقتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.تۆمۈر خەلىپىنىڭ ساۋىقىنى ئېسىدە تۇتقان خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە بېرىشقا قوشۇلمايدۇ. بۇ ۋاقىىتا زىلاتىكىن ئاللىقاچان كەتكەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئاپرىسوۋ كونسۇل بولۇپ كېلىدۇ.ئاپرىسوۋمۇ زىلاتىكىننىڭ يولىدىن مېڭىپ،خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزى بىۋاستە ئايرۇپىلان بىلەن ئاقسۇقا بېرىپ،خوجىنىياز ھاجى بىلەن سۆھبەتلىشىپ،بىر ئاماللارنى قىلىپ ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بېرىشقا ماقۇل كەلتۈرىدۇ.“ئويغانغان زىمىن“رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئاپرىسوۋنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىنىدۇ:

-ھاجىم جاناپلىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ،مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىدا ئولتۇرسا،يالغۇز جەنۇبىي شىنجاڭغىلا ئەمەس،شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە ئۆز ھۆكۈمىنى يۈرگۈزەلەيدۇ.بۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان،قايسى بىر ئۇيغۇرغا بۇنداق ئالىي ماقام،ئالىي ھوقۇق نىسىپ بولغان؟ھېچكىمگە،شۇنداق ئەمەسمۇ؟شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆلكە رەئىسى ياكى ۋىلايەت ۋالىسى تۇرماق،ناھىيە ھاكىملىقى،ھەتتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھاكىميەت ئورنىنىڭ باشلىقلىقىمۇ تەگمىگەن.سىز گېنىرال جاناپلىرىغا ئوخشاش بىر نەچچە مىڭ كىشلىك رەسمىي قوشۇنغا قۇماندان بولۇش ھېچكىمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ باقمىغاندۇ!بۇنى مۇشۇ دەۋىرنىڭ مۆجىزىسى دېمەي مومكىنمۇ؟مەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىمەن.سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا،پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە،ھەر ئىشقا قابىل،ئەقىللىق ۋە زېرەك مىللەت.سىلەر شۇ مىللەتنى خىتايلار بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق قىلىش،ئەركىن-ئازادە ۋە پاراۋان ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قان كىچىپ،جان بېرىپ كۆرەش قىلدىڭلار.ئەمدى سىلەرنىڭمۇ يۇرت سورايدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى.پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭلار.بۇنىڭ ئۈچۈن ھاجىم جاناپلىرى شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئورنىدا مەھكەم ئولتۇرۇپ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزىشى كېرەك.(ئويغانغان زىمىننىڭ2-قىسمى360-بەتتىن ئېلىندى)  بۇ ۋاقىتتا ھاجىم تۆمۈر خەلىپىنىڭ پاجىئەسىنى مىسال كەلتۈرۈپ چىڭ تۇرىۋالىدۇ.بۇ چاغدا ئاپرىسوۋ:

-شىڭ دۇبەن ياڭ جاڭجۈنگە ئوخشىمايدۇ.سىز ياشاۋاتقان زامانمۇ تۆمۈر خەلىپىنىڭ زامانىسى ئەمەس.گېنىرال مەھمۇت موھىتى بىر نەچچە مىڭ كىشلىك مىللى قوشۇن بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئۆزۈڭلار تەيىنلەيسىلەر.شۇرالار ھۆكۈمىتىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن تۈزۈلگەن جىمسار پۈتۈمىدە شۇنداق بەلگىلەنگەن ئەمەسمۇ؟بۇ پۈتۈمنىڭ ئىجىراسىغا ھېلىمۇ بىز كېپىل،ھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگىمۇ بىز كېپىل،ھەممىڭلارغا بىز كېپىل(ئويغانغان زىمىن 2-قىسىم361-بەت)

مانا مۇشۇنداق قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى گەپلىرى بىلەن ئاپرىسوۋ ئاخىرى ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بېرىشقا كۆندۈرىدۇ.ھاجىم ئۈرمچىگە بېرىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ.ھەمدە قەپەزدىكى شىردەك يۇلقۇنۇپ چىقىپ كىتىشنىڭ ئامالىنى قىلماقچى بولىدۇ لىكىن بۇ ۋاقىتتا ئاپرىسوۋ قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك يوقاپ كىتىدۇ. ئوغانغان زىمىن رومانىدا ھاجىم بۇ ھەقتە ئېچىنىپ مۇنۇلارنى خىيال قىلىدۇ:

  يولۋاستەك قورقۇمسىز،بۆرىدەك ئالغۇر،سېغىزخاندەك سەزگۈر يىگىتلىك چاغلىرى-قاتاڭغۇر كەلگەن كەكە ساقال،كۆزلىرىدە ئەقىل-دانىش چاقناپ تۇرىدىغان غەيرەتلىك ئەمما ئۆزى سەبىي بالىدەك ئاق كۆڭۈل يولباشچى تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئۆتكەن ئۇنتۇلماس چاغلار .ھەي شۇ ياغاچ يۈز تەقۋادار لى شۆفۇنىڭ شىرىن سۇخەنسازلىق بىلەنقۇرئانتۇتۇپ بېرىشلىرى يەنە نېمىلەر،نىمىلەرلى شۆفۇدەك تۇتۇپ بەرمىسىمۇ،سۇخەنسازلىقتا ئۇنىڭدىن ئۇستىراق ئاپرىسوۋ نەگە يوقالدىكىن-ھە!قېنى ئۇ تەنتەنىلىك ۋەدىلەر،قېنى!قېنى ئۇ ھەيۋاتلىك تاغلاردەك ئۇلۇغۋار كاپالەت؟ھەممىسى ئۇنتۇلدىمۇ شۇنچە تېز،گوياكى بىر دەملىك چۈشتە كۆرگەندەك..(ئويغانغان زىمىن 2-قىسىم462-بەت).

   دېمەك،سىلەر كۆرىۋاتقان بۇ كىشى دەل خوجىنىياز ھاجىنى شىڭسەينىڭ قىلتىقىغا ئۇستىلىق بىلەن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاپرىسوۋ.تارىخ نۇرغۇن ساۋاقلار ۋە كۆز ياشلارنىڭ مەھسۇلى.ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:دۇنيادا ياشىغان ئىكەنسەن،ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن ياشا.مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشۇڭدا بولسۇن،ساۋاقلىرىڭنى ئۇنۇتماي،ئۇنى ئىلگىرلەش يولۇڭدىكى بىر ماياك دەپ بىل.چۈنكى كىينكى پۇشايمان ئۆزۈڭىگە دۈشمەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 20:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىسىل رۇماندە ئۇ .
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6014 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4122 سەر
شۆھرەت
4583 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 22:31:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئېسىل رومان بۇ !روماندىكى ئەقلىيە سۆزلەرچۇ تېخى !!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 12:01:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسل رومان! ئۇقۇپ قۇيۇشقا ئەزىيدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
109 سەر
تىللا
49 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاھەمكارداش

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 21:44:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىن بىرەر مىسال ئاڭلىمىغىلى، رەخمەت سىزگە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 16:34, Processed in 0.102460 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش